Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:29:52

ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى تىزىملىكى

ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى تىزىملىكى

تاش تەرمەك ئويۇنى
تەپكۈچ ئويۇنى
ئاق سۆڭەك ئويۇنى
لېپەك ئويۇنى
بۆشۈك ئويۇنى
قوشماق ئاداش ئويۇنى
چىۋىق ئات ئويۇنى
نان يېقىش ئويۇنى
خوراز سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى
ئاق تېرەك، كۆك تېرەك ئويۇنى
قاپاق تېرىدىم ئويۇنى
غازاڭ زەنجىر ئويۇنى
ئېلىشماق ئويۇنى
سۇناي ئويۇنى
قارا-قارا قۇشلارىم ئويۇنى
چېلىشىش ئويۇنى
ئىلەڭگۈچ ئويۇنى
مۆكىمۆكۈلەڭ ئويۇنى
تاقمۇ-جۈپمۇ؟ ئويۇنى
بىجىگەن توپ ئويۇنى
چانا تېيىلىش ئويۇنى
ياڭاق سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى
راۋاپ ياساش ۋە چېلىش ئويۇنى
چۆچۆرە قايناق ئويۇنى
ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى ئويۇنى
قارىغۇ چاشقان ئويۇنى
تۈگمەن ياساش ئويۇنى
ئارپا پىشتى ئويۇنى
ئوردىكام ئويۇنى
مۈڭگۈز ئويۇنى
تۆگە-تۆگىلەڭ ئويۇنى
مېھماندارچىلىق ئويۇنى
باقى- باقىمەن ئويۇنى
تاياق تارتىشىش ئويۇنى
ۋىژىلداق ئويۇنى
دۇتتار ياساش ۋە چىلىش ئويۇنى
جىلدىرماچ ئويۇنى
ئويمۇ- قۇيمۇ ئويۇنى
چالما تىقىش ئويۇنى
بوتبوت ئويۇنى
قول بىسىشىش ئويۇنى
ئورغاق- مەرەپ ئويۇنى
پىلدىرلىغۇچ ئويۇنى
تارتىشماق ئويۇنى
قارا باستى ئويۇنى
قول تاپ ئويۇنى
ئوسما قويدۇم ئويۇنى
دوپپا  ئويۇنى
چاچ كىسىش ئويۇنى
ئات توپى ئويۇنى
ئاق تاش - كۆك تاش ئويۇنى
چۆچەك ئېيتىش ئويۇنى
ئەللەي بالام ئويۇنى
تامپاس ئويۇنى
چاچ ئۆرۈش ئويۇنى
ھاشىماخۇن قارىقاش ئويۇنى
كىم ئوسۇردى ئويۇنى
مەشرەپ ئويۇنى
ئانار باغدا ئويۇنى
كارۋان يىتىلەش ئويۇنى
ئوردا تۆشۈكى ئويۇنى
ئۇچتى -ئۇچتى ئويۇنى
توزغاق ئويۇنى
كالا سېغىش ئويۇنى
پاتما قوزۇق ئويۇنى
يامغۇر ياغدى قار ياغدى ئويۇنى
لام- جىم ئويۇنى
ئات ئوقۇرى ئويۇنى
ئاداش- ئاداش ئويۇنى
كالتەك توپ ئويۇنى
كۆز بېقىش ئويۇنى
موللاق ئېتىش ئويۇنى
رامىزان ئېيتىش ئويۇنى
قوزا ھەيدەش ئويۇنى
تۇخۇممۇ - مارجانمۇ؟ ئويۇنى
ئۆي ياساش ئويۇنى
يورغىلاپ مېڭىش ئويۇنى
قوغۇن تېرىش ئويۇنى
قارلىق تاشلاش ئويۇنى
موت كەتتى ئويۇنى
تىزىق ئويۇنى
ياغاچ مايمۇن ئويۇنى
سەگۈنچەك ئويۇنى
تاش قوچقار سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى
تاماق ئېتىش ئويۇنى
خورازمۇ - مېكيانمۇ؟ ئويۇنى
چاۋاك چىلىپ كالتەك يۆلەش ئويۇنى
تاپان قويۇش ئويۇنى
لىڭگىر تاقتاق ئويۇنى
چۈپتىڭنى تاپ ئويۇنى
شىلدىركوپ ئويۇنى
چىم-چىم ئويۇنى
تېپىشماق ئېيتىش ئويۇنى
چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
تونۇر ئويۇنى
ياغۇنچاق ئويۇنى
ئات توقۇش ئويۇنى
چاڭگا ئويۇنى
دوككاڭ - دوك ئويۇنى
ماياق سىيرىلدۇرۇش ئويۇنى
قوغداش ئويۇنى
قاچ- قاچ ئويۇنى
بوستان چاچ ئويۇنى
باسماق ئويۇنى
ئوغلاق-قوزا ئويۇنى
مىدىر-سىدىر ئويۇنى
ساقا ئويۇنى
خام توقۇش ئويۇنى
چوك-چوك ئويۇنى
غىغاق ئويۇنى
جۈپ-تاقتاق ئويۇنى
گۈمبەز ئويۇنى
ئوغلاق ئۇخلىتىش ئويۇنى
ئېقىن ئاتلاش ئويۇنى
چىمچاچاق ئويۇنى
جۇۋاز ئۇچۇش ئويۇنى
گۈلخان ئويۇنى
سالغا ئېتىش ئويۇنى
دۈمبىلتاق ئويۇنى
ھاشىم ياتىلاق، قاسىم تاپىلاق ئويۇنى
پادىشاھ ئويۇنى
چەپچەك چىقىرىش ئويۇنى
ساپايى ئويۇنى
ياغاچ پۇت ئويۇنى
گىيەك ئويۇنى
بۇغداي ئويۇنى
تۇر ئويۇنى
غۇررەك ئويۇنى
گىردە يىيىش ئويۇنى
گۈل سۇنۇش ئويۇنى
قۇياش چىللاش ئويۇنى
قوچقار ساغلىق ئويۇنى
مەن ئاغرىق ئويۇنى
تاغقا چىقىش ئويۇنى
ئاقۋالداق ئويۇنى
ئوشۇق ئويۇنى
ئالتە-ئالتە، ئوتتۇز ئالتە ئويۇنى
ئۆچكە ئويۇنى
تۈگمەن ئويۇنى
پەن تارتىش ئويۇنى
شەيتان ئويۇنى
توپۇق ئويۇنى
پومزەك ئېلىۋىلىش ئويۇنى
پىچىر -پىچىر ئويۇنى
ۋاسا چېلىش ئويۇنى
بالا بەزلەش ئويۇنى
قاپىيە ئويۇنى
سۇدىن تۇخۇم ئىزدەش ئويۇنى
توخۇ، ئوغلاق ئويۇنى
بارات كەلدى ئويۇنى
رۇسلاش ئويۇنى
ئارغامچىدىن ئاتلاش ئويۇنى
ئەسسالام ئانىكام ئويۇنى
قۇم خالتا ئويۇنى
بولقا ئۇرۇش ئويۇنى
ھە دېگەنگە ھە بىرەي ئويۇنى
تاش دومىلىتىش ئويۇنى
غازلارىم ئويۇنى
سۇ ئۈزۈش ئويۇنى
ۋەللەي ئويۇنى
تاققا-تۇققا ئويۇنى

(<<ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى>> دىن ئېلىندى.2008-يىلى 8-ئاي 1- نەشىرى. ئاپتۇرى: مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيار)

مەنبە: جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تور بېتى  www.jilwe.com

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:32:32

مۇشۇ ئويۇنلارنىڭ ئويناش جەريانىنى بىلىدىغانلار بىر يېزىپ باقايلىچۇ:P

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:34:13

پىقىردا ھەممىسى تولۇق بار بىراق يىزىپ چىقىشقا ۋاقىت  يوق  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:40:12

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:34 static/image/common/back.gif
پىقىردا ھەممىسى تولۇق بار بىراق يىزىپ چىقىشقا ۋاقىت  ي ...

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجراتسىڭىز، بىزمۇ قاراپ تۇرماي ھە-ھۈ دەپ بىلگەنلەرنى يازساق، بالىلىرىمىز ئۈچۈن بىر چوڭ ئىش قىلغان بولاتتۇق.
مۇشۇ سەرەڭگىنىڭ قېپىدەك تۆت تامنىڭ ئىچىدە، ئەتىدىن كەچكىچە نىمە قىلىشنى بىلمەيۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ئوينىغىلى ئويۇن چىقاتتى دەيمىنا:)

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:49:17

بولسا شۇنداق بولسا بەك ياخشى بولاتتى. ۋاقىتنى يىتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن دېسە. ئازراق ۋاقتم بولسا نىرۋامنى تىنىشلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كىرىپ تاقا- تۇققا سۆزلەپ قويۇپ چىقىپ كىتىمەن. بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ تۇغا يوللىساق نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغانلىق بولارمىكى دەيمەن.
ھازىرقى مۇشۇ بالىلارنىڭ دادا پۇل بىرە كا ئالىتىم، ئانا پۇل بىرە قايسى كۈنى ئالغان كالىرىمنى بالىلار ئۇتىۋالدى دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىسام ئاچچىقىم كىلىدۇ. كىچىكىدىن باشلاپلا قىمارغا كىرىشكەنلىكتە بۇ.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:53:01

ئۇنى بىر دىمەڭ، مېنىڭ ماۋۇ ئىككى قىزىممۇ ئىنىمنىڭ ئوغلى بىلەن تەپ تارتمايلا شۇ كا دىگەن نەرسىنى ئوينىغىلى تۇرۇپتىكەن، شۇنداق بىر ئاچچىقىلىغان ئىدىم، ئەمدى ھېلىقى تاقلىغۇچنى تېپىپ شۇنى ئويناپ يۈرۈيدۇ.
كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى ئەينى كۆچۈرمىسەكمۇ، بالىلار ئادەتتە ككپ ئوينايدىغنالىرىنىڭ قائىدىلىرىنى بىرەر قۇر دەپ قويساقمۇ بولار، قېنى قالغانلار تىرىشىپ كۆرەيلى، مىڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرىمەن، دەپ كىرگەن يەردە تېخىمۇ چارچىتىۋېتىپ بىراقلا كىرمەي قويماڭ يەنە ;P

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:02:28

نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ..............
بالىلار ئويۇنلىرىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
.....بىز كىچىكلىكىىمىزدە كەچ كىرگەن ھامان20-30 بالا مەھەللىمىزدىكى كۆل بويىغا جەم بولۇپ، ئاجايىپ ئىسىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق....................
بەزىدە ئارام ئېلىش يۈزىسىدىن كەچ تەرەپلىرى سىرتقا چىقسام ئەشۇ ۋاقىتلاردىكى بالىلار ئويۇنلىرى ئېسىمگە كېلىپ ھازىرقى زاماندىكى تېلىۋىزوردىكى ئبجەش مەدەنىيەت ئارىلاشتۇرۇلغان تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى نۆۋەت ئاتلاتتۇرماي كۆرىۋاتقان سەبى بالىلارغا، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى تېلىۋىزور كۆرۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ گېلىم ئاچچىق بىر سىزىم تۈپەيلى بوغۇلىدۇ.....
كىمنىڭ نىمە قىلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك دائىرىسىدىكى ئىش بولسىمۇ كەمنىە بىر زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل زەيىپانە پەرزەنىت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىمىزغا بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى.
قانداق قىلىمىز؟ بىر-بىرىمىزدىن "قانداق قىلىمىز ئەمىسە دەپ سۇال سورامدۇق؟".......
ھەر قانداق بىر ئىش كىچىك بولسىمۇ ئەمىلىيەت ئارقىلىق ئاندىن رۇياپقا چىقىدۇ. مەن يۇقارقىدەك بىر قاتار ئىسيانكارانە ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە بۇرۇن كىچىكىمىزدە ئوينايدىغان بالىلار ئويۇنلىرىنى رەتلەشنى نىيەت قىلىپ قالدىم. بەلكىم بۇ ئويۇنلار پەرزەنتلىرىمىز مەڭگەۈ ئوينىيالمايدىغان تارىخ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.... بەلكىم پەرزەنتلىرىمىز پەرزەنىتلىرىگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان ۋەسىيەتنامە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، ۋە بەلكىم...................................
1 . تۆگى- تۆگىلەڭ
7- 8 بالا بوينىغا قاراپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پىشىنى تۇتۇپ تىزىلىپ، تۆگە بولۇپ ئېڭىشىپ تۇرىدۇ. يەنە 7-8 بالا بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ تۇرىدۇ. تۆگە بولۇپ تىزىلغان بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىڭىشىپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار ئوتتۇرسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ.

دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:

قاتار- قاتار تۆگىلەر.
نەگە- نەگە ماڭدىڭلار؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تۇزغا- تۇزغا ماڭدۇق بىز.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
ئارا يولغا تۆكۈلدى.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تاسقاپ- تاسقاپ ئالساڭچۇ،
تاغىرىڭغا سالساڭچۇ!
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تاغىرىمدا تۆشۈك بار.
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار
كېيىن ئىككى گۇرۇپپا ئالمىشىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ

2 . ۋاللەي(گاگا-چۇك)

بۇ ئويۇننى ئوچۇقچىلىق يەردە ئىككى بالا ئوينايدۇ(بىر نەچچە بالائىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ). ئۇلار بىر يەرنى ‹‹پللە›› قىلىپ ياساپ، ئىككى كىسەكنى قويىدۇ(ياكى كىچىك كاتەكچە ئۇيىدۇ)-دە، ئەتراپنى دۈگلەك قىلىپ جىجاپ قويىدۇ. ئاندىن بىر نەرسىنى شەرت قىلىپ قايسى ئۇتۇۋالسا ئويۇننى شۇ باشلايدۇ.
ئويۇن باشلىغۇچى كىسەكنىڭ(ياكى كاتەكچىنىڭ) ئۈستىگە بالىياغاچنى(چۇك نى) قويۇپ، ئانىياغاچ (گا)بىلەن ئاستىدىن كۆتىرىپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىكى بالىلار بالىياغاچ چۈشىدىغان سەيناغا تارىلىپ تۇرۇپ، دوپپا ياكى شەپكىسى بىلەن بالىياغاچنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى كۆيۈپ كېتىدۇ-دە، بالىياغاچنى تۇتۇۋالغانلار ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا بالىياغاچ نەگە چۈشسە، شۇ يەردە تۇرۇپ، بالىياغاچ بىلەن دۈگلەك ئىچىدىكى كىسەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان ئانىياغاچنى سوقىدۇ(كىسەكنى سوقسىمۇ بولىدۇ).سوقۇۋالسا بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى يەنە تۈگەيدۇ. ئەگەر سوقالمىسا بالىياغاچ ئۇرۇۋاتقان بالا بالاياغاچنى ئانىياغاچ بىلەن پۇچىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا (ئەگەر بالىياغاچنى پۇچىلاپ ئۇرالمىسىمۇ ئۇرغانغا ھىساپ). نەگە بېرىپ چۈشسە، قارشى تەرەپتىكى بالىلاردىن بىرى يوغان- يوغان چامداپ پەللىگە كەلگىچە سانايدۇ: بالىياغاچ ئۇرغۇچى تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، تاپقان سانىمۇ ‹‹كۆيىدۇ››. ئاندىن ئىككىنچى تەرەپ ئوينايدۇ. 500 قەدەمگە يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپ ‹‹ئىشەك›› بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ.(بۇ چاغدا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى توسىمايدۇ) بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم نەگە بېرىپ چۈشسە، ‹‹ئىشەك›› بولغۇچى بالا شۇ يەردىن پەللىگە توختىماستىن‹‹ۋەللەي... ۋەللەي... ۋەللەي...›› دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر يەردە تىنىپ ئالسا، ئۇتۇۋالغۇچى بالا بالىياغاچنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر قېتىم ئۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاچان ‹‹ۋىلى- ۋىلى ۋەللەي...›› دەپ تىنماي توۋلاپ پەللىگە يۈگۈرۈپ كېلەلىسە، ئاندىن ئويۇن تاماملىنىدۇ. بۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىمۇ كۆپ .كۆپچىلىكنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

3 . توپ ئويۇنى

بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە:

چىگىچى، بۇغدايچى،
خەمىگى دۇغدايچى.
كېچىلەپ زۇۋانى قوي،
زۇۋىنىڭ قايسى قىز.

ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى
ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار،
ۋوپا يالغانچى بولار.
ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ،
بوۋا بەك ياخشى بولۇر.
بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى،
ئىشەككە ئاغامچا بولۇر.

......................

ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا،
سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا.
دەريا سۈيى قۇيالدى،
پاتمىچۇقلار بويالدى.

بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا،
بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا.
ئاپپاق ساقال بوۋىلار،
قىلدى نەچچە توۋىلار...
........................
ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق،
چاۋا تەردىم بىر قۇچاق.
چاۋانى ئېلىپ قاچتى،
پاقا بىلەن قۇمۇچاق.

ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك،
مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق.
روزىنىڭ ئون بەشىدە.
چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق.
......................
يولدىشكامنىڭ بىر قىزى،
باسما كۆينەك كىيىپتۇ.
باسما كۆينەك كىيگەندە،
ھىلىمبەككە تېگىپتۇ.

ھىلىمبەككە تەككەندە،
ئالتە بالا تۇغۇپتۇ،
ئالتە بالا بەرى پوق،
ئېيتاي دىسە لاتا يوق.

لاتا دىگەن ئۆگزىدە،
چىقاي دىسە شوتا يوق.
شوتا دىگەن دەرەختە،
كېسەي دىسە پالتا يوق.

پالتا دىگەن بازاردا،
ئالي دىسە پۇلى يوق.
پۇل دىگەن ساندۇتا،
ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق.

ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ،
ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ.
ئاق مازارغا بىر دەمدە،
ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ...
يىغلايدىغان ئادەم يوق
ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ...
.....................
قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ

4 . دوپپا تالىشىش
بالىلار ئىىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ-دە، رەت بويىچە ساناپ چىقىدۇ.بۇ چاغدا ھەر بىر بالا ئۆز نومۇرىنى يادلىۋېلىشى كېرەك. ئاندىن ئىىككى گۇرۇپپا بىرلىشىپ بىر چەمبەرەك ھاسىل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دوپپا قويۇلىدۇ. بىر بالا رېپىر بولىدۇ. ئويۇن باشلىنىش بىلەن رېپىر بىر نومۇرنى، مەسىلەن: ‹‹5- نومۇر›› دەپ چاقىرىدۇ. بۇ چاغدا ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ 5- نومۇرلۇق ئەزالىرى دەرھال ئوتتۇرىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ دوپپىنى تالىشىدۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك چاۋاك چېلىپ ناخشا ئىېيتىدۇ. دوپپىنى ئالدىدا ئېلىۋالغان بالا دوپپىنى كۆتۈرۈپ چەمبەرنى ئايلىنىپ قاچىدۇ. دوپپىنى ئالالمىغان بالا ئۇنى قوغلايدۇ.

5.چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
بالىلاردىن بىرى تۈۋرۈك ياكى بىر تۈپ دەرەخنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغان بالىلار ئىۇنىڭ كەينىدە بىر بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. بالىلاردىن يەنە بىرى دېھقان بولۇپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان بالىنى قۇچاقلاپ (دېھقان چامغۇر يۇلغان پەدىدە) تارتىدۇ. ئىولتۇرغان بالا ئالدىدىكى بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئولتۇرۇۋالىدۇ. دېھقان بالا كۈچەپ تارتىدۇ. ئويۇن دېھقان بالا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ ئىورنىدىن قوپۇرۇپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ .

6 .يېرىلىڭ تېغىم
بالىلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بىر بالا دۈگلەك ئىچىدە ‹‹ئانا›› بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتىدۇ:

يېرىلىڭ تېغىم، يېرىلىڭ،
مەن ئىانامنى كۆرۈۋالاي.
قۇچاقىغا باش قويۇپ،
دىدارىغا تويۇۋالاي...

بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتقاچ ئوتتۇرىغا كىرىش ئۈچۈن يوچۇق ئىزلەيدۇ. دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرغان بالىلار بولسا ئۇنىڭغا يوچۇق بەرمەيدۇ. ئويۇن بۇ بالا بىرەر يەردىن يوچۇق تېپىپ دۈگلەكنىڭ ئىوتتۇرسىدىكى ‹‹ئانا›› يېنىغا كىرىۋالغىچە داۋام قىلىدۇ.
شۇندىن كېيىن ، دەسلەپكى بالىغا يوچۇق بېرىپ قويغان يەردىكى ئىىككى بالىدىن بىرى دۈگلەك ئىچىدە ئانا بولۇپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىرى دۈگلەكنىڭ سىرتىدا ئىايلىنىپ ھېلىقى قوشاقنى ئىېيتىدۇ.
ھەر قېتىم يېڭىلگەنلەر مەيدانغا چۈشىدۇ، ئويۇن شۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋېرىدۇ

7.ئويۇن ئىسمى : مەرەم
بۇ ئويۇن ئادەتتە قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئوينىلىدۇ ، ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ .
ئالدى بىلەن بالىلار سان جەھەتتە تەڭ ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ ، ئاندىن شەرىتلىشىپ قايسى تەرەپنىڭ ئاۋۋال مۆكىدىغانلىقى ،قايسى تەرەپنىڭ مۆككەنلەرنى تاپىدىغانلىقى بېكىتىلىدۇ ( قولىدا بىر نەرسە تۇتۇپ جۈپمۇ-تاق دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ) . شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ-تەرەپكە ( مۆكىدىغان دائىرە شەرىتلەشكەندە دىيىلىدۇ ) تارقاپ بىردىن ياكى بىر ئىككىدىن بولۇپ ئۆزى بىلگەن جايغا مۆكىدۇ ، مۆككۈچى تەرەپتىن چوڭراق بىرسى ھەممە ئەزالىرىنىڭ مۆكۈپ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرتۈرگەندىن كىيىن مۆككەن جايىدا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا << مەرەم .............. >> دەپ بىر نەچچىنى توۋلايدۇ ، شۇ ئاۋاز بىلەن تاپقۇچى تەرەپ مۆككەنلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ (تاپقۇچى تەرەپتىكىلەر « مەرەم ......» دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ئەسلىدىكى جىم تۇرۇپ تۇرىدۇ ) .
يەنە شۇ ئاۋاز بىلەن مۆككەنلەر تاپقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بىلىدۇ ، مۆككەنلەر مۆككەن جايىدا جىم تۇرسىمۇ ياكى يۆتكەلمە ئالەتتە تۇرسىمۇ بولىدۇ . تاپقۇچىلار ھەممە يەردىن ( كۆۋرۈك ئاستى ، ئۆستەڭنىڭ ئىچى ، دەرەخنىڭ كاۋىكى ، دەرەخنىڭ ئۈستى ........... قاتارلىق ) مۆككۈچىلەرنى ئىزدەپ بىر-بىردىن تاپىدۇ( بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىن ) . مۆككۈچىلەر دائىرىدىن سىرىتقا مۆككەن بولسا ياكى تېپىۋالسا قېچىپ كەتسە « چىدىماس » بولىدۇ . تاپقۇچىلار مۆككۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېپىىپ بولغاندىن كىيىن ئويۇننى ئەكىسچە داۋاملاشتۇرىدۇ . ( تاپقۇچىلار مۆككىچىلەر بولىدۇ، مۆككىچىلەر تاپقۇچىلار بولىدۇ ).
بۇ ئويۇن مۇشۇ تەرىقىسىدە بىر نەچچە رەت ئايلىنىپ بەزى ۋاقىتلاردا يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ .

بۇ ئويۇننىڭ ئالاھىدىلىكى :
ئويۇن پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ،كەچ مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قائىدىسى چىڭ بولىدۇ ، شۇڭا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلاردا قورىقماس ، يۈرەگلىك ، گېپىدە تۇرىدىغان ئىدىيە شەكىللىنىدۇ .
ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ، يېشى چەكلەنمەيدۇ ( زىيادە كىچىك بالىلاردىن سىرىت) شۇڭا ئويۇنغا بىر مەھەللىدە قانچە بالا بولسا ھەممسى قاتنىشالايدۇ ، بالىلارنىڭ سانى بەزىدە 40تىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ .
شۇڭا بالىلاردا ئىتتىپاقلىق ، بىرلىك شەكىللىنىدۇ

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:06:04

يارايسىز جەۋلانىي!
ئاللاھ خالىسا مەن ئۆيۈمنى كۆچىۋېلىپ، خاتىرجەم بولىۋېلىپ، بىلگەن مەزمۇنلارنى يوللايمەن!

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:42:48

گاگا ئويۇنى

گاگا ئويۇنى - نىسبەتەن تۈزلەڭ جايلاردا ( خامانلاردا ) ئوينىلىدۇ . گاگا ئويۇنىغا گاگا بىلەن كالتەك لازىم بولىدۇ . ئادەتتە چوت دەستىسى توملۇقىدىكى ياغاچنى 10 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ئىككى ئۇچى ئۇچلىنىدۇ .گاگا ئويناش ئۈچۈن بىر گاگا بىلەن كەتمەن دەستىسى توملۇقىدىكى 80 سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىلگەن ياغاچتىن كالتەك ياسىلىدۇ . يەنە ئورەك كولىنىپ گاگا ئورەكنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا قىلىپ قويۇلىدۇ . گاگا ئوينىغۇچى كالتەك بىلەن گاگانى ئېلىپ كۆتۈرۈپ ، گاگا يۇقۇرى ئۆرلىگەندە ، گاگانى ئۇرۇپ يىراققا كەتكۈزىۋېتىدۇ . ئۇنى ئوينىغۇچى 2 دىن ئادەم جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ . ئۇنىڭدا ئۇتۇش ھەم ئۇتۇلۇش بولۇپ تۇرىدۇ .

ئا تەرەپ كالتەك بىلەن گاگانى ئۇرغاندىن كېيىن ، ب تەرەپ ئۇرۇلغان گاگانى گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگا ئۇرۇلغان ئورەكتە قويۇپ قۇيۇلغان كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ . گاگا كالتەككە تەگسە ب تەرەپ ئا تەرەپنى ئۇتقان بولىدۇ . ناۋادا گاگا كالتەككە تەگمىسە ب تەرەپ ئا تەرەپكە ئۇتتۇرغان بولۇپ ، ب تەرەپ گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگا ئۇرۇلغان جايغا « ۋاللەي ... ۋاللەي ... ۋاللەي ... » دەپ ۋاللەي توۋلاپ بىر پۇتلاپ دىڭگۇسلاپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ . بۇ ئۇتتۇرۇلغۇچىنىڭ جازاسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇتتۇرۇلغۇچى ب تەرەپ بۇ جازانى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ، 2 - قېتىم كالتەك بىلەن گاگا ئۇرۇش نۆۋىتى كېلىدۇ . ب تەرەپ كالتەك بىلەن گاگا ئۇرغاندا ئا تەرەپ ئاۋالقى ئۇسۇل بويىچە گاگا چۈشكەن ئورۇندىن گاگانى ئۇرۇلغان ئورەككە قۇيۇپ قويۇلغان كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ . ئاتقان گاگا كالتەككە تەگسە ئۇتقان بولىدۇ . كالتەككە تەگمىسە ئۇتتۇرغان بولۇپ ئاۋالقىدەك ۋاللەي توۋلاپ بىر پۇتلاپ دىڭگۇسلاپ يۈگۈرۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ .

گاگا ئويۇنىنىڭ تەنھەركەتلىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ ھەم ئوينىغۇچىنىمۇ ھەم كۆرگۈچىنىمۇ جەلىپ قىلىدۇ ، ئويۇن ئارقىلىق ئوينىغۇچىنىڭ چىدامچانلىقىنى ، غەيرەت - شىجائىتىنىمۇ ئاشۇرىدۇ . ھازىر بۇ ئويۇن شەھەرلىرىمىزدىكى بالىلاردا ئۇنتۇلدى بولغاي شەھەر ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلاردىن گاگا ئۇسۇلىنى بىلەمسىز ؟ دەپ سورىسا نۇرغۇنلىرى بىلمەيدۇ . لېكىن بىزنىڭ چەت يىراق يېزا - قىشلاقلىرىمىزدىكى مەھەللىلەردە بۇ ئويۇن يەنىلا ساقلىنىپ كەلمەكتە .
ئۆچمەس مىراس ئويۇنلىرىمىز .



ياڭاق ئويۇنى


ياڭاق ئويۇنى - نىشانغا تەگكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ياڭاق كۆپ چىقىدىغان قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان .

بۇ ئويۇن ئادەتتە ھېيت - بايرام ۋە ھەر خىل سەيلە پائالىيەتلىرىدە ئوينىلىدۇ . بۇ بىر قەدەر ئاددىي ئويۇن بولۇپ ، قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . كىمنىڭ ياڭىقى بولسا ئىختىيارىي ئويناۋېرىدۇ . بۇ ئويۇن ئۈچۈن تامنىڭ تۈۋىگە ياكى تۈزلەڭ يەرگە ئون - يىگىرمە ياڭاق سىغقۇدەك بىر ئورەك كولىنىدۇ . ئوينىغۇچىلار ئۆز - ئارا كېڭىشىپ ، ئورەككە ياڭاق ئاتىدىغان چېگرا سىزىقى بەلگىلىۋالىدۇ ياكى تامغا بىر پارچە تاختاينى يانتۇ تىكلەپ ، تاختاينىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن پەسكە قارىتىپ بىر ياڭاقنى دومىلىتىدۇ . شۇ ياڭاقنىڭ دومىلاپ بېرىپ توختىغان يېرى ياڭاق ئېتىش چېگرا سىزىقى قىلىنىدۇ .

قاتناشقۇچىلار مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كېلىشىپ ئورەككە ياڭاق ئېتىش نۆۋىتىنى بەلگىلەيدۇ . شۇ رەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ياڭاق ئاتقۇچىغا ئويۇنىغا قاتنىشىدىغان ھەر بىر كىشى ئوخشاش ساندىكى ياڭاقنى بېرىدۇ . ياڭاق ئاتقۇچى قولىدىكى پاي قىلىپ قوشۇلغان ياڭاقنى « جۈپ » ياكى « تاق » دەپ ئاشكارا جاكارلاپ چېگرا سىزىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئورەككە تاشلايدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئورەك بىلەن چېگرا سىزىقىنىڭ ئارىلىقى تۆت-بەش مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . ئەگەر ياڭاق ئاتقۇچى « جۈپ » دەپ توۋلىغان بولسا ، ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى جۈپ بولسا ئۇتقان ھېسابلىنىپ . باشقىلار پاي قىلىپ قوشقان ياڭاق شۇ كىشىگە تەۋە بولىدۇ . ئورەككە چۈشكەن ياڭاقنىڭ سانى تاق بولسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ ۋە ئويۇنغا قاتناشقانلار قانچە ياڭاق پاي قوشقان بولسا ، شۇنچە ياڭاق تۆلەم تۆلەيدۇ . ئۇتقۇچىدا ئارقا -ئارقىدىن ياڭاق ئېتىش ھوقۇقى بولىدۇ . ئۇتتۇرۇپ قويسا ياڭاق ئېتىش نۆۋىتى ئالمىشىدۇ . ھەر قېتىم ئورەككە ياڭاق ئاتقاندا ئويۇنغا قاتناشقانلار يۇقۇرقىدەك ئوخشاش سانىدىكى ياڭاقنى ئالدىن پاي قىلىپ تاپشۇرىدۇ . ياڭىقى تۈگەپ ئويناشنى خالىمىسا مەجبۇرلانمايدۇ . بىر ئورەكتە ئوينايدىغانلار ئادەتتە ئۈچ-تۆت ئادەمدىن ئاشمايدۇ .



قاياق ئويۇنى


قاياق ئويۇنى - ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ قار تېيىلىش ئويۇنىدىن ئىبارەت . بۈگۈنكى كۈندە قاياق ئويۇنى چاڭغا تېيىلىش نامى بىلەن داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
قاياق ئويۇنى قەدىمدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ، سوغۇققا چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇشتا ، شۇنىڭدەك قەيسەر ھەم باتۇرلىقىنى يېتىشتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان . تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، قاياق ئويۇنى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا بارلىققا كەلگەن ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ ، جۇڭگو كىلاسسىك تارىخىي ماتېرىياللىرىدا قاياق ۋە ئۇنىڭ ئانا ماكانى ھەققىدە يېتەرلىك تارىخىي پاكىتلار قالدۇرۇلغان . دەل شۇنداق بولغاچقا ، جۇڭگو قار تېيىلىش جەمئىيىتى بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 16 – كۇنى ئالتايدا ‹‹ ئالتاي خىتاپنامىسى ›› نى ئېلان قىلىپ ، ‹‹ ئالتاي ۋىلايىتى دۇنيادىكى قار تېيىلىش ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي ›› دەپ جاكارلىدى ھەمدە بۇ يىلدىن باشلاپ ، ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 16 – كۇنىنى ‹‹ دۇنيادا ئەڭ بالدۇر قار تېيىلىش مەيدانغا كەلگەن جاينى خاتىرىلەش كۈنى ›› قىلىپ بېكىتتى . ئىلگىرى كىشىلەر قار تېيىلىشتا پۇتىغا پۇتىنىڭ پەنجىسىدەك ،ىئۇزۇنلۇقى 50 – 70 سانتمېتىر كەلگۈدەك نېپىز تاختىنىڭ ئاستىغا بۇغا تېرىسىنى چاپلاپ ياكى چانا ياساپ ، ئىككى قولىغا تىرەپ مېڭىش تايىقى ئېلىپ ، ئىگىزدىن پەسكە ياكى تەكشى قار ئۈستىدە تېيىلاتتى . ئەنە شۇ بۇغا تېرىسىنى چاپلىۋالىدىغان تاختا قاياق دەپ ئاتىلاتتى . ئۇ يەنە جۇڭگو تارىخىي ماتېرىياللىرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ قىللىق قار تېيىلىش تاختىسى ›› شۇنىڭدەك بۈگۈنكى دەۋردىكى چاڭغىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى .
قار تېيىلىش تاختىسى ( قاياق – چاڭغا ) قار ئۈستىدە تېيىلىدىغان تەنتەربىيە قۇرالى بولۇپ ، قار تېيىلىش شەكلى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، ئوخشىمىغان شەكىلدە ياسىلىدۇ . ئادەتتە قار تېيىلىش تاختىسى ئېگىز تاغلاردىن تېيىلىش ، سۇپىدىن سەكرەپ تېيىلىش ، فىگورا چىقىرىپ تېيىلىش ۋە ئوۋ ئوۋلاشتا تېيىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قار تېيىلىش تاختىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇيغۇرلار قەدىمدە قاياقتا قار تېيىلىشنى بىر تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش –تەنھەركەت ئويۇنى سۈپىتىدە چۈشىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قىش كۈنلىرىدىكى ئوۋ ئوۋلاش ۋە ھەربىي نەقلىيات ئىشلىرىنىڭ ياخشى ۋاستىسى دەپ چۈشەنگەن . قار تېيىلىش تاختىسى ئىلگىرى ئاددىي ياغاچچىلىقتىن ياسالغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە سۇلياۋ ۋە يېنىك مېتاللاردىن ياسالغان ئېلاستىكىلىق ، سۈرئىتى تېز بولغان ھازىرقى زامان قار تېيىلىش تاختىلىرىغا ئۆزگەردى . ھاسا – قار تېيىلىش ھەركىتىدىكى مۇھىم قۇراللارنىڭ بىرى ، تېيىلغۇچى ھەر ئىككى قولىغا بىردىن ھاسا تۇتىدۇ . ھاسا باش پەللىدىن قوزغىلىشتا ۋە تېيىلىۋېتىپ تېخىمۇ تېزلىككە ئېرىشىشتە ، ئەگىلىشلەردە ئىشلىتىلىدۇ لېكىن سەكرەش سۇپىسىدىن سەكرىگەندە ئىشلىتىلمەيدۇ .



ئوردىكام ئويۇنى



ئوردىكام ئويۇنى- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئوينىلىپ كەلمەكتە .

ئوردىكام ئويۇنى تۈزلەڭ يەرلەردىن ، مال باققان يايلاق -جاڭگاللاردا ، يېزا -مەھەللىلەردە ئوينىلىدۇ . بۇ ئويۇن ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم سانىنىڭ ئاز -كۆپلۈكىگە قاراپ چەمبەر شەكلىدە مەيدان سىزىلىدۇ . ئاندىن شۇ سىزىق ئايلانمىسى بويىچە تەخمىنەن ھەر بىر - ئىككى مېتر ئارىلىققا بىردىن كىچىك ئورەك كولىنىدۇ ( ئورەكنىڭ ھەجىمى چاي پىيالىسى چوڭلۇقىدا ) . كولانغان ئۆرەكنىڭ سانى قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ سانىدىن بىرى كەم بولىدۇ . چەمبەر شەكلىدىكى بۇ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بالىچۇق ( توپ ) ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدىغان بىر ئانا ( مەركىزىي ) ئورەك ( ئوردا دېيىلىدۇ ) كولىنىدۇ . ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تاللاپ ياراتقان نوغۇچ شەكلىدىكى بىرىدن كالتەك تاياق ھەمدە يۇمىلاق ياكى ئۇزۇنچاق ( باشمالداقتىن سەل چوڭراق ) ھالەتتىكى بىردانە ياغاچ بالىچۇق تەييارلايدۇ . ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار تەخ بولغاندىن كېيىن بىر كوماندا بىلەن تەڭ چاقماق تېزلىكىدە ھەر بىرى بىردىن ئورەكنى ئىگىلەپ ئانىچۇق تاياق ( توپ ئۇرىدىغان كالتەك ) نى ئورەككە سولاپ تۇرىدۇ . ئورەك ئىگىلەش ھوشيارلىق ۋە چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەگەر كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا شۇ كىشى توپقا مەسئۇل بولۇپ ، بالچۇقنى مەيدان سىرتىدىن توپ ئۇرۇش كالتىكى بىلەن مەيدان ئىچىگە ھەيدەپ ئەكىرىپ ، پەم بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي ئورەككە سولاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ . قالغان ئويۇنچىلار ھەم ئۆزىنىڭ ئورىكىنى ، ھەم مەركىزىي ئورەكنى قوغدايدۇ . ھەر بىر ئورەكنىڭ ئىگىلىرى توپنى مەركىزىي ئورەكتىن يىراقلاشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئورەككە كىرىش ئېھتىمالى بولغان توپنى كالتەك تايىقى بىلەن ئۇرۇپ يىراققا ھەيدىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ . ئورەك باققۇچى مۇشۇ مەقسەتتە تايىقىنى ئورەكتىن چىقارغان ھامان ئورەككە ئىگە بولالمىغان توپ ھەيدىگۈچى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، چاققانلىق بىلەن تايىقىنى ھېلىقى بوش ئورەككە تىقىۋالسا ، بۇ ئورەكنىڭ ئىگىسى ئوردىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ -دە ، ئورىكى ( ئوردىسى ) نى ئىگىلىۋالغان كىشى ئورنىدا مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىپ قايتىدىن توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئويۇن مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا دەۋرسىمان داۋاملىشىۋېرىدۇ . ئارىلىقتا ئويۇننى تېخىمۇ قىزىتىش ۋە ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئويۇن باشلىقنىڭ < كۆچ-كۆچ > دېگەن كوماندىسى بىلەن تەڭ ، ئورەك ئىگىلىرى تايىقىنى كۆتۈرۈپ ، ئۆز ئارا ئورەك ئالماشتۇرىدۇ . ئەگەر مۇشۇ < كۆچ -كۆچ > پەيتىدە ئورىكى يوق توپ ھەيدىگۈچى چاققانلىق بىلەن بىرەر بوش ئورەككە تايىقىنى سېلىۋالسا ، ئۇ ئورەك شۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇپ ، بىخەستەلىك قىلىپ كىم ئورەك ئىگىلىيەلمىگەن بولسا ، شۇ داۋاملىق توپ ھەيدەشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئەگەر توپ ھەيدىگۈچى بالىچۇقنى باشقىلارنىڭ ئۇرۇپ يىراقلاشتۇرۇشىغا يول قويماي ، ئەپچىللىك بىلەن توپنى مەركىزىي ئورەككە كىرگۈزۈۋالسا ، شۇ ھامان بىر قېتىملىق ئورەك كۆچۈش ( كۆچ-كۆچ ) بولىدۇ . شۇ جەرياندا ھەر كىم چاققانلىق بىلەن ئورەك ئىگىلىشى شەرت . ناۋادا ئورەك ئىگىلىيەلمەي سىرتتا قالغىنى يەنە توپ ھەيدەپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئەگەر ئىككى كىشىنىڭ تايىقى ئورەككە سېلىنىپ قالسا ، كىمنىڭ تايىقى ئورەككە بالدۇر سېلىنغان بولسا ، ئورەك شۇ كىشىگە مەنسۇپ بولىدۇ . كىم بۇرۇن ئىگىلىگەنلىكى ئايرىلمايدۇ ئورەك تالىشىش يۈز بەرسە ئويۇن باشلىقى ھۆكۈمى بىلەن يەنە بىر قېتىم < كۆچ-كۆچ > قىلىنىدۇ . بۇ ئويۇننى ئويناشتا ئوينىغۇچىلار توپ كالتىكى بىلەن بىر - بىرىنىڭ پۇتىغا ياكى باشقا جايلىرىغا ئۇرۇشقا ، بالىچۇقنى قولى بىلەن تۇتۇپ ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئويۇن تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار سېزىلسە ، ئۇ كىشى ئويناشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەنبىھ بېرىلىدۇ .

ئوردىكام ئويۇنى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ ، چەبدەسلىكنى ، ھوشيارلىقنى ، پەملىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ئويۇن كىشىنىڭ غەيرىتىنى ، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ ، ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ .




ئۇيغۇر خەلق ئويۇنى ياغلىق تاشلاش

ياغلىق تاشلاش - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېزلىك ، ھوشيارلىق تەلەپ قىلىدىغان قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى ، بۇ ئويۇنغا ئاز بولغاندا 15 تىن ئارتۇق قىز - ئوغۇل قاتناشسا بولىدۇ . قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن ئاز بولسا ، ئويۇن قىزىمايدۇ .
ئويناش ئۇسۇلى : ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن ، ئۇلار ئىچىدىن ئىختىيارىي ئاساستا ياكى چەك تاشلاش ئارقىلىق ياغلىق تاشلىغۇچى بەلگىلىنىدۇ . قالغانلار دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ يېقىن - يېقىن ئولتۇرىدۇ . ياغلىق تاشلىغۇچى دۈگىلەك چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ ، ياغلىقنى خالىغان بىرىنىڭ كەينىگە بىلدۈرمەي تاشلايدۇ . ئەگەر ئارقىغا ياغلىق تاشلانغان بالا ياغلىق تاشلىغۇچى ئايلىنىپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ياغلىقنىڭ كەينىگە قويۇلغانلىقىنى بىلمەي قالسا ، ياغلىق تاشلىغۇچى تاشلانغان ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلانغان بالىنى چەمبەرنى ئايلىنىپ يۈگۈرۈپ ئۆز يېنىغا كەلگۈچە ئۇرىدۇ . ئاندىن ئىككىسى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ . ئەگەر ياغلىقنىڭ ئارقىغا قويۇلغانلىقىنى سېزىپ قالسا ، ئۇ ھالدا ياغلىقنى ئېلىپ ياغلىق تاشلىغۇچىنى قوغلاپ ، ياغلىق تاشلانغان بالىنىڭ ئورنىغا كېلىۋالغىچە ئۇرىدۇ . ئۇرالمىسا ، ئۇنىڭ ئورنىغا ياغلىق تاشلىغۇچى ئولتۇرىدۇ - دە ، ياغلىق تاشلىغۇچى ئويۇن باشلايدۇ . ئويۇن ئاشۇ تەرىقىدە تاكى ئويۇنچىلار بولدى قىلغىچە داۋاملىشىدۇ .
دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار : ئىككى قات قىلىپ ئىشلىگەن ياغلىق بىلەن بىر - بىرىنىڭ باش قىسمىغا ئۇرۇشتىن ۋە باشقا جايلىرىغا ئورغاندىمۇ قاتتىق ئۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .




قارلىق ئويۇنى




قارلىق ئويۇنى-ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرىگە ئىگىدۇر . ئۇيغۇر خەلقى قارنى < خۇدانىڭ رەھمىتى > دەپ بىلىدۇ . شۇڭا ، تۇنجى ياققان قار خۇشاللىقىدا < قارلىق ئويۇنى > نى باشلايدۇ . بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلا < قارلىق > تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ . تۇنجى يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ
توختىغان ھامان :

قاردا قارلىق تاشلىدۇق ،
بۇ ئويۇننى باشلىدۇق .
يېڭى قارنىڭ خوشلۇقىدا ،
سىزگە قارلىق تاشلىدۇق.
دەپ باشلانغان ۋە :
قارلىق ئاپارغان كىشىنى ،
پەم بىلەن تۇتسىلا .
يۈزلىرىگە قار سۈركەھپ ،
ئالدىمىزغا كەلسىلە .

دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە ، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ < پالانى يەردە قارلىق قويۇپ قويدۇم > دەپلا قاچىدۇ . قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم قوغلايدۇ . ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا ، ئۇنىڭ يۈز - كۆزىنى بوياپ جۇۋىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ مەھەللىمۇ - مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ . تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ < قارلىق چېيى > ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ . ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە ، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ ، مەھەللىدە قىش بويى < قارلىق چېيى > ئۈزۈلمەيدۇ .
< قارلىق ئويۇنى > ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىش ۋە ئاقنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت
قەدىمكى ئېتىقادىدىن كېلىپ چىققان .

قوشماق ئاداش ئويۇنى

قوشماق ئاداش ئويۇنى بىلەن توپۇق ئويۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دوستلۇق ، ۋاپادارلىق ، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇن .
قوشماق ئاداش ئويۇنى - خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ ، ئىككى ياشنىڭ ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ سىموۋۇلى قىلىنغان . ئويۇن ئۈرۈك ئۈچكىسىدىن جۈپ ( قوشماق ) چىققان مېغىز تاللىنىپ قوشماق ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ بىردىن يەيدۇ . يېيىش ۋاقتىدا ۋاقىت بەلگىلەپ ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كىم بالدۇر < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قوشماق ئاداش > دەۋالسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ . ئۇتتۇرغۇچى ۋەدىلەشكەن نەرسىنى ئۇتقۇچىغا بېرىدۇ . بۇ ئويۇن كۆرۈنۈشتە ئاددىي بولغان بىلەن ئىككى دوستنىڭ بىر ئۈچكە ئىچىگە سىغقان قوشماق مېغىزدەك دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ .





مۆكۈشمەك ئويۇنى

مۆكۈشمەك ئويۇنى- ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەھەللىلەردە توپلىشىپ ئوينايدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ پائالىيەت چەبدەسلىكنى ، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى ، چىداملىقىنى ، كوللېكتىۋىزىملىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور .
مۆكۈشمەك ئويۇنى كۆپىنچە ھاللاردا ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينىلىپ ، مەيدان تاللىمايدۇ . ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ . خالىغان بىر جايدا ئوينالسا بولىۋېرىدۇ . ئويناشتا ئالدى بىلەن ئىككى كىشى باش بولۇپ رامباتلىشىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ ھەمدە بىر ئورۇننى نۇقتا قىلىپ بەلگىلەيدۇ . مۆكۈش نۆۋىتى ئالغان تەرەپ ئالدى بىلەن مۆكىدۇ . يەنە بىر تەرەپ پەللىدە قالىدۇ . مۆككۈچىلەر مۆكۈپ بولغاندىن كېيىن پەللىدە قالغان تەرەپنىڭ بىر قانچىسى پەللىنى ساقلاپ قالغانلىرى مۆككەنلەرنى ئىزدەيدۇ . ئىزدىگۈچىلەر مۆككۈچىلەرنى مۆكۈۋالغان يەردىن تېپىۋالسا بىر - بىرلەپ تۇتىدۇ . ئەگەر تۇتۇۋالالمىسا مۆككۈچىلەر پەللىگە ياكى باشقا تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ . پەللە ساقلىغۇچىلار پەللىنى قوغداپ مۆككۈچىلەرنى پەللىگە كىرگۈزمەي تۇتۇۋېلىشقا كىرىشىدۇ . مۆككۈچىلەر بولسا مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ ، تۇتقۇزماي پەللىگە كىرىشكە تىرىشىدۇ . ئويۇن جەريانىدا پەللە باققۇچىلار مۆكۈۋالغان جايدىن ياكى پەللە باققۇچىلار مۆكۈپ ، مۆككەن تەرەپ پەللە باقىدۇ . ئەگەر مۆككۈچى تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى بولسىمۇ تۇتۇق بەرمەي پەللىگە كىرىۋالالىسا يەنىلا مۆككۈچى تەرەپ مۆكۈنۈپ پەللە باققۇچى تەرەپ پەللە باقىدۇ . ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ . ئەگەر پۈتۈن بىر ئاخشام مۆككۈچىلەرنى تاپالماي قالسا ئەتىسى ئاخشىمى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ . لېكىن ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىدۇ . شۇڭا ، مۆككۈچىلەردىن بىر - ئىككىنى تۇتۇشنى شەرت قىلسىمۇ بولىدۇ .

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:37:42

قايسى كۈنى كىتابخانىغا بېرىپ مۇشۇ كىتاپنى كۆردۈم ھەم ۋاراقلاپ باقتىم ،تىزىملىكتىكى ئويۇنلارنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ ،بەزىلىرىنى ھەتتا مەنمۇ بىلمەيدېكەنمەن ،ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاب ،ئۇنىڭدا بالىلار ئويۇنلىرىلا بولۇپ قالماي يەنە بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان تېپىشماقلارمۇ بار ئىكەن .باشقا كىتابلارنى سېتىۋالغىنىم ئۈچۈن ،بۇ كىتابنى كېلەر نۆۋەت بارغاندا سېتىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ  قويدۇم  .
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى تىزىملىكى