دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئ
دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى: ئەجداد-ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكىمەدەنىيەت ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالغان نەرسە ئەمەس. بىر قەۋم ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ ماڭىدىغان، ئالدىنقىلار كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرىدىغان ئۈزۈلمەس رىشتە.
مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەر باغلىنىدۇ، مەدەنىيەت بىلەن قەلبلەر شادلىنىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى بولمىش باش كىيىم-دوپپا مەدەنىيىتىمۇ ھەم شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
دوپپا كىيسەم ئەرلىك قامىتىم تىكلىنىدۇ، ئەرلىك روھىم كۈۋەجەيدۇ. ئۆزۈمنى تېخىمۇ قالتىس سېزىمەن. يىللاردىن بېرى ئېيتقۇسىز سەۋەبلەر بىلەن پۈكلىنىپ كەتكەن روھىم قاناتلانغاندەك بولىدۇ. راست، مەن شۇنداق سېزىمەن، تېنىم ھەم، روھىم ھەم تېخىمۇ مۇكەممەل ئەرلىككە قاراپ ماڭىدۇ. جاھانغا ۋارقىرايمەن: «مانا مەن ئەر» دەپ...
بۈگۈن (2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى) كەچتە دادامنى يوقلاپ كېلەي دەپ ماڭدىم. داداملارنىڭ مەھەللىسى دوقمۇشىدا بىر كاۋاپخانا بار ئىدى. كاۋاپنى بۇيرۇتىۋېتىپ چىقىشىنى ساقلىدىم. شۇ ئارىدا 20 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ئاق پىشماق، پادىچىلار ئىشتىنى كىيگەن بىر يىگىت كاۋاپدان ئالدىغا كەلدى. ئۇ كاۋاپچى بىلەن خېلى ئوبدان تونۇشىدىغاندەك تۇراتتى.
- ھە، كاۋاپ يەي دەپ كەپسەندە؟
- ھە ئاكا، 10 زىق باسە.
- تويغا بېرىپ كەلدىڭما ئۇكام؟
- قانداق دەيسەن، ئاكا؟
- دوپپا كىيىۋاپسەن، شۇڭا دەيمىنا.
- ياق، بۈگۈن دوپپا بايرىمىكەن (ئۇ دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى دېمەكچى ئىدى). شۇڭا كىيىۋالدىم.
- نېمە بايرىمى؟
- دوپپا بايرىمى ئاكا، دوپپا.
- ھەي... مۇشۇ ياش بالىلارنىڭ تاپمايدىغان ئىشى يوق جۇما، دوپپا دېگەننى ھېيت -بايرام، توي-تۆكۈندە كىيىدىغان نەرسە ئۇ.
يىگىت ئارتۇق گەپ قىلمىدى. 50 ياشتىن ئاشقان بوۋايغا چۈشەندۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى دەپ ئويلىدىم.
ئاڭغىچە كاۋىپىم چىقتى، يولدا كېتىۋاتىمەن، بوۋاي بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ كۆز ئالدىمدا لەيلەپ يۈرىدۇ...
بوۋايغا سۆز: مەدەنىيەت لازىمى بولغاندا تېپىۋالىدىغان، لازىمى بولمىسا تېپىۋېتىدىغان نەرسىمۇ؟
يىگىتكە سۆز: مەدەنىيەتنى چوقۇم بايرام شەكلىدە خاتىرىلەش كېرەكمۇ؟
كەمىنىنىڭ چولتا قارىشىدا مەدەنىيەتنىڭ بايرام شەكلىدە خاتىرىلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلۇغ مەدەنىيەت بايرام شەكلىدە خاتىرىلەنمەسلىكى، بەلكى شۇ قەۋمنىڭ ھەربىر ئىش-پائالىيىتى، گەپ-سۆزىگە كىشى سەزگۈسىز دەرىجىدە جىپسىلىپ كېتىشى كېرەك ئىدى.
قېنى، بۇرادەرلەر نېمە دەيدىكىن، ئاڭلاپ باقايلى...
مەنبە: قىسمەت بلوگى
مەنزىل: http://www.qismet.me/uzukchilik.html
http://www.file-zona.com/uploads_f7/ozbegim.mp3
ئۆزبېك قېرىنداشلاردەك كىيسە دوپپىنى ، نەگە بارسا دوپپا باشىدا !
شىرئەلى جۇرايېۋنىڭ بۇ كۈيىدە بىر مىسرا دوپپىغا بېغىشلانغان!
بەت:
[1]