tabassum333 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:39:14

ھىسسىياتىڭىزنى سىناپ باقامسىز؟ تەبەسسۇم

سىز ھازىر دەريا بويىغا ئوينىغىلى كەلدىڭىز،ئۇ يەردە قانداق ئوينىماقچى؟   

A-ئېقىنغا قارشى ئىلگىرلەپ ،ئېقىننىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىمەن.
   
B-سۇغا كىچىپ دەريادىن ئۆتۈپ ،قارشى قىرغاقنى تاماشا قىلىمەن.  

C-قىرغاقتا تۇرۇپ ،جىمجىتلىق بىلەن ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىمەن.

D-دەريا بويىدا تۇرۇپ سۇ ئوينايمەن.


A.كۆڭلىڭىزدە ناھايىتى مۈكەممەل غايىۋى ئوبراز بار،سىز ياراتقۇچىنىڭ سىزگە بۇ غايىۋانە ھەمراھنى ئاتا قىلغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىسىز،سىز ئۇنى ئىزدەپ تاپماقچى،سىز ئەتراپىڭىزدا ئۆلچىمىڭىزگە يەتكۈدەك ئادەم يوق دەپ قارىغاچقا سىزنى رازى قىلىش ئىنتايىن قىيىن ،كۆڭلىڭىزدىكىدەك يىگىت ياكى كۆڭلىڭىزدىكىدەك قىز بىلەن موھەببەت لىرىكىسىنى ياڭرىتىشنى ئارزۇ قىلىسىز،شۇڭا خىزمەت ئورنىڭىزدىن ،ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلاردىن ،ھەتتا ئالاقە تورىدىن ئۇنى ئىزدەيسىز ئۇنى ئىزدەپ تاپىدىغان ھەر قانداق پۇرسەتتىن ۋاز كەچمەيسىز.

B.ھازىرچە يىگىتىڭىز ياكى قىز دوستىڭىز يوق،پەقەت يوشۇرۇن كۈيىۋاتقان ئادىمىڭىزلا بار،يىغىپ ئېيتقاندا ،سىز ھىسسىيات جەھەتتىن يىگانە ئەمەس،بىراق سىزنىڭ قىزغىن ۋە قايناق ھىسسىيات بىلەن موھەببەتلىشىدىغان ۋاقتىڭىز ئۆتۈپ كەتكەن،سىز ئۆزئارا مۇناسىۋەتكە سوغۇققانلىق بىلەن قاراپ ،تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئويلايسىز.

C .سىز موھەببەتكە نىسبەتەن ئىدراكى پوزىتسىيە تۇتالايسىز،شۇڭا ،ھەمىشە نورمال روھىي ھالىتىڭىزنى ساقلىيالايسىز،سىز ئۈچۈن لايىقىڭىزنىڭ بولۇش بولماسلىقى ئانچە موھىم ئەمەس،شۇڭا ھېسسىياتقا بەك بېرىلىپ كەتمەيسىز،ھەقىقى موھەببەت ئادەمنى يېتىلدۈرىدۇ دەپ قارايسىز،سىزگە نىسبەتەن قايناق ھېسسىياتنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى قالمىغان.   

D.ئىلگىرى سىز موھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ باققان بولسىڭىزمۇ ،بۇ ئازاپلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ موھەببەتلىك باھار پەسلىنى قايتىدىن باشلاشنى ئويلايسىز،بىراق سىزنى ئىلگىرى «يىلان» چېقىپ باققاچقا  ناھايىتى ئېھتىياتچان پۇزىتسىيىدە تۇرىۋاتىسىز،شۇڭا موھەببەتلىك ھاياتنى تۇرمۇشنىڭ ئاساسى مەزمۇنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي،ئۇنى پەقەت تۇرمۇشنىڭ زىننىتى ئورنىدا كۆرىسىز خالاس.
   
«پەن ۋە تۇرمۇش»تىن ئېلىندى.

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:04:34

س بىلەن د دىكىدەك قىلاتتتىم مەن  قوش تاللاش يوقما``

arzuyum يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:46:54

س نى تاللىدىم.:)

tabassum333 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:06:05

dilroh بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:04 دە يوللىغان /images/common/back.gif
س بىلەن د دىكىدەك قىلاتتتىم مەن  قوش تاللاش يوقما``
كەچۈرۈڭ دىلرۇخ،پەقەت بىرنىلا تاللاش ئىمكانىيىتىڭىز بار،ئەگەر قوش تاللىسىڭىز ھىسياتىڭىز تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ:lol :victory:

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 13:48:01

مەنمۇ دېلروھتەك س بىلەن د نى تاللىغان ئىدىم:loveliness:

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:53:52

مۇشۇ پىسخىكلار مېنى نىمانچە بەك چۈشىنىدىغاندۇ، دەيمەن.:L

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:42:25

ئەمسە  دەريا بويىدا ئەتىراپقا نەزەر سىلىپ تۇراي س نى تاللىدىم

باشقىللىرىنى تاللسام سۇ ئۇزەلمەيمەن مەن جېنىمنى سىلىپ بەرگىم يوق ھى ھى

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:43:16

مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 13:48 دە يوللىغان /images/common/back.gif
مەنمۇ دېلروھتەك س بىلەن د نى تاللىغان ئىدىم:loveliness:
قوش تاللاش يوقكەن ئەمەسمۇ ھەدە

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:44:02

Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:53 دە يوللىغان /images/common/back.gif
مۇشۇ پىسخىكلار مېنى نىمانچە بەك چۈشىنىدىغاندۇ، دەيمەن.:L

سىزنى چۈشەنمىسە پىسخىك بولالامدۇ ئۇلار ھەدە    :lol

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:14:51

دەريا بويىغا بېرىپ بىردەم سۇ كېچىپ ئوينىۋالمىسا قانداق بولىدۇ ؟ دەريادا سۇغا كېچىپ ئويناپ بولۇپ ،قىرغاقتا ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىمەن .
بەت: [1] 2
: ھىسسىياتىڭىزنى سىناپ باقامسىز؟ تەبەسسۇم