Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 01:59:17

دىققەت: مۇنبەر نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ

.
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!
   يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى ئېلان قىلىنغان ئىككى يىلدىن بېرى ھەرقايسىڭلارنىڭ قوللىشى، تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
   ئەزىزلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ھازىرلاش ئۈچۈن، مۇنبەر نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشتۇق. بۇ خىزمەت نىسبەتەن قول تۇتىدىغان، زىلراق خىزمەت بولغانلىقى سەۋەبىدىن مۇنبەر نەشىرىنى كۆتۈرۈش جەريانىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا  بېكەتنى ۋاقىتلىق تاقاپ تۇرۇش زۆرۈر بولدى، ۋاقىپلىنىشىڭلارنى سورايمىز.
   نەشىر كۆتۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولسا ئۈرۈمچى ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 8:00 دىن 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 8:00 كىچە بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا خىزمەتنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماملاشقا تىرىشىمىز.
   بۇرادەرلەرنىڭ ئاڭغىچە پىچىقىنى بىلەپ، يېڭى مۇنبەرگە يېڭىچە سىياقتا كىرىشكە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.


ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تور بېكىتى2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:50:38

باش ئۈستىگە جانابلىرى.
پەرمانداردۇرمىز..............

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:55:48

خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 18:05:17

بىر ھەپتە تاقىلىدىكەندە  

يېڭى نەشىرنىڭ تېخىمۇ رەڭدار بولۇشىنى تىلەيمەن !
بىر ھەپتە كۆرەلمەي تۈرىمىزكەندە ```

جاپا چەكتىڭىز !
بەت: [1]
: دىققەت: مۇنبەر نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ