خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:46:36

قېتىق ئۇيۇتۇشنى بىلەمسىز ؟

سالام دوسلار،ئەتىياز پەسلىدە قېتىق ئىچىپ بەرگەندە ئادەمنىڭ مىجەزىنى تەڭشەشكە پايدىسى بار.
تۆۋەندە مەن سىلەرگە قېتىقنى ئائىلىدە،ئۆز قۇلىمىز بىلەن ئۇيۇتۇشنىڭ ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرماقچى ،قېنى ئەمىسە قۇلاق سېلىڭ.

خۇرۇچلىرى: كالا سۈتى ياكى قوي سۈتىدىن بىر كىلوگىرام، كۆنەلگۈدىن 50 گىرام.
  ئېتىش ئۇسۇلى:سۈتنى قاينىتىپ ئوتتىن ئېلىپ، قول كۆيمىگىدەك دەرىجىدە،يەنى تېمپېراتۇرىسى35~40 گىرادۇس ئەتراپىداسوۋۇتۇپ،كۆنەلگۈ سېلىپ،تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە يۆگەپ قويساق قېتىق ئۇيۇيدۇ. ياش كالىنىڭ سۈتىدىن ئۇيۇتۇلغان قېتىق ئەڭ ياخشى قېتىقتۇر.
تەسىرى: بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ،تەشنالىقنى ۋە سەپرانىڭ غالىپلىقىنى پەسەيتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرۈپ مىزاجنى تەڭشەيدۇ، ئىسسىق مىجەز كىشىلەردىكى ئۆت ياللۇغى، جىگەرنى ماي قاپلاش، قان بېسىم، ئۈچەي، ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. خانىم-قىزلار دائىم قېتىق ئىچىپ بەرسە، تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، سىلىقلاپ، پارقىرىتىپ گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش: سوغۇقچان كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەسەل بىلەن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

گەرچە قېتىق ئۇيۇتۇش ئاساندەك قىلغان بىلەن ئىنتايىن نازۇك ئۇسۇل. يەنى سۈتىڭىز قىززىق بوپ كەتسە، ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ.
سۈتىڭىز سۇۋۇپ قالسا، ئۇيۇمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا بەكرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:55:35

راس دىسەم مەن كۈندە بىر قاچا ئىچىمەن................

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:01:31

ئاپام تولا ئۇيىتىدۇ، بازارنىڭ قېتىقلىرىنى ياراتماي:)

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:37:04

تەييارنى ئىچىپ كۆنۈپ قاپتىمەن ،ئۆزەممۇ قول سېلىپ ئۇيۇتۇپ باقسام بولغۇدەك .

esil يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:21:51

مەن ئانچە ۋاي  دەپ كەتمەيمەن مۇشۇ قىتىق دىگەنگە ..لىكىن بىزنىڭ بالاڭزا ئالامەت ئامراق ، ما تىمىنى ئوقوغونىمنى بىلىپ قالسا مىنى  قىتىقچى قىلىۋىتىدۇ ئۇ  ئۆيدە

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:32:17

ئانام بۇرۇن بەك تاتلىق قېتىقلارنى ئۇيۇتۇپ بېرەتتى. بازاردىن قېتىق ئېلىپ ئىچسەم ئانام ئۇيۇتۇپ بەرگەن قېتىقلاردەك تېتىمايدۇ.
بەت: [1]
: قېتىق ئۇيۇتۇشنى بىلەمسىز ؟