ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:34:52

كىتاب ھەققىدە 101 ھىكمەت


كىتاب ھەققىدە 101 ھىكمەت(1)

(1) مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە سەنئەت ۋە پەندىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ ئىككى كۈچ كىتابقا مۇجەسسەملەنگەن. - م. گوركىي

(2) كىمىكى ئەجدادلار ياراتقان مەنىۋى بايلىقلارنى بىلمىسە، ئۇ گۈزەللىكتىن بىخەۋەر ياشىغان بولىدۇ. - گېگېل

(3) كىتابلار ئالدىدا ھەممە نەرسە نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ. - ئا. پ. چېخوف

(4) كىتابلار بىر ئەۋلادنىڭ يەنە بىر ئەۋلادقا قالدۇرغان مەنىۋى ۋەسىيىتى، ئۆمرى ئاخىرلاشقان قېرىنىڭ ھاياتقا ئەمدى قەدەم قويۇشقا باشلىغان ئۆسمۈرگە قىلغان پەند-نەسىھىتى، پوستىن ئايرىلغان ساقچىنىڭ پوستا تۇرغان ساقچىغا بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. - ئا. ن. گېرتسېن

(5) گاھىدا ئادەم كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە مۇتلەق باشقىچە بولۇپ، ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئەڭ مەغرۇر ئەقىل ئىگىلىرىمۇ، نازاكەتلىك شەخسلەرمۇ، ساددا ۋە ئەۋلىيالارمۇ ئۇنىڭ بۇ تارتىش كۈچى ئالدىدا باش ئېگىدۇ. - ۋ. گيۇگۇ

(6) ياخشى يېزىلغان تارىخىي رومان تارىخ توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى دەرسلىكلەر بىلەن تەڭ. - بالزاك

(7) كىتابسىز ئۆي جانسىز تەن. - تىتېسرون

(8) كىتابلار جانسىز، ئەمما سادىق دوستلاردۇر. - ۋ.گيۇگو

(9) بىرىنچى قېتىم ياخشى كىتاب ئوقۇغاندا گويا ياخشى دوست تېپىۋالغاندەك ھېس قىلىمىز. ئوقۇغان شۇ كىتابنى تەكرار ئوقىساق كونا دوست بىلەن قايتا ئۇچراشقاندەك بولىمىز. - ف. ۋولتېر

(10) سىزنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدىغان كىتابلا ئەڭ ياخشى نەپ بېرىدىغان كىتابتۇر. - ت. پاكىر

(11) ئادەمنىڭ ئادەملىكىنى ئۇ ئوقۇيدىغان كىتابلاردىن بىلىش مۇمكىن. - س. سمايلىس

(12) ياخشى كىتاب ھەر قانداق سىناققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ۋە ئۆمۈر بويى ياخشى ھەمراھ سۈپىتىدە خاتىرىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا كىتابلارنى توغرا تاللاشنى بىلىش كېرەك. - پ. ئا. پاۋلېنكوۋ

(13) ھاياتنىڭ مەنىسى، ئادەملەرنىڭ ئارزۇ-تىلىكى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشنى ئۆگىتىدىغان كىتابلارنىلا ئوقۇش ۋە قەدىرلەش كېرەك. - م. گوركىي

(14) كىتابنى سۆيۈڭ، ئۇ تۇرمۇشىڭىزنى يېنىكلىتىدۇ، ئادەملەرنى ۋە ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ دۇنياغا، ئادەملەرگە مېھىر-مۇھەببەت، ئەقلىڭىز ۋە قابىلىيىتىڭىزگە قانات ئاتا قىلىدۇ. - م. گوركىي

(15) كىتاب ئىنساننى كائىنات ئىگىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ. - ئا. روباكىن

(16) كىتابنى قەدىرلەش، بۇ تەپەككۇر قەسىرىگە ئىززەت-ئىكرام بىلەن قەدەم قويۇش كېرەك. - ئى.گېرىتسىن

(17) ياخشى كىتاب ئەقىللىق ئادەم بىلەن سۆھبەت قىلىشتۇر. كىتابخان ئۇنىڭدىن بىلىم ھەم ۋەقەلىكنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھاياتنى چۈشىنىش خىسلىتىنى ئۆگىنىدۇ. - ئا. ن. تولستوي

(18) كىتاب ئوقۇمايدىغان ساۋاتلىق ئادەم نېمىگىمۇ ئەسقاتار؟ بۇنداق ئادەم يەنە تەكرار ساۋاتسىزلىققا مەھكۇمدۇر. - ۋ. لوناچارىسكىي

(19) كىتابسىز ئۆي جانسىز تەن دېگەن سۆز. - تىتېسرون

(20) ياخشى كىتاب كۆتۈرۈۋالغان ئادەم ھېچقاچان يالغۇز ئەمەس. - ك. گولدانى

(21) نادانلار توپىدا ئولتۇرغاندىن كۆرە كىتابتىن تەسكىن تاپقان ئەۋزەل. - پ. بوئاست

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «تەپەككۇر گۈلشەنى»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


كىتاب ھەققىدە 101 ھىكمەت(2)


(22) ھەقىقەتكە باي كىتاب خاسىيەتلىك ئاچقۇچ، ئۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق بەختنىڭ ئىشىكىنى ئاچقىلى بولىدۇ. - جۇڭگو

(23) كىتاب ئوقۇش كىشىنى تويۇندۇرىدۇ، پىكىر قىلىش كىشىنى تەپەككۇر تېرەنلىكىگە باشلايدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش كىشىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. - ئامېرىكا

(24) ھەرىكەت بەدەننى تاۋلىغاندەك، كىتاب ئوقۇش ئىدىيىنى تاۋلايدۇ. ھەرىكەت كىشىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، كىتاب ئوقۇش كىشىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. - ئەنگلىيە

(25) كىتاب ئوقۇشنى بىلىش دېگىنىمىز، ھەقىقىي قىممىتى بار كىتابلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ قىممىتى بەكمۇ يۈكسەك. - ئامېرىكا

(26) كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمنىڭ ماتېرىيالىغىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنى ھەقىقىي بىلىمگە ئايلاندۇرۇشتا تەپەككۇر ئىقتىدارىغا تايىنىش كېرەك. - ئەنگلىيە

(27) كىتاب دۇنيانىڭ ئوزۇقى. تۇرمۇشتا كىتاب بولمىسا، كۆكتە قۇياش بولمىغانغا ئوخشاش؛ ئەقىل ئېگىسىدە كىتاب بولمىسا، قۇشتا قانات بولمىغانغا ئوخشاش. - ئەنگلىيە

(28) كىتاب ياشلىقتا يېتەكچى بولىدۇ، ياشانغاندا ئەرمەك بولىدۇ. - ئەنگلىيە

(29) بىر ئائىلىدە كىتاب بولمىسا، بىر ئېغىز ئۆيدە دېرىزە بولمىغانغا باراۋەر. - ئەنگلىيە

(30) تۇرمۇش بىلىملىرى بولمىغان كىتاب بىر دۆۋە كېرەكسىز قەغەز. - ئەنگلىيە

(31) كىتابنى ئەڭ قەدىرلىگەن كىشى ئەڭ ئەقىللىق كىشىدۇر. - ئامېرىكا

«ئەقلىيە سۆزلەر لۇغىتى» دىن رابىيە ئوسمان تەييارلىغان
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«شىنجاڭ گېزىتى»(2011-04-21)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


كىتاب ھەققىدە 101 ھىكمەت(3)


(32) كىتاب - ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ يازما خاتىرىسى.

(33) ئەقىل-پاراسەت كىتابقا تايانمىسا، خۇددى قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ.

(34) كىتاب - ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان ئوغۇز سۈتىدۇر، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

(35) ياخشى كىتابنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا خۇددى بىر ياخشى دوست تېپىۋالغاندەك بولىمىز.

(36) كىتاب ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدىكى مەسلىھەتچى، ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت سىز ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(37) كىتاب - غايەت زور كۈچ.

(38) كىتاب - تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ تېزلەتكۈچىسىدۇر.

(39) كىتاب - خەلقنىڭ يىلنامىسى، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەددى-ھېسابسىز مول تەجرىبىلىرىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ.

(40) كىتاب - گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن خۇددى چاقناپ تۇرغان ياقۇتقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر دانىسى غايەت زور قىممەتكە ئىگە.

(41) كىتاب - كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە ئاتا قىلىنغان نەسىھەت ۋە تەسەللىدۇر، ئۇنىڭ قىممىتى چەكسىز.

(42) كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب - ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

(43) كىتاب - بىپايان زامان دېڭىزىدىكى ماياك.

ئابلىز ئابلەت مەخسۇم تەييارلىغان
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(2011-04-21)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
)داۋامىنى يەتتە قىزلىرىم تولۇقلىغاي(
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:43:50

كىتاب دىمەك يول باشلىغۇچى دىمەكتۇر!
ئەڭ قىممەتلىك بايلىق،ئەڭ ئىشەنچىلىك قۇرال،ئەڭ ياخشى دوست كىتابدۇر!
كىتاب ئوقۇمىغان ئادەم پەقەت ئۆزىنىلا چۈشىنىدۇ.
ھاياتلىق دىمەك كۈرەش دىمەكدۇر.كىتاب شۇ كۈرەشنىڭ باش قۇماندانىدۇر!
كىتاب ئادىمىيىلىك ئەخلاق-پەزىلەت،ئىسىل-خىسلەت ئۈگەتكۈچى ئوقۇتقۇچىدۇر!
كىتاب تارىخنىڭ ئانىسىدۇر!
كىتابسىز ئۆتكەن ھايات مەنىسىز ھاياتدۇر!
كىتاب ئىنساننىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ۋە ئەڭ يىقىن ھەمراھىدۇر!
كىتبقا بولغان مۇھەببەت ئەڭ يۈكسەك مۇھەببەتدۇر!
كىتاب ھايات گۈلزارىمىزنىڭ باغچىسىدۇرئ!

ئاپتورى:<غ>ئۇيغۇرى.
بەت: [1]
: كىتاب ھەققىدە 101 ھىكمەت