مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:26:29

<<يەتتە قىزلىرىم>>دا ناخشا ئاڭلاڭ!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى، ھەر قايسىڭلارنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ھەر- بىر مىنۇتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى شۇنداقلا  ھارغىن قەلىبلىرىڭلارغا ئازراق بولسىمۇ  ئوزۇق بولسۇن ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزنىڭ  ناخشا ئاڭلاش ئىقتىدارى بۈگۈندىن باشلاپ ئېچىۋېتىلدى.
ئەزىزلەرنىڭ مۇنبەر ئۈستى تىزىملىكىدىكى<< ناخشا ئاڭلايچۇ>> دېگەن كۇنۇپكىنى ېبسىش ئارقىلىق، يوللانغان ناخشىلاردىن ھوزۇر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! ( ئاڭلاشنى خالىمىسىڭىز ناخشا ئاڭلىمايمەن كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز بولىدۇ).
تۇنجى تۈركۈمدە 24 ناخشا يوللاندى،  بەلكىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلاردىكىدەك ناخشىلار بولماسلىقى مۆمكىن، دوستلارنىڭ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى سورايمىز!
ناخشىلار ئايدا بىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، شۇڭا دوستلارنىڭ ياخشى ناخشىلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى سورايمىز!

ئاخىرىدا بارلىقىڭلارنىڭ مۇنبىرىمىز ئۈچۈن سىڭدۈرۋاتقان ئەجرىڭلارغا چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمىز!

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18- كۈنى

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:32:24

ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ. ھوزۇرلانغاچ مۇنبەر كۆرىدىغان بولدۇق.

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:40:58

ھازىر بىر تىما يوللىغانتىم شۇ تىمامغا  قوشقان ناخشىنى تەۋسىيە قىلاي مەن

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:44:48

dilroh بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:40 دە يوللىغان /images/common/back.gif
ھازىر بىر تىما يوللىغانتىم شۇ تىمامغا  قوشقان ناخشىنى تەۋسىيە قىلاي مەن
بولىدۇ، ھازىرلا ئادرىسىنى ساقلىۋالاي، مەن:)

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:45:24

مېنىڭ ناخشام بولمىسا ئاڭلىمايمەن جۇمۇ :lol

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:48:25

anar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:45 دە يوللىغان /images/common/back.gif
مېنىڭ ناخشام بولمىسا ئاڭلىمايمەن جۇمۇ :lol

سىزمۇ مەرۋەرى ھەدەمگە ئۆزىڭىز ناخشا ئوقۇمسىزما ئانار ھەدە

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:49:49

مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:44 دە يوللىغان /images/common/back.gif

بولىدۇ، ھازىرلا ئادرىسىنى ساقلىۋالاي، مەن:)

ماقۇل داۋاملىق ئەتە تەۋسىيە قىلاي ئاللا خالىسا

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:33:48

ياخشى ئىش بوپتۇ ،ناخشا ئايلايچۇ ئەمدۇ .
مەرۋەرى خانىم مۇڭلۇق ناخشىلاردىنمۇ كىرگۈزۈپ قويۇڭە ،مەن شۇنىڭغا ئامراق .

MARS-500 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:37:32

رھمەت ھەدە...........ئەجىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن.بۇ تۈر يەتە قىزىم مۇنبىرىنى يەنە بىر بالداق كۈتۈردى.ئىشىنىمەنكى يەتە قىزىم مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى،مەدىنىيىتى،كەلگۈسى ئىستىخپالى پارلاق بولىدۇ.

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:39:42

مۇبارەك بولسۇن !
QQ بوشلۇقىڭىزدىكى بىر نەچچە ناخشىغا شۇنداق ئامراق ئىدىم ، شۇ ناخشىلارنىمۇ كىرگۈزۈپ قويۇڭە .
بەت: [1] 2
: <<يەتتە قىزلىرىم>>دا ناخشا ئاڭلاڭ!