ماھىتابان يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:33:45

مۇھەببەتمۇ بىر خىل جىددىي كېسەللىك

ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەببەت بىر خىل جىددى خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك ھېسابلىنىدىكەن. بىر ئادەم مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغاندا كۆڭلى ھېچنىمە تارتمايدۇ، ئۇيقۇسى كەلمەي ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلىدۇ. گەپ- سۆزلىرى سۆيگىنىنىڭ گۈزەل جامالى ھەمدە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت خامۇشلۇق تۈرىدىكى جاھىل كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ناھايتى ئوخشايدۇ. ئىنسانلارمۇ باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتىن ئىبارەت بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندا ئەرلەر بىلەن ئاياللار مۇھەببەت قاينىمىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ.


مەنبە: 100كېسەلگە 100 رېستىپ

jahandar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:42:20

مۇشۇ كۈنلەردە كۈڭلۈم ھېچنەرسىنى تارتمايدۇ،كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ،ئەجەبا.....:L :L :L

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:47:10

jahandar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:42 AM دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
مۇشۇ كۈنلەردە كۈڭلۈم ھېچنەرسىنى تارتمايدۇ،كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ،ئەجەبا.....:L :L :L

سامسىنىڭ خېمىرىنى چەيلىشىپ بېرىڭلا ئەمىسە....  مەن قىيمامنى قىلىۋالاي...:lol
ئۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھارغىچە ئىشلەپ، دىققەتنى بۇراپ، ئۇخلاش...

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 04:00:32

مۇھەببەت بىر كىسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان..

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:15:24

مېنىڭ ئۇيقۇم شۇنداق ياخشى.:lol

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:18:57

مەنمۇ بەزىدە ئۇيقۇم كەلمەي قىينىلىمەن، ئەجىبا بۇكەم بولغاندىمۇ ئەمدى....:L

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:44:50

الللاغا تۇمەنمنىڭ شۈكرىلەر بولسۇن ! بۇ جىددى كېسەلدىن ئانچە قىنالمايلا ئۆتۇپ كېتىپتىمەن جۇمۇ .

Jilwe يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:25:54

بۇ كىسەللىك پىشقەدەملەردىن بىزگە قالغان ئوخشايدۇ ، < پىرىڭ بولغان ئېرىڭ بوپتۇ > دىگەن مىسال بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلدى .:P

Qarshi_Qirghak يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 15:27:26

مەنچە بۇ كېسەلنى قەدىرلىگەنلەر غەلبىلىك يېڭىپ كېتىدۇ .

ATILLA يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:02:02

بۇ كىسەلنى قارشى تەرەپكە يۇقتاغىلى  بولماسما؟
بەت: [1] 2
: مۇھەببەتمۇ بىر خىل جىددىي كېسەللىك