Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:03:22

مۇنبەر نەشىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۇقىرىلىتىلدى

.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!
    ئالتە كۈن پىلانغا ئېلىنغان مۇنبەر نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتى بېكەت تېخنىكلىرىنىڭ جاپالىق ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئىككى كۈندە تامام بولدى، نەچچە سائەتلىك سىناق نەتىجىسىدە «مۇنبەرنى ئاچسا بولىدۇ» دەپ قارىلىپ، ئەزىزلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.
   مۇنبىرىمىز ئىككى يىلدىن بېرى Discuz 6.1 مۇنبەر سىستېمىسىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىقتىدار قوشۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ مۇنبەر سىستېمىسىنىڭ كېيىنكى نەشىرلىرى رايىمىزغا ياقمىغانلىقى سەۋەبىدىن، نەشىر كۆتۈرۈشكە ئالدىرىمىغان ئىدۇق. نەچچە ئاي ئىلگىرى بۇ سىستېمىنىڭ بىز كۈتكەن ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان يېڭى نەشىرى Discuz X1.5 ئېلان قىلىندى. بىزنىڭ نەشىر كۆتۈرۈشىمىزگە ئاساس ھازىرلاندى. بۇ يازمىمىز ئارقىلىق، سىستېمىنى ئىشلىگەن ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئەزىمەتلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
   ۋاقىت قىس، ئۆزىمىز ناقىس. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، مۇنبەرنىڭ يېڭى نەشىرىنى تەڭشەش جەريانىدا بىز سەزمىگەن كەمچىلىكلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ سەزگەن مەسىلىلەر، يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل «يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى» نى بىز بىلەن بىرلىكتە بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تور بېكىتى2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى(سائەت 0:44 دە يېزىلدى)

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:13:23

قىسمەت بۇ ئۈچ  كۈندىن بېرى جاپا چەكتىڭىز:P.
بىراق مەن مۇنبەرگە كىرەلمەي بەك قىينالدىم:L، كونىلار ئېيتقان‹‹ كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ›› دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بۇ قېتىم تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم:lol.

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 07:37:32

رەھمەت سىزگە ، جاپا چەكتىڭىز !

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:10:51

    مۇنبەردە قانداق يېڭىلىقلار بار؟ بىزگىمۇ دەپ قويۇڭلار ھوي~
   ئوردا، ھويلا، گۇرۇپپا.... دەپ بىرنىمىلەر تۇرىدۇ.... قايسى ئوردا ئۇ؟ 7 قىز قەلئەسى ئەمەسما؟ ئوردا ئالدىدىكى رەستىگە تونۇر سالغىلى قويامدۇ؟ ھويلىغا سالاي دېسەم ھوقۇقىڭىز يەتمەيدۇ دەيدۇ...   خۇشال بوپ كەتتىم دەپ ۋاقىراي دىسەم ، ۋاقىراشقا ھوقۇقۇڭ يەتمەيدۇ دەيدۇ... «ئاز گەپ قىلىپ سامساڭنى ساتە ۋاي~» دېگەندەكلا بىلىنىپ، كىرگەندىكى خۇشھال كەيپىيات ئۇچۇپلا كەتتى دېسە...

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:27:01

ما مۇنبەر يىپيېڭى بوپ كېتىپتۇ جۇمۇ ...خاتا كىرىپ قالدىممۇ دەپ چىقىپ كېتىپ يەنە ئىشىكنى چېكىپ قايتا كىردىم :lolقىسمەتباي جاپا چەكتىڭىز :lol

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:01:01

مۇبارەك بولسۇن يىڭى بەتكە ،ئاخشام چ چ توپتىن مەرىمىنىڭ ئۇقتۇرىشىدىن كۆرگەن ئىدىم ،ياخشى بوپتۇ ،يىڭلىق دىگەننى قۇبۇل قىلىمز خوشاللىق بىلەن ....:D

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:09:05

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:10 static/image/common/back.gif
مۇنبەردە قانداق يېڭىلىقلار بار؟ بىزگىمۇ دەپ قويۇڭلا ...

ئوردائالدى رەستىگە تونۇر سالمىسىلا ھەزرىتىم، خاننىڭ ئاچچىقى يامان، مىرغەزەپكە بۇيرۇپ سالمىسۇن.
تونۇرنى ھويلىلىرىغا سالسىلا، ئۆز ھويلىلىرىدا خاتىرجەم ۋارقىرىسىلا...

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 12:55:39

مۇبارەك  بولسۇن.
ئايقىزنىڭ چىقىۋالغىنى يىكەنداز ئەمەس،ھېكەندازدۇ؟

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:04:53

مۇبارەك بولسۇن ! يىڭى مۇنبەرنىڭ سۈرئىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تىزلىشىپتۇ.
:oبۇ مۇنبەرنى زادى كىم قۇرغان؟ مەرۋەرى خانقىزمۇ ياكى قىسمەت ئەپەندىمۇ:loveliness:

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:23:11

ئىككىلىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى.:lol
بەت: [1] 2 3 4
: مۇنبەر نەشىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۇقىرىلىتىلدى