نالەن يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:42:52

ئانا، سىزگە دەيدىغانلىرىم

/uploads/allimg/100503/14_100503203807_1.jpgقەدىرلىك ئانا:

سىزگە ئېيتسام، سىز مېنىڭ ھەم ئانام، ھەم دوستۇم، چۈنكى، ئىككىمىز كىتاب كۆرۈش، تەسىرات سۆزلەش، بىللە ئويناش، بىللە بازارغا بېرىش ۋە بىللە تاماق ئېتىش قاتارلىق ئىشلارنى دائىم بىرلىكتە قىلىمىز. ئانا، سىزنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ماڭا ھەمراھ بولغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! چۈنكى، بۇ ئىشلار مېنى تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ خوشال قىلدى ۋە ماڭا ئالەمچە بەخىت ئاتا قىلدى.
ئانا، مەكتىپىمىزدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېيتىپ بەرسەم كېچىلەردە كارۋېتىم يېنىدا ئولتۇرۇپ زېرىكمەي ئاڭلىغىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ مېنىڭ شۇ چاغدىكى خوشاللىقىمنى بىلمەسىز؟
ئانا، مەن خوشال بولسام، سىزمۇ تەڭ شادلاندىڭىز؛ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسام مەدەت بېرىپ، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىمگە تۈرتكە بولدىڭىز، سىز بولغاچقىلا كۈنلىرىم غەم - قايغۇسىز ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بەكمۇ مىننەتدارمەن.
ئانا، سىز دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ئانا. ھەر قېتىم مەكتىپىمىزدە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە، مېنى كۆپرەك ئىئانە بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىسىز.  يەنە تېخى سىنىپىمىزنىڭ يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ۋە ئاتا - ئانىلار سۆھبەت يىغىنى پىلانلاش ئىشلىرىدا ماڭا ھەمدەم بولىسىز.
ئانا، ئائىلىمىز گەرچە ئانچە باياشات ئائىلە بولمىسىمۇ، ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن بىز ئارزۇيۇمنى سىزگە ئېيتماقچى بولۇۋاتىمەن. ئۇ بولسىمۇ مەن مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ، ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە بېرىشتۇر. ئۈرۈمچى مەن ئەڭ تەلپۈنىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى. ھەر قېتىم تېلېۋىزوردىن ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرىنى كۆرگىنىمدە ھاياجىنىمنى باسالماي قالىمەن. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈرۈمچىنى كۆرەلىسەم، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلغان بولاتتىم.
ناۋادا بارالماي قالساممۇ، سىزدىن ھەرگىز ئاغرىنمايمەن، چۈنكى دادام ئىككىڭلارنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش. ئەگەر بۇ قېتىم بارالمىسام، ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە چوقۇم شىنجاڭ ئونۋېرستېتىغا ئوقۇشقا بېرىشنى قولغا كەلتۈرىمەن. ئەنە شۇ چاغدا ئۈرۈمچىنى قانغۇدەك كۆرۋالارمەن.
ئانا، سىز مېنىڭ ئاناملا ئەمەس، بەلكى ئەڭ يېقىن سىرداش دوستۇمسىز. شۇڭا سىز بىلەن مەڭگۈ ھازىرقىدەك ئۆتسەمكەن، دەيمەن.


مەنبە: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك ئەسەرلىرى ژورنىلى

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:23:55

ئانىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:36:20

گۈزەل ئارزۇكەن.

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:51:17

ئاتا - ئانىلار ھەم ئاتا-ئانا ھەم دوسىت بولالىسا بۇ بەكمۇ قالتىس ئىش بولىدۇ ،بەلكىم ھەممە بالىلار مۇشۇنداق بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغاندۇ . لىكىن كۆپۈنچە ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ دوستى ئەمەس ئاتا ئانىسى بولۇشقىمۇ چولىسى تەگمەيدۇ ...

Qarshi_Qirghak يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:31:54

ئانامنىڭ تۇنجى ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىسى مېنىڭ بىرىنچى سائەتلىك دەرسىم بولۇپ قالغان .

ئانام ھەم دوستۇم ھەم ئوقۇتقۇچۇم ھەم دوختۇرۇم بولۇپ كەلگەن .
بەت: [1]
: ئانا، سىزگە دەيدىغانلىرىم