ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:14:58

دىيانەتلىك ئاياللار - بىر ياخشى كىتاب

دىيانەتلىك ئاياللار بىر ياخشى كىتابقا ئوخشايدۇ

دىيانەتلىك ئاياللار بىر ياخشى كىتاب. ئۇنى خالىغان كىشى ئوقۇيالمايدۇ، ئوقۇپمۇ چۈشىنەلمەيدۇ.
دىيانەتلىك ئاياللار تۇرمۇشنى سۆيىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانچە جەلپكار بولمىسىمۇ، ھاياتى جەلپكارلىققا تولغان بولىدۇ. مول بىلىمى، ئالىي مەلۇماتى، گۈزەل لاتاپىتى، كەڭ كۆكسى-قارنى، سۆيگۈگە تولغان قەلبى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلىققا تولدۇرىدۇ.
ياخشى كىتاب ياخشى ئوقۇرمەنگە ئوڭاي يولۇقمىغاندەك، دىيانەتلىك ئاياللارنىڭ ياخشى ئەرلەرگە يولۇقۇشى ناتايىن، بۇ خۇددى ئېگىز پەدىگە جور چىقمىغاندەكلا بىر ئىش.
بەزىلەر: «دىيانەتلىك ئاياللار ھەقىقەتەن بىر ياخشى كىتاب، ئۇ كىشىگە ئىلھام، زوق بېغىشلايدۇ، نەپ بېرىدۇ، ئۇ پۈتمەس-تۈگىمەس زوق ئاتا قىلىدىغان نادىر ئەسەر. ئۇلار نېمىلا قىلسۇن، ئۆز لايىقىدا قىلىدۇ، قارشى تەرەپكە مالاللىق يەتكۈزۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ئەرلەرنى چۈشىنەلەيدۇ. بىر دىيانەتلىك ئايال سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇيدىغان ياخشى كىتاب، بىر ئۆمۈر ئوقۇپمۇ زېرىكمەيدىغان كىتاب. ئۇلار ئەرلەرنىڭ زېرىكىشلىك، بۇرۇقتۇرمىلىققا تولغان قەلبىنى نۇر بىلەن ئىللىتىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كۈي، قەلب تارىڭنى چېكىدىغان، ھېس - تۇيغۇلىرىڭنى باھار ئاپتىپىغا باشلايدىغان» دېيىشىدۇ.
دەرۋەقە، كىشىلەر ياخشى كىتابنى ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىدۇ، ياخشى كىتابنى تاپقاندا دىيانەتلىك ئايالنى تاپقاندەك سۆيۈنىدۇ.
بىر دىيانەتلىك ئايال گوياكى بىر پىيالە ئېسىل چايغا ئوخشاش دىلغا ئارام، يۈرەككە شىپا. ئۇ سىزنى بىر ئۆمۈر سەرخۇش قىلىدۇ، قەدىر-قىممەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

جۇشقۇن تەييارلىغان
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:24:12

مۇنداق كىتاپنى ئۇقۇغانسېرى ئۇقۇغۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ ......

ياپراخ يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:55:18

شۇنداق .  سايىپجامال  ئايال كۉزگە ئارام بىعىشلايدۇ ، دىيانەتلىك ئايال كۉڭۅلگە دەرمان بىعىشلايدۇ !!!!!!!!!

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:28:58

خوتۇننىڭ ئىپپىتى - ئەرنىڭ ئىززىتى ؛
ۋاپالىق خوتۇننىڭ باھاسى يوقتۇر ،
ۋاپاسىز بولسا گەر كۆزگە ئوقتۇر !
                                            ___ ئاتىلار سۆزلىرىدىن

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:55:58

"ئەرنى ئەر قىلغانمۇ ئايال، يەر قىلغانمۇ ئايال" دەپتىكەن كونىلار بۇ بەكلا توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر.
ئەدەب-ئەخلاقلىق بىر ئايال ئېرىگە ھەممە تەرەپتىن ياردەمدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئېرى قەلبىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
بەت: [1]
: دىيانەتلىك ئاياللار - بىر ياخشى كىتاب