خەندان يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:25:40

يامغۇردىكى پىنھان سىرلار

ياغدى بۈگۈن كەچكۈز يامغۇرى،
كۆك قەرىدىن چۈشتى تاراسلاپ.
دەرىزەمگە ئۇرۇپ ئۆزىنى،
ھىسلىرىمنى كەتتى ھاپاشلاپ.

يامغۇر ياققان ئىدى ئەشۇ چاغ،
بىز تۇنجى رەت ئۇچراشقان كېچە.
سوغۇقلۇقتىن تىترىسىمۇ تەن،
يۈرىكىمىز چوغئىدى شۇنچە.

قىزىل گۈلگە ئايلانغان مەڭزىم،
رۇخسارىمغا  قىيا باققاندا.
كۆزلىرىمدە سۆيدۈم مەن سېنى،
ھاياجانلار  سىرغىپ ئاققاندا.

تەلمۈرگەنتىڭ تىنىقلىرىمغا،
ئاڭلاش ئۈچۈن يۈرەك سۆزۈمنى.
ھايالىرىم قورشاپ روھىمنى
قاچۇرغانتىم شۇ چاغ ئۆزۈمنى.

دىگەن ئىدىڭ سۆيەمسەن مېنى،
يۈرىكىڭدە ھېسلىرىم بارمۇ؟!
جاۋاپسىزلا قالىمەن ھەر چاغ،
سۆيگۈم سېنىڭ ئالدىڭدا خارمۇ؟!

مەن دىگەنتىم كۆزۈڭگە بېقىپ،
يۈرىكىمدە ساڭا پۈتكىنىم!!
تەڭ ئەمەسمۇ سۆيدۈم دىگەنگە،
گۇگۇمغىچە سېنى كۈتكىنىم!!  


خەندان يازمىلىرىدىن.

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:35:09

سىنتەبىرنىڭ ئەشۇ يارقىن كېچىسى،
سۆيگۇم بولدى خۇددى يامغۇر دانچىسى.
كەچكۈزدىكى چىققان سوغاق شامالدا،
مەڭزىڭ ئىدى خۇددى ئىلى ئالمىسى.

[ otkankunlar بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:07  دە تەھرىرلىگەن. ]

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:21:16

باغرىمغا باش قويغىنىڭدا ئۇيۇلۇپ،
مەڭزىڭ ئىدى خۇددى ئىلى ئالمىسى.
------------------------------------------
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ما مىسرالىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن.:lol

خەندان يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:15:48

جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:21 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
باغرىمغا باش قويغىنىڭدا ئۇيۇلۇپ،
مەڭزىڭ ئىدى خۇددى ئىلى ئالمىسى.
------------------------------------------
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ما  ...

بىرەر ئىش ئېسىڭىزگە كېلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ..........:P

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:36:22

ئۆتكەن كۇنلەر بەلكىم يەتتى يادىغا،
جۇلالىنىپ تۇرسا ئادەم ياشلىغى.
خەندان ئۇرار دائىم قۇشلار سەھەردە،
يېشىللىققا تولسا كەڭرى يايلىغى.

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:16:12

خەندان بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:15 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif


بىرەر ئىش ئېسىڭىزگە كېلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ..........:P
ئەمدى ئېسىمگە كەلسىمۇ كەلگەندۇ ياش باللا بولغاندىكىن.:lol

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:17:02

otkankunlar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:36 دە يوللىغان /bbs/images/common/back.gif
ئۆتكەن كۇنلەر بەلكىم يەتتى يادىغا،
جۇلالىنىپ تۇرسا ئادەم ياشلىغى.
خەندان ئۇرار دائىم قۇشلار سەھەردە،
يېشىلل ...
ما ئىنكاسقا جاۋابەن يازالمىغىدەكمەن، مۇشۇ شېئىر يېزىشتىن پەقەتلا خەۋرىم يوق.ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.:)

otkankunlar يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:06:55

يىتىمسىراپ قالدى پىنھان سېرلېرىڭ،
كەچكۇزدىكى غازاڭ باسقان باغلاردا.
سېرلېرىڭنى چېچىۋېتىپ ھاۋاغا،
يۇردىڭمۇ يا ئىگىز ئىگىز تاغلاردا.

ئاق بوز ئېتىڭ كىشنەپ ئەشۇ دالىدا،
سىنى چىللار كەچكۇزدىكى كېچىگە.
خەندان ئۇرۇپ چېچىپ ئۇنچە مەرۋايىت،
قۇشۇلساڭچۇ كېلىپ يامغۇر سېپىگە.

gulhan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:48:03

ئەسكە سالدى ئۆتكەن كۈنلەرنى،
سىم-سىم يامغۇر دەرىزە چىكىپ.
يامغۇر كەبى كەتسەمكەن مەنمۇ ،
بىراۋلارنىڭ باغرىغا سىڭىپ.
كەچمىشلەرنى سېغىنىپ ئۆتتۈم ،
سىم-سىم يامغۇر قوينىدا لەيلەپ.
بۇندىن ئارتۇق بەخىت بارمىدۇ،
تۇرسابىراۋ سىنى ياد ئەيلەپ.

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 17:12:31

ئويلىمىغاندا خەندان ھەم ئۆتكەن كۈنلە بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالغىنىمدىن بەك خۇرسەن بولدۇم ...كونا قەدىردانلا بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىشمۇ  ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇدە؟......
بەت: [1] 2
: يامغۇردىكى پىنھان سىرلار