ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:37:59

دىيارىمىزدا «كىتاب ئوقۇش بايرىمى»

دىيارىمىزدا «كىتاب ئوقۇش بايرىمى» قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟



مەلۇمكى، كىتاب - ئەجدادلار بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەنىۋى مىراس بولۇپ، ئۇنىڭدا، بىزنىڭ شانلىق تارىخ، گۈزەل ئۆتمۈشىمىز ۋە پارلاق كېلەچىكىمىز ھەققىدىكى قىممەتلىك بايانلار خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزگىچە كىتاب مەدەنىيىتى ۋە كىتابقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ياخشى ئەنئەنە، ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلىرىگە كىتاب سوۋغا قىلىش، تۈرلۈك ھېيت-ئايەملەردە كىتاب كۆچۈرۈش، تارقىتىش، ئوقۇتۇپ ئاڭلاش ياكى يېزىۋاتقان كىتابلىرىنى شۇ قۇتلۇق كۈنلەردە تاماملاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقىمىزنىڭ كىتابقا نەقەدەر ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ھەم دۇنيا نەشر ھوقۇقى كۈنى. بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ. جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كۈن ھەر خىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»دىن باشقا يەنە، 2005-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5-ئاينى «تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، ھەرمىللەت خەلقىنى كىتاب ئوقۇشقا چاقىرىق قىلىپ كەلدى.
كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەيدىغان مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بۇ كۈننىڭ كېلىپ، چىقىش تارىخىنى بىلىپ قويۇشىمىز لازىم. ئۇنداقتا «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قانداق كۈن؟ ئۇ قانداق كېلىپ چىققان؟ 1995-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەھكىمىسى 23-ئاپرېلنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ۋە نەشر ھوقۇقى كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇش، نەشرىيات ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ 23-ئاپرېلنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتىش ئىلھامى ئەسلىدە بىر گۈزەل رىۋايەتتىن كەلگەن. 23-ئاپرېلدا، ئىسپانىيەلىك مەشھۇر ئەدىب سېرۋانتىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنى، شۇنداقلا ئىسپانىيە كاتالان(Catalan)رايونىنىڭ سان جورج (Dia de Sant Jordi) بايرىمى كۈنى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ كۈنى جورج ئىسىملىك بىر پالۋان ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ مەلىكىنى قۇتقۇزۇۋالغانىكەن، مەلىكە بۇ پالۋانغا بولغان رەھمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر كىتاب سوۋغا قىلغانىكەن. بۇ كىتاب بىلىم بىلەن كۈچ-قۇۋۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى، كاتالان رايونىدىكى قىز-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يىگىتلىرى ۋە ئەرلىرىگە بىر كىتاب سوۋغا قىلىشنى قىلىدىكەن، ئەرلەر ئۇلارغا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىدىكەن. بۇ كۈنى يەنە ئەنگلىيەلىك دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچى شېكىسپىر، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋىلادىمىر نابوكوۋ (Vladimir Nabokov)، فرانسىيەلىك يازغۇچىسى موررىس دېروئېن (Morris • Derouen)، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسلاندىيەلىك يازغۇچى لاكسنېس قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ توغۇلغان كۈنى.
شۇڭا، بۇ كۈننى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
بۇ يىلقى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى (نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نەشرىياتلار، ئالاقىدار ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئىدارە قارىمىقىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىلىرىنى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىدىكى «زامانىۋى مەدەنىيەتنى تۇتقا قىلىش» تەلىپى بويىچە، 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» ۋە 5-ئايدىكى «تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش بايرىمى»نى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى!» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، بىر مەيدان ئاممىۋى خاراكتېرلىك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.
بۇ قېتىمقى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە، ھەر مىللەت ئاممىسىغا «كۆپرەك كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش»نى تەشەببۇس قىلىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ «ۋەتەننى سۆيىدىغان، شاپائەتچان، تىرىشچان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئوچۇق-يورۇق، ئىنتىلىشچان» روھىنى نامايەن قىلىپ، ئېسىل ئىجتىمائىي مەدەنىي كەيپىيات بەرپا قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»دىكى تەشۋىقات سۆزلىرى:

1. پۈتۈن خەلقى كىتاب ئوقۇشقا چاقىرىپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا چاقىرايلى.
2. كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى.
3. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى - «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» بىزنى كىتاب ئوقۇش خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىدۇ.
4. بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، كىتاب ئوقۇش ھاياتنى بېيىتىدۇ.
5. ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتايلى.
6. تەڭرىتاغ ئېتىكىدە كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى.
7. گەر كىشى تاپسا كامال بىلىم بىلەن، كەمتەر بولۇر،
نۇر چاچار ئىلمى بىلەن، گويا يورۇق ئەختەر بولۇر.
8. كىتاب تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ ئىناقلىق ئاتا قىلىدۇ.
9. كىتاب ئوقۇشچان جەمئىيەت ۋە ئەل ئارا مەنىۋى ماكان بەرپا قىلايلى.
10. كىتاب ئوقۇش پايدىلىق، شىنجاڭدا كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى جانلاندۇرايلى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-04-21)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:11:38

كىتاب ئەڭ ئالىي يۈكسەكلىككە تولغان بىلىم خەزىنىسىدۇر!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 00:37:50

مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بايرامنى دوختۇرخانىدا يېتىپ  ئۆتكۈزۋەتتىم دىسە:(

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 02:05:23

ئاللا بۇ بايرام ماۋۇ كاردىن چىقاي دەپ قالغان كاللامدىن چىقىپ كېتىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ، ھەيييييييي:L

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:10:31

كېچىكىپ بولسىمۇ ‹جانان كوچىسىدىكى ئىشلار › دىگەن كىتابنى ئوقۇۋەتتىم :lol
بەت: [1]
: دىيارىمىزدا «كىتاب ئوقۇش بايرىمى»