Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:43:26

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!

ئالدىنقى كۈنلەردە  مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللانغان  بىر تېمىغا تونۇشلىرىم كۈچلۈك تەلۋى بىلەن جاۋابەن بىرەر نەرسە
يېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ خىزمەت ئالدىراشلىقىدا يىزىشقا ۋاقىت بولماي قالغان ئىدى. بۈگۈن ئازىراق بولسىمۇ يىزىپ قويۇش مەقسىتىدە تورغا كىرىپ توردىن ئاز تولا خام ماتىرىيال تەييارلاش ئۈچۈن ئارىلاۋىتىپ. جاۋاپ يازمىنىڭ ئاللىقاچان يىزىلىپ بولۇنغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.  شۇڭا بۇ يازمىنى  بۇيەرگە چاپلاپ قويدۇم. مەنبەسى: تارىمى تورى   مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا تورداشلار بولسا مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللاپ قويۇشىڭلارنى تەۋىسيە قىلىمەن.  ئەسلى ئاپتۇر بۇنداق كۆچۈرلىشنى خاتا چۈشۈنۈپمۇ كەتمەس.


ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!

ساپ ئۇيغۇر

(بۇ –ئويلىغانلىرىم ھەققىدىكى تىز يازما،ئىلمى ئەسەر قىلىشقا ياكى مىللەتنى تىللاشقا باھانە قىلىۋىشقا بولمايدۇ،پەقەت كاتتا كىتاب ياكى ئىلمى دوكلارنى سىستىمىلىق تەييارلىغۇچە،مۇناسىۋەتلىك ئىزدەنگۇچىلەرنى تىزرەك تۇرتكە بولسۇن،جىددى گەپلەرنى دوسىتلارمۇ ئاڭلاپ،ئىجتىمائى ئۇنۇم ھاسل قىلسۇن دىگەن نىيەتتە يازدىم،پايدىلىق مەسلىھەت-خەلقىمىزگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ) مەسلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى،پايدا-زىينى،سەۋەبى،ھەل قىلىش تەكلىۋى ‹‹ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز پات ئارىدا ئافرىقىلىق ئەرلەر بىلەن توي قىلسا،بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلىمىز بولىدۇ››.بۇ سۆزنى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر دوستۇم دىدى.دوستۇمنىڭ دىيشچە، ئۇ بەش يىلدىن بىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدا ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ دەسلەپتە چەتئەللىك قىزلارغا قىزىزىقىش نسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ ،لىكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆمۈرلۈك جورسىغا ئۆز ئانا يۇرتىدا مىللى ۋە دىنى تەربىيە ئالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى تاللاش ئومۇميۇزلۇك يۇقىرى ئىكەن.ھەتتا ۋەتەنگە قىز ئىلىش ئۈچۈن كىلىدىغان ياشلار كۆپ ئىكەن.چۈنكى كۆپچىلىك ئۇيغۇر يىگىتلىرى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلاردا،‹‹ئۇيغۇر ئانا ،ئۇيغۇر ئاتا بەرىبىر ئۇيغۇر بالا تەربىيلەپ چىقالايدۇ››دىگەنگە ئشىنىدىكەن.ئەمما ‹‹ئۇيغۇر قىزلىرى بەك يۈرەكلىك،ئاجايىپ قەھرىمان،بولۇپمۇ ئەر تاللاش،يىگىت تاللاشتا،ئۇلار ئالدىراپ تەككەن ئىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى،ئۆزىنىڭ ۋە ئىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ھىسابلىشپ ئولتۇرمايدۇ››.بىر قىسم ئۇيغۇر قىزلىرى بولسا چەتئەللىك يىگىتلەرنى خۇددى ‹‹تىپىلماسنىڭ خورمىسى ››بىلىپ،قارشى تەرەپنىڭ دىنى ئىتىقادى،مىللى تەۋەسى،تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھاياتتا ئورتاق غايسى بار-يوقلۇقى بىلەنمۇ كارى بولماستىن كۇرت مىللىتى،ئەرەب مىللىتى،پارىس مىللىتىدىن بولغان پۇلدار ،جەلىپ قىلىشقا مايىل ئەرلەر بىلەن توي قىلىشنى ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن توي قىلىشتىن ئەۋزەل كۆرگەن.ھەتتا يولدىشنىڭ تىگى-تەكتىنى سۇرۇشتۇرمەي نىكاھلانغان قىزلارمۇ كۆپ بولغان.بۇنداق ئەھۋاللار شىمالدىن ئوقۇش،تىجارەت قىلىش ،تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن چىققان بىر قىسىم تەنتەك،كىچىك
قىزلار ئارىسدا كۆپ بولۇپ،ئنگىلىزلار،ئسپانلار،نىمىس ۋە شىۋىېتلار بىلەن تويلىششنى بىر خىل مەرتىۋىنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن.دوستۇمنىڭ دىيىشچە،‹‹تۈرك قىزلىرى،غەرپ قىزلىرى ئادەمگە ئۇيغۇر قىزلىرىدىن چىرايلىق،پاكىزە،سۆھبەت ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسى،تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتى ،بەدەن قۇۋۋىتى ۋە تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بىلىنىدۇ،شۇڭا نۇرغۇن ئۇيغۇر يىگىتلىرى كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلىشىدۇ،ئەمما ئوغۇللارنىڭ جۆرە تاللاشتىكى مىللى مەيدانى قىزلارنىڭكىدىن كەسكىن،ئۇيغۇر يىگىتيلىرى قارىماققا مەسئۇلىيەتسزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن مىللى تەقدىر مەسلىسدە مۇرەسسە قىلمايدۇ››
ئۈرۈمچىدىمۇ ئەرەبلەر،پاكستانلىقلار بىلەن تويلاشقان قىزلار ناھايتى كۆپ بولۇپ،بۇنداقلارنىڭ ئاجرىشش نسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان.چۈنكى بۇنداق ئەرلەر ئۆزىنى بىز مۇسۇلمان دەپ يۇرۇپ،ئاياللارنىڭ دىنى ھىسياتىدىن پايدىلىنىدىكەن،ئۇرۇمچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۆي تۇتقاندىن كىين باشقا ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن تونۇشۇشقا خوتۇنىنى ۋاستە قىلىدىكەن،بۇنداق سەمىمىيەتسزلىك ھەم بۇنداق ئەرلەر باي دىگەن بىلەنمۇ تايىنلىق بولۇپ،ئۇرۇمچىدە ئۆيى بار ئاياللارنى ئىزلەشكە مايىل ئىكەن،پات-پات يوقلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل ئارزۇسنى قاندۇرۇشنى،ئازدۇر-كۆپتۇر ئائىلە چىقىمىنى كۆتۈرۈش بىلەن ئاساسى مەسئۇلىيەتتىن
قىچشنى ئويلايدىكەن،ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسا-ھەقىقى ئەردەك ئۆزىگە ئىگە بولۇشنى،ئائىلىگە مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن،ئاساسەن بۇنداق سەمىمىيەتسز نىكاھ-ئۆز-ئارا پايدىلىنىشنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇنغا بارمايدىكەن،ھەم بۇنداق قىزلارنى ئۇيغۇر تونۇش-بىلىشلىرى كۆزگە ئىلماي، كۆپ ئارىغا ئالمىغاچقا، ئاقىۋەتتە ئاجرىشپ كىتشكە مەجبۇر بولىدىكەن.ئامرىكىلىققا تىگىپ ئاجرىشپ كەتكەن ئۇرۇمچىلىك
ئۇيغۇر قىزىنىڭ ھىكايسى بىر چاغلاردا ھەتتا ئابدۇراھمان قاھارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق كىتابخانلار بىلەنمۇ يۇز كۆرۈشكەنىدى.خەنزۇلار بىلەن تويلاشقان ھەم تويلاشماقچى بولغان قىزلار بولسا-مەن ئۇلارنى ئۆز دىنىمغا كىرگۇزۇپ مۇسۇلمان قىلىمەن دەپ ئەخمەقلەرچە تەۋەككۇل قىلىشقان،ئاخىرىدا ئاجرىششقا مەجبۇر بولغان،بۇنداق ھىكايىلەرنى تور ئارقىلىق كۆپ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسدا كۆپ ئاڭلىنىدىغان بۇنداق مەنتىقىسزلىققە ئەسلىگە قايتۇرۇش تەربىيسى كۆپ ئشلنىشى كىرەك.
ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان چەتئەللىك مۇسۇلمان مىللەتلەر –ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۈچىنچى،تۆتىنچى خوتۇنلۇققا ئىلىپ،ئۆي ئشلىرىغا سالغان،توقال قىلغان.(بۇنداق ئەھۋال ئەرەب دۆلەتلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن.سەئۇدى ئەرەبستاندا ئەرەبلەرگە ئالدىنىپ،ياكى ھەج داۋامىدا ماشنىسغا ئولتۇررۇپ ماڭغان ئەر-ئايال يولۇچىلارنى يىرىم يولغا بارغاندا، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى دەپ ،ئىرىنى ماشىنا ئىتتىرىشكە چۇشۇرۇپ،ئىرى چۇشۇپ كەتكەندە خوتۇننى ئىلىپ قاچقان، بۇ ئىلاجىسز قالغان ئاياللاردىن پايدىلىنىپ بولغاندىن كىين، ئۇلارنى ئۆي خىزمەتچىسى بولۇشقا سالغان ياكى باشقىلارغا سىتىۋەتكەن ،ئەرەب تىلىنى ئۇقىمىغاچقا، ھىچكىمگە دەردىنى دىيەلمەي،گىپىنى ئۇقتۇرۇشقا ئامالسز قالغان بۇنداق ئاياللارنىڭ سانى گەرچە ئىنىق بولمىسمۇ،نەچچە ئونغا يىتىدىكەن،چۈنكى ھازىرغىچە ھەجگە چىقىپ كىتىپ قايتىپ كەلمىگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار،سەئۇدىدا ھەج مەۋسۇمىدا ۋەتەندىن كەلگەنلەرگە دەرت ئىيتىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋەر يەتكۇزۇشنى ئىيتقانلار ئاز ئەمەس ئىكەن) .تۈركىيەدە بىر قىسم لۇكچەك تۈرك ئەرلىرىگە (كۆپلىگەن تۈركلەر بۇنداق رەزىللىككە قارشى ئىكەن،ئەمما جنايەت ھەممە يەردە بار)ئالدىنىپ ،ئاۋۋال خوتۇن بولۇپ،كىين ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئىلىپ چىقىلىپ ،بايلارغا سىتىلىپ،مەجبۇرى خوتۇن قىلىنغان 20 دىن ئارتۇق ئايالنىڭ داۋاسى بولغانلىقى مەلۇم-(ئىزاھات،بۇنى بىر تەقۋادار ھەجدار ئاكىمىزدىن ئاڭلىدۇق،راست-يالغانلىقىنى ئاللا ياخشى بىلىدۇ،شۇڭا پايدىلىنىش خەۋىرى سۇپىتىدىلا ئاڭلاشقا بولىدۇ).
لىكىن ئومۇميۇزلۇك ھادىسە،چەتئەلدە بولسۇن،ۋەتەندە بولسۇن،باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلاشقان قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجراشقان،ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئەرلىرى بىلەن تىپىشقان ياكى ئىزچىل ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار كۆپ ئىكەن.كۆڭۈل ئارزۇسى،ئۆرپ-ئادەت،تىل- ۋە مەدەنىيەت ،خاراكتىر قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەس كۆرۈلۈشكە ئۇچرىغان دەرتمەنلەر ئۇيغۇر قىز-خوتۇنلىرى ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئالدىغا كىلىشكە مەجبۇر بولغان.
پايدا-زىينى:خۇددى ئەڭ ئىلمى ،ئەڭ توغرا تەھلىل قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ئەپەندى (ئۇ كىشى ئۇيغۇرنى تىللىمايدۇ،ئىجتىمائى مەسلىنى ماھىيەتلىك قانۇنىيەت بويىچە يورۇتۇپ بىرەلەيدۇ،مەسلە ۋە ئۇنىڭ چارىسىنى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويالايدۇ) مۇنبەر ژۇرنىلىدا ئىلان قىلغان ( ماقالىسدە ئىيتقاندەك، ...دەرھال ھەرىكەت قوللانمسا ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسئال-كۇلتۇرەل قۇرۇلمىسى (ئىجتىمائى مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى)يىمىرىلىش خەۋپىدە تۇرىۋاتىدۇ)دىگەنىدى.نۆۋەتتە شىدددەت بىلەن يامراۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا كۆيۈنمەسلىك ۋە ساداقەتسزلىكى بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسى سۇپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن يۇز ئۆرۈش ھادسسى-ئۇيغۇر مىللى مەۋجۇتلۇقىنى خەۋپكە دۇچار قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ.ئۇيغۇر ئانا خەقكە تەگسە-بالا دادىنىڭ،ئۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان دىيەلمەيدۇ.بالا-خەقنىڭ ئىددىيسى بويىچە چوڭ بولىدۇ،مەلۇم مۇددەتتىن كىين ئەبجەش بولغان بىر قىسم ئەۋلات ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،ئۇلار ئۇيغۇرنى،ئۇيغۇر تىلىنى چۇشىنىدىغان بولغاچقا
ئۇيغۇرغا زىيانلىق ئەڭ كۆپ ئشنى شۇلار قىلىدۇ.مىللەتنىڭ ساپلىقى بولمسا،ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئېتىقاتىدا بولمىسا ،دۆلەت تەرىپىدىن مىللى مەدەنىيەتنى پۇل بىرىپ،ناخشا ئىيتىپ،نورۇز ئۆتكۇزۇپ،دوپپا بايرىمىنى تەشۋىق قىلىپمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ،مەسجىتنى يوغان ئىچىپ كىرىڭ دىسە كىرمەيدىغان ،دىنىدا ئوقۇساڭ،كىتاپ يازساڭ ئىختىيار دىسە،قىلغۇسى كەلمەيدىغان،مىللەت ھەققىدە نىمە دەۋالساڭ،نىمە يىزىۋالساڭ ئۇيغۇرچىنى نەدە قوللانساڭ ،مەيلى دىسىمۇ،پەرۋا قىلمايدىغان ،ئۇيغۇر بىلەن بىر پۇڭلۇق ئىشى يوق ئىسل ئەۋلاتلار بارلىققا كىلىدۇ.
قسقىچە سەۋەبى:مىنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبلىرى:1-ئائىلە تەربىيسى،دىنى ئىتىقات ۋە مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۆزلۇك ۋە غۇرۇر تەربىسينىڭ كەملىكى 2-ئەرلەرنىڭ لاڭتاسمىلىقى .ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ جىنىنىمۇ باقالمايدىغان ،زەيپانە روھ،لەقۋالىق،تىرىشماسلىق،ئايالنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ،ئەكسچە ئايال كىشىدىن پايدىلىنىش ،ئۇلارنى ئويناپ تاشلىۋىتىش،بۇزۇق قىزلار سانىنى كۆپەيتىشكە ھەسسە قوشۇش ئۇچۇن مۇھەببىتنى ئويناپ تاشلىۋىتىشى،ئازراق كۇچى،پۇلى
بارلىرى خوتۇن ئىلىپلا ئاشنا ئويناش،ئايالىنىڭ ھەقىقى ئىھتىياجى نىمە،ئۇنى قانداق ئىدارە قىلىمەن،قانداق پەرزەنىت ،قانداق ئائىلەم بولىدۇ ؟مەن بۇ قىزلارنى،خوتۇنلارنى ئويناپ تاشلىۋەتسەم،مىنىڭ سىڭلىم،ئاچام،قىزىم،خىزمەتدىشىم،يۇرتدىشىم،ئوقۇتقۇچۇم،ئوقۇغۇچۇم بولمىش ھەم كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئانىسى بولىدىغان قىزلار قانداق قىلىدۇ؟مىللەتنىڭ قىنى بۇزۇلسا ،كىم جاۋاپكار بولىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ،ئۆزىنىڭ بىر قىتملىق ئويۇننىڭ كەينىدىن نۇرغۇن قىزلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشى ھەققىدە ئەقلى خۇلاسە چىقىرىپ باقمايدۇ،3-ئۇيغۇر قىزلىرى ھەددىدىن زىيادە ئاغمىچى،مۇقىم مەيدانى يوق،چىدىماس ھەم سەۋىرسز بولۇپ،ئۇيغۇر ئەرلىرىنى بەك كەمستىدۇ،پۇلىسى بولمىغاچقا ئىقتىدارسز دەپ قارايدۇ،شۇنچە ئشلەپ روناق تاپالمىسا ،ھورۇن،يارىماس دەپ ھاقارەت قىلىدۇ.بىر نەچچە يىللىق جاپالىق تۇرمۇشقا ئۆلۇپ كەتمەيدىغان تۇرۇقلۇق ئىرىدىن ئاجرىشمەن،ياكى نامرات بىلەن توي قىلمايمەن دەپ قوپىدۇ ،بىللە ئشلەپ،بىللە تۇرۇپ،ئىرىم خاتالاشسا چىڭ چاپلىشپ ،ئۇنىڭ يۇرىكىنى ئۆزۇمگە قارىتىپ ئۆي تۇتۇپ قالاي دىمەيدۇ،سەۋرسزلىك،چىدىماسلىق بىلەن ئۆي بۇزىدۇ،ئايرلىدۇ. دەرۋەقە –ئىرى ئازراقلا خاتالاشسا،ئاجرىشمەن دەيدىغان، ئۇرۇشىدىغان، ئائىلىنى بۇزۇشقا ئالدىرايدىغان قىلىق بەك كۆپ.ئەمما تۇرمۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس،ھەممە ئادەم ئاخىرىدا ئەسلىگە قايتىدۇ،ئۆزىگە لايىق جايغىلا بارالايدۇ.ئافغانستان ئاياللىرى ھەققىدە يىزىلغان بىر داڭلىق روماننىڭ مۇنۇ جۇملە سۆزى غەرپ دۇنياسدا ھىلىغىچە مودا:قىزى ئاپسىغا :ئاپا ،مەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيمەن.كاتتا ئادەم بولىمەن-دەيدۇ.ئاپسى:قىزىم ،ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە ياشاۋاتقان بىز ئافغانستان ئاياللىرىغا سەن دىگەن ئۇ مائارىپ ھىچنىمە بىرەلمەيدۇ،بىزگە لازىملىق بولغان چىداش،سەۋر قىلىش،كۇتۇشتىن ئىبارەت ھاياتىمىزنىڭ ئەڭگۇشتىرىنى مائارىپ ئۆگىتەلمەيدۇ.بىز ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن مائارىپ ئەلۋەتتە مۇھىم،ئەمما بەرداشلىق بىرىش،رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ،ئۆزىنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بۆشۇكى بولغان ئائىلىنى قوغداش-ۋەتەن قوغداش بىلەن باراۋەر،ئائىلىنى سۆيىدىغان ،يولدىشغا ۋاپادار ،پەرزەنىتىگە مىھىرىبان ئانىلار-مىللەتنى قوغدايدىغان ھەقىقى جەڭچىلەردۇر.
ھەل قىلىش تەكلىۋى:1-ئائىلە مائارىپىنى كۇچەيتش كىرەك،2-شۇنداقلارغا ئاقىۋەت ھەققىدە ياخشى ئويلاش تەكلىۋى بىرىش كىرەك،3-يىگىتلەر –قىزلارنى ئاسراپ،ئىگە بولۇشى كىرەك.
تارىمى تورى ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ماقالە تولۇقلاپ قويۇلدى.

[ Jewlaniy بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 09:14  دە تەھرىرلىگەن. ]

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:34:01

ئاخىرىنى مىسرانىمدا ئوقۇغۇدەكمىزدە. كۆڭلىمىزنى قەيەرگە ئىپادىلەيمىز جەۋلانىي ئەپەندىم؟

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:29:49

Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:34 دە يوللىغان /images/common/back.gif
ئاخىرىنى مىسرانىمدا ئوقۇغۇدەكمىزدە. كۆڭلىمىزنى قەيەرگە ئىپادىلەيمىز جەۋلانىي ئەپەندىم؟
ئەسەر باشقىلارنىڭ، مەن پەقەت تارىمى تورىدا كۆرۈپ، بۇيەردە خانىم- قىزلار يەنى ئانىلار كۆپ بولغانلىقى، تېمىنىڭ مەقسىدىمۇ تەربىيىنى چىڭ تۇتۇشنى مەقسەد قىلغانلىقى ئۈچۈن، تەربىيىچىلەر كۆپ بولغان بۇيەرگە چاپلاپ قويغان ئىدىم.
ئاخىرىنى بۇ يەرگە چاپلىماسلىقىمدىكى سەۋەپ يازغۇچىسىنىڭ ئازىراق بولسىمۇ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئىدى.
تەۋىسيەم تولۇق ئوقۇماقچى بولسىڭىز تارىمى تورىدىن، يەنى ئەسلى مەنبەدىن ئوقۇغايسىز.

[ Jewlaniy بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:31  دە تەھرىرلىگەن. ]

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:00:14

ئاخىرىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىزچۇ ؟
نەدىن ئىزدەپ تاپارمىز. جادۇ كۆز تاپالارمۇ ؟

hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 01:22:54

بۇ ئېغىر مەسىلە ، سەۋەپ نەتىجە تەسىر دىگەنلەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ ئوبدان بىر چىقىش يولى تاپمىساق بولمايدۇ ....
ئاۋۇ ئۇلىنىشقا كىرەلمىدىم ، ئاخىرىنى تېپىپ كۈرۈپ ئاندىن تەپسىلىي ئىنكاس يازىمەن ....

urkaxjan يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 05:07:32

ھەي  بۇ گەپلەرنى  ئاڭلاپ ھەممە ئادەمنىڭ كوڭلى بۇزلىيدۇ  بۇلا ئەمەس بەكلا قىسسىلا بار چەتئەللىككە تەككەن يا چەتئەلگە چىققانلان قىز ئاياللىرىمىز نىڭ ھەتتاكى سەئۇدى ئەربىستاندا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز دۇككانغا كىرسە دوككانچى <ئۇيغۇر بەش رىيال> دەپ چاقىرىدىغان بوپ كەتكەن. پاكىستانلىك لۇكچەكلە ئۇزىنىڭ يۇرتىدا خۇتۇن كۇرەپ باكمىغان لۇكچەكلە ئۇرۇمچىگە كىرسە بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۇلاغا تىگىپ نۇرغۇن پۇللىرىنى ئۇلا خەجلەپ بىرىپ يا تىجارەت قىتمە دىسە پۇل بىرىپ  3    4 بالا بىلەن ئۇرۇمچىدە نەچچە يىل كۇتكەن ئاخىرى ئۇلا كىرمىگەن . ئەگەر شۇ قىلىقىنى پاكىستان دا قىلسا ئۇنى قىزنىڭ ئۇيدىكىلە ھايات قويمايدۇ..  ۋە ھازىر پۇتۇن جۇڭگۇدىن پاكىستانلىققا تەككەن قىزلا 30000 غا بارىدىكەن. چۇنكى پاكىستانلىق بىر جۇڭگۇلۇقنى ئالسا بىزنىڭ ھۇكىمىتىمىز ئۇنىڭغا 6 ئايلىق ۋىزىنى مۇت قۇيۇپ بىرىدىكەن......چۇنكى ئۇنىڭ ئايالى جۇڭگۇلۇق دەپ ھورمەت قىلىپ........بولمىسا بۇ ئشەكلەگە ۋىزا ئالىمەن دىسە ھەر بىر ئايلىق ۋىزا نۇرغۇن پۇل خەجلەش كىتىدىكەن كام دىگەن 5000 يۇەن بىر قىتىم ۋىزا ئېلىشىغا شۇنىڭ ئۇچۇن بۇلامۇ ئاشۇ پۇلنى تۇلىمەس ئۇچۇن توي قىلىدىكەن........................................ھەي ئۇيغۇر نادان قىزلا بۇنداق ۋەقەلە بەكلا جىق شۇڭا ئۇيغۇر ئەرلىرى قانداقلا بولمىسۇن نامرات بولسىمۇ شۇلا  سىلەنىڭ ئەسلىڭلا شۇلا سىلەنى ھەقىقى بەخىتلىك قىلىدۇ .... ۋە چەتئەلدە تۇرغان ئۇغۇللارنىڭ جىقى ۋەتەندىن توي قىلىپ ئاچىقىدۇ ......... سىلنىڭ ئىرىڭلا ھاراقكەش ھەممىدىن پەس ئىنسان بولسىمۇ ئۇيغۇر بولسىلا ئۇ چەتئەللىىكنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىنمۇ ياخشى چۇنكى ئۇ ئۇيغۇر شۇڭا قىرىنداشلا بىز ھەممىمىز ئوز مىللىتىمىز نى قەدىرلەيلى ئۇلانى سۇيەيلى مىللىتىمىز نى يۇقۇتۇشقا تىرىشمايلى بەلكى ئۇنى بىەرپا قىلايلى ....  ئەگەر مۇشۇنداق چەتئەللىك ياكى باشقا مىللەتلە بىلەن توي قىلساق بىزنىىڭ نەسلىمىز نا ئشەك ئەمەس نا ئات بولمايدۇ بەلكى قېچىلا بوپ چىقىدۇ......................................................................گەپ قىلسام يەنە تۇگۇمەيدۇ گەپ جىق بولدى قىلاي  خاپا بولمىغايسىلە بەكلا كاياپ سالدىم:L :L :L :L :L :L :L :L :L :L :L :victory: :victory: :victory: :victory: :victory: :victory: :victory: :victory: :victory: :victory: :victory:

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:57:04

ئەڭ ياخشىسى ئاخىرىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن .

rustam يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:46:51

--بۇ ئەھۋال ئېتىقادىغا، ھەم ئۆز مىللىتىگە بولغان سەمىمىيەتسىزلىك ھەم ساداقەتسىزلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى--.
       يەھۇدىيلار بولسا ئىسلام دىنىنىڭ  ئەڭ ئەششەدىي دىننىي دۈشمىنى. ئۇزۇن زامانلاردىن تارتىپ ۋەتەنسىز يۇرگەن چاغلىرىدىن تارتىپ 1947 - يىلى دۆلىتى قۇرۇلغىچە ھەم ھازىرغىچە؟ نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى؟ پەقەت بىرلا سەۋەپ: چۈكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىلىنىڭ مىللىتىنىڭ قېنىنىڭ ساپلىقىنى، مەسئۇلىياتچان كۈچلۈك مىللىي ئېتقادى، ساداقەتمەن، مىللىي تىل-يېزىق ھەم مەدەنىيەت ئېتىقادى. ھەم شۇنداقلا يۈكسەك مىللىي مەۋجۇتلۇق روھى ۋە كۈچلۈك ئۆزلۈك روھى بولغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار نۇرغۇن-نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۇلار مھيلى ئوتتۇرا شەرىقتە بولسۇن. ياۋرۇپا، ئامېرىكىدا بولسۇن ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ قېنىنى ۋە مىللىي ساپلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلاپ كەلدى. ھەتتاكى مىللىتى بېشىغا ئەڭ ئېغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ، ھەم يەنە ياۋرۇپادىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇلارغا يۇرگەزگەن ھەر خىل چىرايلىق ناملار بىلەن يۇرگۈزگەن مائارىپ، مەدەنىيەت، تىل-يېزىق ئاسمىلاتىسىيەسى يۇرگۈزۈلگەن ئەھۋالدىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل يېزىق مەدەنىيىتىنى ھەرخىل يوللار بىلەن ھەتتا يوشۇرۇن بولسىمۇ ئۆگىنىپ راۋاجلاندۇرۇپ ماڭدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ياۋرۇپادىكى ئۇ دۆلەتلەر يەھۇدىيلارغا قوش تىل مائارىپى قوللانمىغان ئوخشايدۇ، خىيالىغا كەلمىگەن چېغى ئۇ <<قاپاقباشلارنىڭ>> ، ھى ھى ھى... . ئاقىۋەت مانا ئۆز مىللىتىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قالدى. 1947 - يىلى دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇلار تېخىمۇ شۇنداق قىلدى.
       ئەمدى بىزچۇ؟  مىللىي روھ،  مىللىي ئۆزلۈك، ۋە ساپ ئۇيغۇرلۇق ئېتقات جەھەتتىكى<<رەڭگىمىز>>  يېقىنقى ئون، يىگىرمە يىل جەريانىدا قارىغۇلارچە ئىنتىلىش، ھەۋەس، ئېتىقاد ئارقىلىق ئەسلى <<رەڭگىدىن>> قانچىلىك سۇسلاشقاندۇ؟.................. بولدىلا.........
       -ئۈشبۇ تېمىدىكى بۇ بىنورمال ئەھۋاللارمۇ، مېنىڭچە،  مېنىڭ بۇ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەنلىرىم ئىچىدىكى بىر قانچە ئاساسلىق مۇھىم <<ۋىتامېن>>لارنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققان ئەھۋال دەپ قارايمەن. --ئۆز-ئۆزىڭىزنىڭ قەدىرىنى، ئۆزىڭىز قىلىشنى بىلمىسىڭىز، خەقنىڭ سىزنى قەدىرلىشى تايىنلىق.
       شۇڭا ئەڭ مۇھىمى ئۆزلىكىمىزنى بىلىپ، تونۇپ ياشايلى.......
       (ئەسكەرتىش: مېنىڭ يەھۇدىيلارنى تىلغا ئېلىشىم، پەقەت بىر جانلىق مىسال بولسۇن ئۈچۈن ئېلىپ قويدۇم. ئەمدى بۇنى كەمىنە پېقېرنىڭ ئېتىقادىغا باغلاپ تەسسەۋۇر قىلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.بەزى ئاز ساندىكى خاتا چۈشىنىپ سىزگە قالپاق كەيگۈزۈپ <<پىپەن>> قىلىدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئەسكەرتىپ قويدۇم).
ئامان بولۇڭلار، ئاللا خالىسا يەنە مۇنبەرلىشىپ تۇرايلى!:)

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:53:42

ئاپتور مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى، سەۋەبى بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بىرگە  ئىلمى ئۇسۇلدا ئانالىز قىپتۇ، ئاپتورنىڭ پەقەتلا مەسىلىنى كۈرۈپلا قالماستىن، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئاپتورنىڭ يەنىلا ئۈمۈتۋار ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ دەپ ئويلىدىم.  
  ئەرلەرگە قويۇلغان سەۋەبلەر بىز ئەرلەرنىڭ ھەقىقەتەن بەزىبىر ئاجىزلىقلىرىمىزنى خېلىلا ئوبدان ئېچىپ بىرىپتۇ.
   كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە دىگەن گەپ بار. ئەرلەر ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلماي، گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا بېشىمىزنى ئەگمەي بولمىدى. لېكىن، ئىشىنىمىزكى ، بىر مەزگىللىك چۈشكۈنلۈك ۋە روھى زەئىپلىكتىن قايتىدىن ئويغانساق ئەجەپ ئەمەس.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!