جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:39:05

بالىلىرىڭىز سىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىڭىزدىن ئەڭ بىزار

بالىلىرىڭىز سىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىڭىزدىن ئەڭ بىزار
http://nur.cn/upload/20110318/1300423342_20967.jpg
شىنخۇا تورى ماقالىسى، ئادەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ «قاتتىق قۇلاق»، «ئويۇنقېپى» ... ئىكەنلىكىدىن قاقشاپلا يۈرىدۇ. ئۇلارنى ئۆيدىمۇ ھەتتا  كوچىلاردا تەنقىدلەپ، ئۆزىچە گەپ ئاڭلاتماقچى بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ئەتىدىن كەچكىچە بالىلىرىنىڭ ئۆزى سىزغان سىزىقلاردىن چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئۇلارنى ھەتتا ئۇرۇش ئارقىلىق گەپ ئاڭلاتماقچى بولىدۇ. بالىلارمۇ ئايرىم بىر دۇنيا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھە دېسىلا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دېگىنىگە كىرگۈزۈشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭلاشقا، ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرى «ئۇنداق بولۇپ كەتتى، مۇنداق بولۇپ كەتتى» دەپ تولا ئاغرىنماي، «بىزدە مەسىلە بارمۇ-يوق» دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ بېقىشى كېرەك. بالىلارنىڭ كۆڭلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلارچە خىيالى، بالىلارچە قىزىقىشى، بالىلارچە ئارزۇلىرى ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسىلا، ئۇنىڭ پىكرى يوللۇق تۇرۇپ. يەنىلا سەل قارالسا، ئۇلارمۇ بويۇنتاۋلىق قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار يەنىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇلارغا يول قويۇشى، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇنداقتا، بالىلارمۇ ئاتا-ئانىلاردىن بىزار بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بولىدۇ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلىرىدىن تولىمۇ بىزار ئىكەن:

1. كوتۇلداش
بالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممە ئىشقا چېپىلىۋېلىپ، توختىماي كوتۇلدىشىدىن بىزار ئىكەن. ئاتا-ئانىلار ئادەتتە ئۆز بالىلىرىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان ھەم ئۇلارغا «ياخشى بولسۇن» دەپ ئەڭ ئاددىي نەرسىنىمۇ نەچچە قېتىم جېكىلەيدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارغا ئەكس تەسىر بېرىدىكەن. بالىلار ئادەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ توختىماي كوتۇلدىشىدىن ناھايىتى بىزار بولۇپ، بولۇپ ساۋاقداشلىرى ياكى بىرەر دوستىنىڭ ئالدىدا شۇنداق ئىشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن بەك قورقىدىكەن.
ئۇنداقتا، بالىلار نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ كوتۇلدىشىدىن شۇنچە قورقىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ كوتۇلداشلىرىدا ئاغرىنىش، نارازى بولۇش، بىزار بولۇش، ئەيىبلەش قاتارلىقلار كۆپ. بۇلار ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ-دە! بالىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى بىر توقاي ئەيىبلەش ياكى ئاغرىنىش بولماستىن، سەمىمىي ئەسكەرتىش، يول باشلاش ۋە چۈشىنىشتۇر. ئۇلارغا چوڭ ئادەملەردەك مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئورنى يوق. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى يەنىلا يېتەكلەش، خاتالىق ئۆتكۈزسە، بەك چالۋاقاپ كەتمەي، كەچۈرۈۋېتىش، توغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك.

2. مىجەزى چۇس بولۇش، تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىش
بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن:«مەن نېمە ئۈچۈن دادامنىڭ مىجەزىنىڭ بۇنداق ئوسال بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇ زادى كۆزۈمگە سىغمايدۇ. تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ، مېنىڭ چۈشەندۈرۈشمگە يولمۇ قويمايدۇ».
شۇنداق، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوسال مىجەزىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەدىسىلا ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشىغا دەستەك قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشۇش، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى بالىلارغا تاقاپ تۇرۇپ ھەل قىلماسلىق كېرەك.

3. دائىم باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش
ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بالىلارنىڭ ئاجايىپ داڭلىق كىشىلەردىن بولۇپ، ئۆزىگە ۋە جەمەتىگە شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز بالىلىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە باشقا جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. بالىسىنىڭ باشقىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئازراق تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى بىلەن ھامان يەنە كوتۇلداشنى باشلايدۇ. ھەتتا، ئۇلارنى يوققا چىقىرىپ، «ئادەم ئەمەسكەنسەن، سېنى باققۇچە ھايۋاننى باققان بولسام، ئىسىت»دېيىشتىنمۇ يانمايدۇ. ئۇلارنى كەمسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا كۆز يۇمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى تازا بىر تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەي دەپ تۇرغان بالا ئۆزىنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ-دە، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

4. دائىم بۇيرۇقۋازلىق قىلىش، ھەددىدىن زىيادە ئەركىنلىكىنى چىگىش
بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن:« ئاپام ھەر كۈنى ئەتىگەندە مېنى سۈت ئىچىشكە قىستايدۇ، مەن ئادەتتە سۈتنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ. ئاپام دائىم خۇددى مېنى قول خادىملاردىن باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاددىي ئىشلارغىمۇ مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى قوللىنىدۇ. مەن بىر قېتىم بىر دوستۇم، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بىر ئىشى قىلىپ باقايلى، دەپ ئاپامغا ئېغىز ئاچساملا، ئۇ چالۋاقاپ، بېرىشىمغا قەتئىي قارشى تۇردى. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە يېلىنىپ تۇرساممۇ، ئۇ ‹ئۆگىنىشىڭگە تەسىر يېتىدۇ› دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى».
بالىلارمۇ بىر دۇنيا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇيرۇقۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەلۇم ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇلارغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرماي، بەلكى ئۇلارنى قوللىشىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇلارنى تىزگىنلىۋالماي، ئۇلارنى روھىي كىشەنلەر ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ساغلام كىشىلىك خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

5. ئۆگىنىشىدىن باشقىسىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك
بىر ساۋاقداش بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« مەن بىر قېتىم دادام بىلەن پۇتبول توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالغان ۋاقتىمدا، ئۇ بۇ توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، ماڭا تەربىيە ئىشلەشكە باشلىدى. ئادەتتە، ئۆيدە مەن توغرىلىق بىرەر گەپ بولسىلا، ئۇ دەرھال گەپ تېمىسىنى مېنىڭ ئۆگىنىشىم ۋە ئىمتىھان نەتىجىلىرىمگە تاقاپلا تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ دائىملا مېنى‹ سەن بەك ئويۇنقېپى بولۇپ كەتتىڭ، بۇرۇنقى تېرىشىدىغان چاغلىرىڭ ئەمدى كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ. ھە دېسىلا پۇتبول، تەنتەربىيەنىڭلا گېپىنى قىلىسەن، ئەگەر سەن ھازىر ياخشى ئوقۇماي، كېيىنچە ياخشى خىزمەت تاپالمىساڭ، ئۇ چاغدا سەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىش بېلىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيسەن!›دەپ ئاچچىقلاپ كەتكەنىدى. مېنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغۇم ۋە شۇ ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇم بار ئىدى. ئەمما ئۇ ھەدىسىلا ئۆگىنىش، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭلا گېپىنى قىلىپ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلىشىمغا پۇرسەت بەرمىگەنىدى».
بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلار پەقەت بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلىرىغا بولسا، بىپەرۋالىق بىلەن قارايدۇ. ئەگەر بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى تاسادىپىي چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى يامان تەرەپتىنلا ئويلاپ، ئۇلارغا ئازار بېرىدۇ، مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باللارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشى كېلىپ چىقىدۇ.

شۇنداق، ئاتا-ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان، ئەمما ئۇلارنىڭ زىممىسىگە پەرزەنت تەربىيىلەشتىن ئىبارەت غايەت زور بۇرچ يۈكلەنگەن. ئۇلار بۇ بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل قوللىنىشى، ئۆزىنىڭمۇ بالىلىق دەۋرى بولغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنىڭ سەبىي ھەم گۆدەك قەلبىگە ئازار بەرمەي، ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە مەدەت ۋە ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئوبرازى تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ.

مەنبە: نۇر تورى.



مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:09:41

مېنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىشىمدىن  باشقا ھەممە تەرىپىمدىن بىزارمىكىن بۇ ۋىتىلداقلىرىم :lol

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:15:35

مەن دائىم باشقىلارنىڭ بالىلرى بىلەن سىلىشتۇرۇشلاردىن بىزار بولدۇم راسىت گەپ   پالانچى پوكۇنچىنىڭ بالىسى ياخشى جايدىن لايىق تىپىپ توينى قىلۋالدى  سەن بىرمىلە  دەيدىغان بولسا قاچىمەن ھە   ئاستالا  ```

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:36:32

تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، ئەمسە مۇشۇ بالىلارنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بېرىپ كارىمىز يوق، مەيلىگە قويۇپ بېرىپ بىر تەربىيەلەپ باقساق، قانداق بولار؟؟؟
مېنىڭچە ھەممە نەرسىنىڭ ئەمەليىتى مۇھىم، كىتاپ يازغانلارنىڭ، توختىماي پەرزەنت تەربىيىسى توغۇرلۇق لىكسىيە سۆزلىگەنلەرنىڭمۇ ئەمەليەتتە بۇنداق قىلىشى، ئۆزىنىڭ دىگىنىگە ئەمەل قىلىشى ناتايىن.
چۈنكى مەن ئۈچ بالىنى ئالدىمدا تۇرغۇزۇپ تەربىيلەۋاتقان بىر ئانا، نۇرغۇن ئىشلاردا كىتاپتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە قىلىمەن، ھەتتا مەن بالىلىرىم خاتالىق سادىر قىلسا، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ دوستلارچە مۇڭدىشىپ، ئۇنىڭ نىمە ئويلايدىغانلىقى، مۇشۇ خاتالىقنى نىمە سەۋەپتىن، نىمە مەقسەتتە سادىر قىلىپ قويغانلىقى توغۇرلۇق ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئالىمەن، ئارقىدىن بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشىنى، ئەمدى بۇنداق ئىشنىڭ ئىككىنچى قېتىم سادىر بولۇپ قالماسلىقى توغۇرلۇق بەكمۇ چىرايلىق، سىلىق- سىپايە تەربىيە قىلىمەن. مەن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنىمىنى كۆرەلمەي ھەتتا پىسخېكا مەسلىھەتچىسىمۇ تەكلىپ قىلدىم، بىرەر يېرىم ئايدەك مەسلىھەتچىنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆردۈم.
پايدىسى بولمىدى دىسەم بولماس، پايدىسىمۇ كۆرۈلدى،  ئەمما ئاخىردا يەنىلا ئۆزۈمنىڭ قاتتىق قوللۇق قىلىشىم، بۇرۇنقى كىتاپ بويىچە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىمنى ئۆزگەرتىپ ئەمەليىتىگە قارىتا لايىقىدا تەربىيە ۋە تەنبىھ بېرىشىم ئارقىسىدا، ئاللاھ خالىسا ھازىر ئازراق بولسىمۇ رېتىگە چۈشتى، بەلكىم مېنىڭ بالىلىرىممۇ مېنىڭ كوتۇلداشلىرىمدىن نارازىدۇر، بىر نەرسىنى قايتا- قايتا دەۋەرگىنىمدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغاندۇر، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ مەيلىگە قويۇپلا بەرسەم مەن ھەپتىدە بىر قېتىم،  بولمىسا ئىككى قېتىم مۇئەللىملەرنىڭ تېلىفۇنىنى قۇبۇل قىلىمەن، مەكتەپلەرگە چاقىرتىدۇ، بالىنىڭ مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە قانداق بولغانلىقى، دەرىسلەردە بۇرۇنقىدەك بولماي قالغانلىقىدەك بىر توقاي ئەرز- شىكايەتلەرنى ئاڭلاپ كېلىپ، قانداق قىلىمەن، كوتۇلدىماي:(.
شۇڭا مەن ھازىر شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلىپ يەتتىم:
بالىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، قانداق ئامال- چارىلەر توغرا كەلسە شۇنداق تەربىيلەش زۆرۈر ئىكەن، ھەدىدىن بەك مەيلىگە قويۋەتكەن بالىمۇ ياكى ھەدىدىن بەك چىڭ تۇتىۋەتكەن بالىمۇ ياخشى تەربىيە ئالالمايدىكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تومۇچىلىقى بۇ خەقنىڭ، ۋاقتى كەلسە ئۇستا تېۋىپمۇ تۇتالمايدۇ، بۇلار تۇتقان تومۇرنى:lol، يۇقۇرقىدەك ماقالىلارنى كۆرۈپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە تەدبىقلاشقا توغرا كەلسە ئىشلەتكۈلۈك، بولمىسا جايىدا قالغۇلۇق، ھەر كىم ئۆزىنىڭ  بالىسىنىڭ مىجەزىنى ئۆزى بىلىدۇ ئەمەسمۇ:L

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:39:13

نىمە دىسە شۇ قىلىپ باققان بالا  سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس باشلىقىڭىز  پەقەت سىزگە بۇيرۇق چۈشۈرگۈچىلا بولۇپ چوڭ بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايتتى چوڭ ```  مېنڭچە

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:44:24

dilroh يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 22:39 static/image/common/back.gif
نىمە دىسە شۇ قىلىپ باققان بالا  سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس با ...

مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشىم دەل مۇشۇ، ئاتا- ئانا ۋە بالىنىڭ ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى:Q، شۇڭلاشقا ھازىر نارازى بولسىمۇ، بىزار بولسىمۇ كەلگۈسىدە، ئاتا قايسى، ئانا قايسى، ئۆزى كىم دېگەننى بىلىپ چوڭ بولسا دەيمەن.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:44:10

مۇشۇ كۈنلەردە شاھزادەم بىلەن چىقىشالمايدىغان بولۇپ قالدىم، كىچىككىنە تۇرۇپ مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ تېخى. دادىسى تەرەپكە ئۆتۈپلا كېتىدىغان بولىۋالدى، ئاپا دېگەن بالىغا يامان بولۇپلا تۇرىدىغان گەپكەن. ئويلاپ قالدىم، توردىن ئۆزەمنى سەل يىغىپ بالامنى ياخشىراق كۈزىتىپ باقايمىكىن. كىيىنچە گەپ ئاڭلىماسلا بولسا يىغلاپ نەگە بارىمەن. كىچىك تۇرۇپ ئۆيگە كىرىپلا كومپيۇتېر دەيدىغان بولۇۋالدى، دادىسى ئاپىڭىزنى مۇت دورىدىڭىز دېسە، جېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزەمنى ئوڭشىۋالاي....:L

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:21:35

بۇنداق يازمىلارنى ئوقۇۋېتىپ بەكلا ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بىراق، بالىلارغا شۇ ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ كىتابتىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي بالىغىمۇ ئۆزىمىزگىمۇ روھىي بېسىم پەيدا قىلىۋالىمىز.
يەنىلا مەرۋەر ھەدەم ئېيىتقاندەك ھەر بىر ئاتا-ئان بولغۇچى بالىسىنىڭ مىجەز-خۇلقىغا لايىق ئىش كۆرۈپ تەربىيەلىشى لازىم. تۇرمۇش كىتاب-ژورناللاردا تەسۋىرلىگەندەك ئاددىي ئەمەس. بالا تەربىيەلەش ئانا ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئۆتكەلدۇر.

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:04:11

بالىغا ئىلھام بىرىش بەك مۇھىمكەن.

pariyda يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:18:19

مېنىڭچە بولغاندا ئاتا ئانام مېنىڭ ھەرقايسى تەرپىمگە كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ قارايمەن!مېنىنڭ ئاتا-ئانام قالتىس!!!:victory: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pariyda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:18  

بەت: [1]
: بالىلىرىڭىز سىزنىڭ قايسى تەرەپلىرىڭىزدىن ئەڭ بىزار