nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 12:01:54

بويى پاكارلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن

ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ 750 ئەرنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشچە، بويى پاكارلارنىڭ ئېگىزلەرگە قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى %11 يۇقىرى بولۇپ، باشقىلاردىن توققۇز - ئون يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن.

  گېرمانىيەنىڭ 100 ياشلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشچە،165 ئەر ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.67 سانتىمېتىر،410 ئايال ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.57 سانتىمېتىر ئىكەن. ئىنسانشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى زامان تۇرمۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ 1.86-1.65سانتىمېتىرغىچە، ئاياللارنىڭ 1.62-1.59 سانتىمېتىرغىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن.

  بويى ئېگىزلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇشى يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيە، مېڭە قان تومۇر سەكتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. فىزىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بوي قانچە ئېگىز بولسا، يۈرەكنىڭ قاننى باش قىسمىغا يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەش يۈكى ئېغىرلىشىپ، قان بېسىمنىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. قان بېسىم بىلەن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قان بېسىم قانچە يۇقىرى بولسا، يۈرەككە بولغان بېسىم شۇنچە ئېغىرلاپ، يۈرەك مۇسكۇلى ئاسانلا يوغىناپ قېلىنلىشىپ كېتىپ، بۇنداق كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن، شۇڭا بويى ئېگىزلەر ئۇزاق ئۆمۈر كۆرمەكچى بولسا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدىن ئىلىندى.

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:57:27

ئۇنداقتا مېنىڭ بىر يېقىن دوستۇم بولىدىغان، بويى بەكلا پاكار ئۇ مېنى قېرىتىپ يولغا سېلۋېتىدىغان ئوخشىمامدۇ;P

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:18:47

بۇنىڭغا مەن ئىشەنمەيمەن  خۇدايىم جاننى ئالىمەن دىسە  ساپساق تۇرۋاتقان ئادەمنىىڭ جېنىنىمۇ دەقىقە ئىچىدە ئېلىپ كىتىدىكەن ساقلىسا شۇنداق ساقلايدىكەن يەر تەۋرەپ كۆمۈلۈپ قىلىپ بىر ھەپىتىگە ھىچنىمە بولماي

مېنىڭ دادام 1 مىتىر 65 لەرچە كىلەتتى   ياشلا كەتتىغۇ :L :L

مەن بىر مىتىر 55    خۇدايىم ھەمىمىزگە  ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن

پەرىشتە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:17:12

الللا ھەمىمىزگە سالامەتلىك  ،ئۇزۇن ئۈمۈر ئاتا قىلسۇن.

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:51:20

بىلگۈچى ئاللاھ....ھەممەيلەننى ساق قىلسۇن!

kun^kiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:48:09

مىنىڭ بويۇم   162cm  قارغاندا اللا ئىگەم رىسقىمنى كەڭراق ياراتقان بولسا مەنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەمدىم نېمە ؟ بىزنىڭ ئاتا-ئانا جەمەتىمىزدىغۇ يىشى 65 تىن ئاشلار يوق دېيەرلىك .:L

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:04:13

"ئىگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ" دەيدىغان گەپ بار....
   
   ئىگىزلەر ئاچچىقلىماي تۇرساق.... كۆرسىمۇ كۆرۈپ قالار.....:lol

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:41:21

بۇنى پەقەت بىر ئاللا بىلىدۇ .

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:21:57

مەن ئۈمۈر چولپىنى بولىدىغان چېغىم بار. :lol

Aydar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:09:10

سايە : بىر مىتىرغا توشامسىز؟
بەت: [1] 2 3 4
: بويى پاكارلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن