سۇلياۋ ئورالمىلىق يىمەكلىك ساغلاملىققا زىيانلىق
ھەر قانداق سۇلياۋ بويۇمدا سۇلياۋ دوزاۋى بار بولۇپ، تەركىبىدە فىتالات تۇرىدىكى بىرىكمە ماددا بولۇپ، سۇلياۋ بويۇمنى ئىشلەشتە ئومومىيۇزلۇك قوللىنىلىدۇ. فىتالات بىرخىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئۇ ئەرلەردە ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئىشىپ كىتىشىگە تۇرىتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرلىك ھورمۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ، ئىسپىرما سۇپىتى توۋەنلەيدۇ.فىتالات ماددىسىنىڭ سۇلياۋ مولكۇلىسى بىلەن بىركىشى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ فىتالات سۇلياۋ بويۇمىدىن ئاجىرىلىپ چىقىپ، سۇلياۋ بويۇمغا ئورالغان نەرسىلەرگە يىپىشىۋالىدۇ. سۇلياۋ ئورالمىدىكى يىمەكلىك قاتارلىق ئىستىمال بويۇملىرى قايناقسۇ ياكى يۇقىرى تىمپىراتورا بىلەن ئۇچراشقاندا زور مىقداردىكى فىتالات ئىرىتمىسى پەيدا بولىدۇ. ئاندىن ئورالمدىكى بويۇملارغا يىپىسشۋالىدۇ. بۇنداق لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەتكەندە ساغلاملىققا تەسر قىلىدۇ، شۇڭا ئامال بار يېڭى تەييارلانغان، قىزىق ھالەتتىكى يېمەكلىكلەرنى سۇلياۋ ئورالمىغا قاچىلىماسلىق كىرەك.
ھازىر نۇرغۇن يېمەك ئىچمەك دۇكانلىرىدا بۇنداق ئادەت ئومۇملاشقان، بەزى دۇكانلاردا يېڭى تەييارلانغا قىزىق ھالەتتىكى يىمەكلىكلەرنى قەغەز بىلەن ئوراش ئومۇملىشىۋاتىدۇ. ئاشۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش كىرەك. سۇلياۋ ئورالىمىلىق يىمەكلىكلەرنى بىۋاستە مىكرو دولقۇنلۇق قىزىتقۇچقا سالماسلىق كىرەك. ھازىر يېمەكلىك ئورالمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ بويۇملار تەركىبىدىكى فىتالات ۋە باشقا ماددىلارنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە ئىنىق بەلگىلىمە يوق، شۇڭا بۇجەھەتتە كۆپچىلىك ئىشنى يەنىلا ئۆزىدىن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىدىن باشلىغىنى تۇزۇك.
مەنبە: ماتىريال دائىم تاماقنى شۇ يالتىراق خالتىغا قاچىلاپلا ماڭىمىز دىسە ....قانداق قىلساق بولار ؟ يا تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولمىسا :Lيەنىمۇ يوغان سومكا ئىشلەتسەم بولامدۇ نىمە :Q anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 00:01 static/image/common/back.gif
دائىم تاماقنى شۇ يالتىراق خالتىغا قاچىلاپلا ماڭىمىز د ...
جېنىم يەنىمۇ يوغان سومكىنى ‹تاغار› دەيدۇ:lol شۇ ...قايسى سومكام تاغاردىن كامتى :lol ئانىرىمغا بۇ سومكىنى سوۋغا قىلسام قوبۇل قىلارمۇ ;P
http://img02.taobaocdn.com/bao/uploaded/i2/T15ZRPXjBHXXbV5iQ8_100818.jpg بىز ھازىر كەسكىن بىر مەيدان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش جىڭىگە دۇج كىلىپ قالدۇق. بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ماتېرىيالدا« يېمەكلىكلەرنى سۇلياۋغا قاچىلاپ ئىستىمال قىلىش ۋە سۇلىياۋغا قاچىلانغان ئىچمىلىك، تەييار يېمەكلىكلەرنى يېيىش بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق، بولۇپمۇ ئادەمنىڭ فىزولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئىقتىدارنى چېكىندۈرىۋېتىدۇ» دەپ كۆرگەن ئىدىم، شۇندىن كېيىن ئامال بار دىققەت قىلىدىغان بولغانىدىم.
ئانارنىڭ سومكىسى مېنىڭكىدىنمۇ چوڭمىدۇ؟ ئاپام دائىم مېنى تاغارنىلا ئېسىۋالماي، دەپ زاڭلىق قىلىدۇ.;P جۇڭگۇ يەنى دۆلىتىمىز سۇلىياۋنى چەكلەپ چەكلەپ بولالمايدۇ! بۇنچە جىق ئادەمنىڭ قايسى بىرىنى باشقۇرۇپ بولىدۇ دەيسىز! بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىجراسىنى ئاندا مۇندا تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ، گۈررىدە بىر زەربە بېرىپ قويۇپ بولدى قىلىدۇ! يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ دېققەت قىلىغىنى تۈزۈك!
رەھمەت سىزگە!
قەھۋە ! سىز سومكا ئىلىپ ھارمايسىز- ھە ! يەنە تېخى كىيىملىرىڭىز بىلەن قاتتىق ماسلاشتۇرۇپ ئېسىپ كېتىشلىرىڭىز باردە! تۇرۇپ بەك چوڭ سومكىلارنى ئېسىۋالسىڭىز قاراپ: - ئاھ خۇدا! ئىچىگە نىمىلەرنى سالىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە! ھىھھىھىھىھىھى!;P:lol:P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا PINHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:20
ئىچىگە نېمە سالاتتىم جېنىم، شۇ تاللا بازىرىغا بېرىپ بولالمىسام سومكامنىلا ئاختۇرىمەن.:lol ۋۇي ياخشى گەپ ئىكەنغۇ! ئەمسە بۇندىن كيىن نەرسە لازىم بولسا، سىزنىلا ئىزدەي!
ئەجەپ ياخشى، يەنە كېلىپ بىكالىق! ھىھىھىھىھى!ھۇ ھۇ ھۇھۇھۇھ!
بەت:
[1]
2