گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 02:02:27

سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە


ئاياللار- ھاياتنىڭ ئۇلۇغ تىرىكى ۋە تەسەللىي بەرگۈچىسى.
ئاياللار- كۈزەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللار- ئەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تەربىيەچىسىدۇر.
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى- قەلبى گۈزەل بولۇش بىلەن قىياپىتى گۈزەل بولۇشنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئاياللاردىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلەت- مۇلايىملىق.
ئاياللار- ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتقان بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىشنى بىلىش- بىلمەسلىكىدە.
ئوماق ئايال- دولانا كومىلىچى، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
جەزبىدار ئايال- روھلاندۇرغۇچى دورا، تىنچ تۇرغان نېرۋىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- ئاسپىرىن، ساغلام بولمىغان ئوي- پىكرىڭىزدىن خالاس قىلىپ، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇلايىم ئايال- ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
سىرداش ئايال- ئاغرىق توختىتىش دورىسى، گەرچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئاق كۆڭۈل ئايال- ئىسپىرىت، قەلبىڭىزنى ئىللىتىپ، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى دۇنيانى دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ.
كەڭ قورساق ئايال- تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك دورىسى، چۈشكۈنلەشكەن كىشىلىك ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.
ياسالما ئايال- سۇيۇق دورا، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللى بېرىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- پۈتكۈل دۇنيانى «ئوزۇق» قا ئىگە قىلىدىغان كىتاب، سەنئەت ۋە بىلىم بۇلىقىدۇر.
گۈزەللىك- ئاياللارنىڭ پەخرى، ئار- نومۇس ـــــ ئاياللارنىڭ پاكلىقى، گۈزەل- ئەخلاق ـــــ ئاياللارغا مەڭگۈلۈك ئىززەت- ئىكرام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
ئايال- ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىختىراپچىسىدۇر.
ئاياللار- قۇياش، ئۇنىڭ مېھرى- تەپتى ھېچقاچان سوۋۇماستۇر.
ئاياللار- بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللارنىڭ دىلى ئاغرىغاندا زىمىن تىترەيدۇ.
ئايال قەدرى- ھايات قەدرى.
ئايال- مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى.
ياخشى ئايال- قېنىڭغا قان، قانىتىڭغا قانات، جېنىڭغا جاندۇر.
ئىشچان، پەزىلەتلىك، مۇلايىم ئايال ـــــ گۈلباغ، ھازازۇل ئايال ــــ چۆل ساي.
بىر قوتان مېلىڭ بولغىچە، كۆيۈمچان، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بولمىسا بىكار.

مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:14:30

ئاياللارنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپكەن. ئادەم ئۆزىگە-ئۆزى باھا بېرىش تولىمۇ تەس ئىش، ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىك باھالىسۇن!

PINHAN يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:26:24

ئايااللارنىڭ كونكىرىت بىر تۈرگىلا چۈشىشى ناتايىن، بىراق گەۋدىلىك بىر تەرىپى بولىدۇ. ھەمىمىزلا ئۈلگىلىك ئايال بولۇشقا تىرىشايلى!  شەخىسەن مەن تېخىمۇ بەكىرەك مۇلايىم بولۇشقا تىرىشمەن! تېمىڭىزغا رەھمەت!

PINHAN يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 14:37:24

ھە راس قەھۋە خانقىز! ئۆزلە بەك جىق تۈرگە چۈشلىغۇ دەيمەن! قايسى بىرىنى يېزىشنى بىلمەيلا قالدىم جۇمۇ!

makanmusic يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:26:44

مۇشۇنداق جىق ئاياللارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللامدۇق ياكى كۆپنى تاللىساقمۇ بولامدۇ؟
جىقنى تاللىۋەتسەك قانۇنسىزلىق بوپ قالماس ھە......
ئەگە كۆپنى تاللاشقا بولسا ،مەن ھەممىنى تاللاي.

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:39:56

مەنچە ياسالما ئايال بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:55:48

makanmusic يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق جىق ئاياللارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللامدۇق ياكى ...

:oماۋۇ پۈرسەتپەرەس ماكاننىڭ گېپىنى

7YIGIT يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 01:54:30

مەن يەنىلا شۇ « گۈلۈم » گە تەۋەكەنمەن ..

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:02:14

مەن يۇۋاش ئايالغا تەۋەكەنمەن.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:48:11

جانىم پىنھان، ھەممىگە چۈشىدىغان بولسام مۇكەممەل ئايال بولۇپ، ئىلاھقا ئايلىنىپ قالارىدىم بەلكىم.:L
بەت: [1] 2
: سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە