نالەن يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:41:05

گۈزەل پەزىلەت

سەمىمىيلىك، ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە ئىنسانلار ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ نامايەندىسى. سەمىمىيلىك كىشىگە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت ئاتا قىلىدۇ. سەمىمىيلىك ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى، كەمتەرلىكىنى ئىپادە قىلىدىغان مۇھىم ۋاستە.

سەمىمىيلىك كومپاسقا ئوخشاش بىزنى ئەخلاق يولىغا باشلاپ ماڭىدۇ. بىز ئەدەپ-ئەخلاقتىن، ئاق كۆڭۈللۈكتىن، راستچىللىقتىن سەللا يىراقلىشىپ قالساق، سەمىمىيلىك خۇددى ئۈنۈملۈك دورىدەك بىزنى دەرھال توغرا يولغا باشلاپ ئەكىلىدۇ. دوستۇم، سىزدە مۇشۇنداق گۈزەل پەزىلەت بولسىلا، بەخىتنىڭ ئىشكىڭىزنى چېكىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.



مەنبە: تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلى

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:20:30

سەمىمىيلىك سېنى روھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ.

Qarshi_Qirghak يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:42:21

لېكىن بەزى ھاللاردا قارشى تەرەپ سىزنى سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلىپمۇ قالىدىغان ۋاقىتلار بولىدۇ .

ئەلۋەتتە بۇ پەزىلەتنى ئۆزىمىزدىن ئايرىماسلىغىمىز كېرەك .
بەت: [1]
: گۈزەل پەزىلەت