ئەرلەر يەتتە خىل غەلىتە ئاغرىققا سەل قارىماسلىقى كېرەك
1.كۆكرەك قىسمى قىسقا مۇددەت ئاغرىشبۇ ئاغرىق تېز تۇتۇپ تېز توختايدۇ . بۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتى ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم
2.چاتراق تۇيۇقسىز ئاغرىش
يوتىنىڭ ئىچكى قىسمى ئاغرىپ ئىششىغان بولسا ، بۇ ئۇرۇقداندىن چاتاق چىققانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنداق بولغاندا ، يەنى ئۇرۇق بېغىشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇرۇقدانغا قان يېتىشمەيدۇ ، ھەتتا ئۇرۇقدان كاردىن چىقىدۇ . بۇنداق ئالامەت كۆرۈلۈپ تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە بولغان ۋاقىت 12دىن 24 سائەتكىچە سۈرۈلۈپ كەتسە ، ئۇرۇقداننىڭ فونكىسيەسىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش تەس . كىيىنگەن ئىشتان بەك تار بولۇپ كەتسىمۇ ، ئۇرۇقدان ياللۇغلىنىپ قالىدىغان ، ئالامەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، شۇڭا دەرھال تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .
3.دۈمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىش
ئېڭىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا دۈمبە قىسمىڭىز قاتتىق ئاغرىسا ، ئىىسسىق ئۆتكۈزۈپ بىردەم ئارام ئالسىڭىز ۋە ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچسىڭىزمۇ كار قىلمىسا ، بۇ قىزىل قان تومۇر ئۆسمىسى ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان بولسا ئاغرىش دەرىجىسى بەك ئېغىر بولىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇمCT ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈڭ .
4.پۇت ياكى پاقالچاق سۆڭىكى داۋاملىق ئاغرىش
ناۋادا پۇت ۋە پاقالچاق دائىم ئاغرىسا ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچىيىپ كەتسە ، ئارام ئالغاندىمۇ ئاغرىق پەسەيمىسە ، ئاغرىق توختىتىش دورىسىمۇ كار قىلمىسا ، بۇ ھەددىدىن ئارتۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھارغىنلىق خاراكتېردىكى سۆڭەك سۇنۇش . ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ ، ساقايغاندىن كېيىن كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
5.پاقالچاق قىسمى ئىششىش
بولۇپمۇ بارماق ئىششىپ ، بىر نېمە تەگسە ئاغرىپ ، قىزىغاندەك ئالامەت كۆرۈلسە ، بۇ قاننىڭ چوڭقۇر ۋىنادا ئۇيۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى . بۇنىڭغا سەل قارالسا ، ئېغىر بولغاندا ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ .
6.كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش
كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىپلا قالماي ، يەنە سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزغۇچ بولسا ، بۇ دوۋساق ياللۇغى ياكى دوۋساق راكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . تاماكا بۇ كېسەلنى پەيدا قىلغۇچى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى .
7.بەل ئاغرىش
بەل پىچاق تىققاندەك قاتتىق ئاغرىسا ، بۇ قورساق قىسمىدىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى .
ئىشقىلىپ مەن بەزىدە مۇشۇ خەنلەرگە ھەيران قالىمەن،بۇ خەق يىلدا بىر قېتىم بەدەن تەكشۈرتۈش قىلىدىكەن، ئەمەليەتتە خۇدايىم كېسەلنى بەرسە بىز بەندىلەر ئامال قىلالمايمىزغۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاتسا، ياكى شۇنداق يامان كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالسا ياخشى دەپ قارايمەن.
بۇنداق دىيىشىم دادام ئەنە شۇنداق كېسەلگە سەل قارايدىغان، دوختۇرخانا دىسە بېشى ئاغىرىيدىغان ئادەم ئىدى، مانا ئەمدى بەدىنىنىڭ 3دىن 2 قىسمى كاردىن چىقىپ، ھەممىدە باشقىلارغا تايانمىسا بولمايدىغان، گەپنىمۇ تۈزەپ قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغاندا، ئۈچ ۋاق دورىنى شەرەت بىلەن ئۇقتۇرۇپ ئىچىدۇ، سەللا بىئارام بولسا تالانى كۆرسىتىدۇ.
مەن تۇرۇپ- تۇرۇپ دادا بۇرۇنراق مۇشۇنداق دىققەت قىلغان بولساڭ بۇنچە قىينالماستىڭ ھە دىسەم، ھەي... دەپ بېشىنى لىڭشىتىپ كېتىدۇ، شۇڭا مەنمۇ ئاغىرغاندىلا ئەمەس ئۇنىڭدىن بۇرۇن بېرىپ ئانچە - مۇنچە بەدەب تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بولمىغاندا يۇقۇرقىدەك سەۋەپسىز ئاغرىقلارنى ھېس قىلغان ھامانلا تەكشۈرتۈپ ھېچقانداق كېسەل بولمىسا ئۆزىنىمۇ، ئائىلىسىكىلەرنىمۇ خاتىرجام قىلىشنى، كېسەل بولسا بالدۇراق داۋالىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كۆكرەك قىسمى قىسقا مۇددەت ئاغرىش
بۇ ئاغرىق تېز تۇتۇپ تېز توختايدۇ . بۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتى ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم
ماۋۇ ئەھۋال قىزلاردا بولسىچۇ ‹‹‹ ؟؟؟ ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشلاركەن. ئادەتتە ئادەملەر(كۆپىنچە ھالدا ئەرلەر) بەدىنىمىزدىكى كىچىككىنە ئاغرىق ۋە ئۆزگىرىشلەرگە سىنەكىمەي ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز.بولسا بەدىنىمىزدە يۈز بەرگەن كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرگە ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر.بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەر بىز ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولىشى مومكىن.
.كۆكرەك قىسمى قىسقا مۇددەت ئاغرىش
بۇ ئاغرىق تېز تۇتۇپ تېز توختايدۇ . بۇ ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتى ، بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەكنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم
بۇ خىل ئەھۋال ھەر ئىككىيلەندە بار، مىنۇتتىلا ئاغرىپ، شۇ دەمدىلا قويىۋىتىدۇ. تەكشۈرتسەك ساپساقمىزمىش، قوزغالغان زامات كېلىپ تەكشۈرت، دەيدۇ. قوزغالغاندا دوختۇرخانىغا بارسام بېرىپ بولغۇچە توختاپ قالىدىكەن، مەن ھېچ بىلمىدىم. :L بۇدا مەرۋەرىنىڭ قىشىغا بىرىپ تەكشۈرتمىسەم خەپ . ماڭا ئىتىۋار قىلاسىز مەرۋەرى :P:P esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 19:28 static/image/common/back.gif
بۇدا مەرۋەرىنىڭ قىشىغا بىرىپ تەكشۈرتمىسەم خەپ . ماڭا ئ ...
ۋاي مېنى كۆرسىڭىزلا ساقىيىپ قالىسىز دەيمەن:lol،ئانىرىم بىلىدۇ ساقلار مېنى كۆرسە ئاغىرىپ قالىدىغان، ئاغىرىقلا مېنى كۆرسە ساقىيىپ قالىدىغان بىر خىسلەت بار مەندە ھى ھى ھى مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:55 static/image/common/back.gif
ۋاي مېنى كۆرسىڭىزلا ساقىيىپ قالىسىز دەيمەن،ئانىرى ...
شۇنى دەڭلار ....شۇڭا مەن بۇ قىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ئۆرە بولالماي يۈرۈيمەن :lol anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:12 static/image/common/back.gif
شۇنى دەڭلار ....شۇڭا مەن بۇ قىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى ...
شۇنى دەڭە، سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ، دەپ مەن سىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى، دوختۇرخانىدىن كېلەلمەس بوپ قالدىم;P، ئويلاپ باقسام ئىككىمىز بىر- بىرىمىزگە رېئاكسىيە قىلۋاتقان ئوخشايمىز جۇمۇ:lol ماۋۇ 2سىنى :lol
بەت:
[1]
2