ناۋادا جۈپتۈڭ ساڭا خىيانەت قىلسا
قىز ئايىم ، ئائىلەڭدە پالاكەت يۈز بەردى: جۈپتىڭ ساڭا خىيانەت قىلدى .قانداق ئويلايسەن ،نېمىشقا شۇنداق بولدى ؟ ئاۋال ئۆزۈڭنى ئوبدان سوراق قىل .يا تىلىڭ يامان ،يا چېچەن ئەمەسسەن ،يا تېتىملىق تاماق ئېتىشنى بىلمەيسەن ،شۇنداقلىقىڭ راست بولسا ،سەندىن كۆڭۈل قېلىشى تەبىئىي .چۈنكى ،بۇنداق ئائىلىدە راھەت بولمايدۇ ،قىزىم !ئائىلە ــ ئەڭ قالتىس جاي ،ئېنىقى تىلىڭغا ئېھتىيات قىل .ئەر ۋە ئايالنىڭ ئۆمۈر يولدۇشىدىن يوشۇرۇن بىر سىرى بولۇشى شەرت ،جۈپتۈڭگە ئۇنى غايەت سۆيۈشۈڭنى ،ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىڭنى ئىزھار قىلغان ۋاقتىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىزىقىڭ قالمايدۇ ، شۇنى يادىڭدا تۇت.
ئەگەر جۈپتىڭ ئەسلىي ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونىۋېرىدىغانلار خىلىدىن بولسا ، ئۇ ئەركەك تىن تارتماي ھالاك بولسۇن .چۈنكى ،ئۇ ئەۋلاد ۋە جەمىيەتكە زىيان كەلتۈرگۈچى .بۇنداق ئادەم تۈزەلمەيدۇ ،بۇزۇقچىلىق ئۇنىڭ سۆڭىكىدە بار ، قېنىدا بار .ئۇنىڭدىن قۇتۇلساڭ سۆيۈن ، پالاكىتىڭ يىراقلىشىدۇ ....
جۈپتۈڭ خىيانەت قىلدى دەيلى ، شۇ كۈنگىچە قىلىپقا سالغاندەك ئىدى ،بۇ ۋەزىيەت تۇيۇقسىزلا يۈز بەردى . بۇ ھالەتتە سەن ئۇنى دەرھال يەر بىلەن يەكسان قىلما . ئەركەكنىڭ زەئىپلىگى ـــ غايەت سەمىمىلىكىدە .شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئۇ تەسىرگە تېز بېرىلىدۇ، ئۇ كىمگىدۇر قىزىقىپ قالغان بولسا سەندىن كۆڭلى قالغىنى ئۈچۈن ئەمەس ، تاشقى تەسىرنىڭ ئۆتكۈرلىكى ئۈچۈنمۇ شۇنداق بولۇشى مۈمكىن .
ئايال زاتىنىڭ ئاينىشىدىن ساقلىسۇن .چۈنكى ،ئۇ ئاينىسا جۈپتىدىن پۈتۈنلەي كۆڭلى سوۋۇپ ، بېرىلگەن ئادىمىگە كۆڭلى چۈشۈپ ،پۈتۈن نىيىتى بىلەن ئەستايىدىل ئاينىيدۇ .ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەنمۇ شۇ ئىدىيىسىدە قەتئىي تۇرۇۋېرىشى مۈمكىن .بۇ ھەقىقىي خەتەر .شۇنىڭ ئۈچۈن ، خىيانەتكار ئايال كەچۈرۈلمەيدۇ .
ئەمما ،ئەر تەسىرگە بېرىلگەندە تەھلىلنى يوقىتىدۇ . شەيتانغا تېز قۇل بولىدۇ . ئۇ تەسىرگە قانداق تېز بېرىلگەن بولسا ،يەنە شۇنداق تېز قايتىشىمۇ مۈمكىن .ئۆزىگە كەلگەندە ،قىلغان ئىشىدىن ئەستايىدىل ئەپسۇسلىنىشى ، يۈرەكتىن چىقىرىپ توۋا قىلىشىمۇ مۈمكىن .مانا شۇنىڭ ئۆزى سېنىڭ ھېچ نەرسە يوقاتمىغىنىڭ ئەمەسمۇ ؟ سەۋرى كېرەك .
جۈپتىڭ خاتا قىلدى . سەن بۇ ھەلەتتە ئۇنىڭ دوستى سۈپىتىدە باھا بەر ۋە دوستنىڭ ئىشىنى قىل . ئۇ ئاداشتى ، دوست دوستى ئاداشقاندا توغرا يول كۆرسەتسە ،بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ .ئۇنىڭ ئۆيدىن بېزىشىدە سېنىڭمۇ ھەسسەڭ بار .ھازىر سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇرۇش ئەمەس ، قانداق بولسۇن ئۇنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشتۇر .
ئائىلىچىلىك ـــ كەڭ قورساقچىلىقتۇر .قىزىم ،تۇرمۇش كەچۈرۈملۈك بار جايدا تۇرمۇش بولىدۇ . دەيلى ، ئېرىڭ سەندىن يىراقلاپ بېرىۋاتىدۇ .شۇنى بىلگىنكى ، سەن ئاغرىنىۋەرسەڭ ،جاڭجال چىقىرىۋەرسەڭ «تاپقىنىڭ مەندىن ئەلا چىقتىمۇ ؟» دەپ ياقىسىغا ئېسىلىۋەرسەڭ ،ئۇنىڭ سەندىن يىراقلىشىشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ .سەندىن ئۇزاقلاشقان ئەرنى قورقۇتۇش ،ئەل ئارىسىدا شەرمەندە قىلىش بىلەن قايتۇرغىلى بولمايدۇ .بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ھەددىدىن ئارتۇق ئاغرىق بېرىدۇ ۋە بۇ ئاغرىقلارنى سەن پەيدا قىلىۋاتقىنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنىمۇ خۇنۇكرەك كۆرۈنىسەن .كۆرىسەنكى ، ئۇ نېرىقى تەرەپكە ئاۋالقىدىن بەتتەرەك ئىنتىلىشكە باشلايدۇ .ھېلىقى ئايال بولسا بۇنداق پەيتتە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېپىشىۋالىدۇ .ھەممە ياقتىن ئۇرۇلۇپ ــ سۈرۈلگەن ئەرگە ئۇ ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ تۇيۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەدبىركارلىق بىلەن كۆرسەتكەن «مېھرىبانلىقى» دىن پاناھ تاپىدۇ . مانا قىزىم ،جاڭجال –سۈرەن بىلەن ئېرىشكىنىڭ شۇ بولدى ،ئۇلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ ، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئوتتۇرىغا چۈشۈپ شەرمەندە بولدۇڭ .
بالىجان ،بۇنداق پەيتتە ئۆزەڭنى كۆرۈپ كۆرمىگەنگە ،سېزىپ سەزمىگەنگە ئال ،ئۈندىمەي ئائىلەڭنى ئاۋات قىلىۋەر .شۇ كۈنگىچە بىپەرۋا بولغان تۇتۇمىڭنى ئەستايىدىل ياخشىلا ، ئەپچىل ئاياللاردىن ئاياللىق سەنئىتىنى ئۈگەن . يەنى كىيىنىش ،تاماق قىلىشتىكى نازۇكلۇقلارنى ،ۋاھاكازالار .....
«بىر نەچچە بالىلىق تۇرسام ،ئۆيدە بىر تالاي ئىشلار ماڭا قاراشلىق تۇرسا ،بىر ئەرگە يېقىش ئۈچۈن ئەينەككە قاراپ ياسىنىپ ،ئۆيۈمنى چىرايلىق ياساپ يۈرۈشلىرىم ئارتۇقچە ئەمەسمۇ ؟»دېمە ،جۈپتۈڭ ــ ساڭا ھلاال بېرىلگەن مۇققەدەس مۈلكۈڭ .مۈلكۈڭگە بولسا ئوغرى چۈشۈپ تۇرۇپتۇ ،ئېھتىيات قىلىسەندە .ئەگەر ئۇ يوقۇلۇپ قالسا قول سىلكىپ قېلىۋەرمەيسەنغۇ ، ناۋادا قول سىلكىسەڭمۇ ئىچىڭدە كۆيۈپ كۈل بولىسەنغۇ .دېمەك ،ئۆزۈڭنى ئاسراش ئۈچۈن جۈپتۈڭنى قولدىن بەرمەسلىكىڭ كېرەك .ئەمما ،ھازىر ئېرىڭنىڭ كېلىش-كېتىشىنى سۈرۈشتۈرمە ، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ قەيەردە يۈرۈشى بىلەن قىزىقمايدىغاندەك كۆرسەت . يوقىلىپ كېتىپ ،يەنە پەيدا بولسىمۇ «قەيەردە يۈردىڭىز؟» دېمە ، لايىقىدا ئالدىغا چاي ،تاماق قويۇپ ،كىر كۆينىكىنى پاكىزىغا ئالماشتۇرۇپ قويىۋەر .قاپىقىڭنى تۈرمە ،ئەمما ئېچىلىپ –يېيىلىپمۇ مۇئامىلە قىلما ،پەقەت سوئالىغا جاۋاب بەر .ئېرىڭ چېچەنرەك بولسا نېمىشقا سېنىڭ قىزىقمايىۋاتقىنىڭ بىلەن قىزىقىشى مۈمكىن .شۇ چاغدا «كوچىدا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا ئىش قىلارمىدىڭىز ، ئامان –ئېسەن كىرىپ كەلدىڭىز ،شۇ كۇپايە»دېگەندەك جاۋابنى بېرىپ قوي. ئەمما ،تەبىئىي ئېيت .
ئۆزۈڭ بولساڭ بازارغا ئاتىغان چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ ،ئوسما،سۈرمەڭنى قويۇق قىلىپ يۈرۈۋەر ،ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ مېڭىسىگە توك ئۇرىدۇ .يۈرىكىگە غەشلىك چۈشىدۇ ،«نېمەدەپ ماڭا قىزىقمايدۇ ؟ئېچىلىپ كەتكىنىنى قارا بۇنىڭ ،مېنى بۇرۇنقىدەك قىزغانمايۋاتىدىغۇ ،بۇ تۇرۇشىدا بىراۋغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولمىسۇن يەنە؟ ...»دېگەندەك ۋەھىمە پەيدا بولىدۇ .قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ يۈرىكىگە شۇ ۋەھىمىنى سېلىش كېرەك ،نەتىجىسىنى ئاسانلا كۆرىسەن ، گېزى كەلگەندە مەغرۇر ئادەم بولۇشمۇ ئىلىم .
ساڭا خىيانەت قىلغان ئېرىڭگە يېلىنما ، ئىلتىجا قىلما ،مەغرۇر بول . ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى قالىدىغان ئىشنى قىلما ،سەۋرى قىل ،بۈگۈن بولمىسا ئەتىسى سېنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرىدۇ ، ئەشۇ چاغدا سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭ ئۈستۈن كەلگۈدەك بولسۇن .
نىكاھنىڭ مېھرى ،ئائىلىنىڭ مېھرى ئۆلمەيدىغان نەرسە .بىر كۈنى جۈپتۈڭ ئائىلەڭگە زار بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ .
خەلقنىڭ «كەل - كەل دېسە كەلمەيدۇ ،كەلمە دېسە كېلىدۇ »دېگەن ماقالى ئائىلىگىمۇ تەئەللۇقتۇر ، سەۋرى قىل .
ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن ھەممە قىزلار مۇشۇ گەپلەرنى ئىسىدە چىڭ ساقلىسا بولغۇدەك ،ساڭا خىيانەت قىلغان ئېرىڭگە يېلىنما ، ئىلتىجا قىلما ،مەغرۇر بول . ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى قالىدىغان ئىشنى قىلما ،سەۋرى قىل ،بۈگۈن بولمىسا ئەتىسى سېنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرىدۇ ، ئەشۇ چاغدا سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭ ئۈستۈن كەلگۈدەك بولسۇن . مانا شۇنداق توغرا گەپلەركەن بۇ . ۋاھ نىمە دېگەن ئېسىل دۇردانىلەر بۇ كىتابخانىدا بارمىكەن مەنمۇ كىرىپ بىرنى سىتىۋالايچۇ
بايامقى مۇشۇ كىتابتىن ئېلىنغان بىر تىمىڭىز بىلەن بۇ تىمىڭىزنى ئوقۇپ ھەركۈنى كەچ 9 دا بىرىلىدىغان تۈن تىۋىشلىرى پىروگىراممىسىغا تېلېفون قىلىپ توختىماي قاخشايدىغان ئاچا - سىڭللارمۇ بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتابكەن دەپ ئويلاپ مۇشۇ كىتابنى بىر تەۋسىيە قىلىپ ئۇچۇر يوللاپ بىر سائەت ئېتىشسام مەغلۇب بولدىدە ئۇچۇرۇم خەپ بۇ خېلى بۇرۇن سېتىۋېلىنغان كىتاب ،ھازىر كىتابخانىلاردا بارمۇ يوق بىلمەيمەن ،بىزنىڭ شەھەردىكى كىتابخانىلاردا كۆرمۈدۈم .بۇ كىتابتا قىزلارغا ،يىگىتلەرگە ئاتالغان شۇنداق ئېسىل مەزمۇنلار بار ئىكەن ،مەن پەقەت بىر قىسمىنى يوللاپ قويدۇم ،ياختۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت . nazinin بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:16 دە يوللىغان /images/common/back.gif
بۇ خېلى بۇرۇن سېتىۋېلىنغان كىتاب ،ھازىر كىتابخانىلاردا بارمۇ يوق بىلمەيمەن ،بىزنىڭ شەھەردىكى كىتابخانىلار ...
ھەقىقەتەن ياخشىكەن داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭە .. سىز قايسى شەھەردە مەن ما كورلىدىن ئىزدەپ باقايچۇ بىر چاغلاردا كىتاپخانىلاردا توپ-توپى بىلەن تىزىقلىق تۇرغاندا قەدىرىگە يەتمىگەن ئىدۇق بۇ كىتاپلارنىڭ، مانا ئەمدى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، نازىنىن قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن!
بارلىق ئانىلار قىزلىرىغا مانا مۇشۇنداق تەربىيە قىلسا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بىز پەخىرلەنگىدەك ئانىلار تېىىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. ساڭا خىيانەت قىلغان ئېرىڭگە يېلىنما ، ئىلتىجا قىلما ،مەغرۇر بول . ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى قالىدىغان ئىشنى قىلما ..
___________________________
توغرىسى شۇ ئىكەن، ئاخىرىدا پۇشايمان قىلىدىغان ئادەم يەنىلا قارىشى تەرەپ بولىدىكەن.
ئەر بىلەن بەسلىشىپ سەن قىلغاننى مەن قىلمامتىم دېگەن ئايال بۇ ئۆمىرىدە ئەڭ زور خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئايالدۇر!
ئەگەر شۇنداق خاتالىقنى قىلىپ قالغاندا، ئەر كىشىنىڭ كەچۈرۈش كەچۈرمەسلىكى بىر گەپ، كېيىنچە ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنىڭ سورىقىدىن ئۆتمەك، ئۆزىنى كەچۈرمەك بەكمۇ مۈشكۈل بولىدۇ، بۇ مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش. ئوقۇشقا تېگىشلىكلەر بۇنداق تېمىلارنى كۆرمەيدۇ-دە. Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:48 دە يوللىغان /images/common/back.gif
ئوقۇشقا تېگىشلىكلەر بۇنداق تېمىلارنى كۆرمەيدۇ-دە.
ئۇلار باشقا ئىشلار بىلەن، بەك ئالدىراشكەن جانىم:lol راسىت دەيسىز، بۇنىڭدەك تېمىلارنى كۆرۈپ ئۆزىدىكى مەسلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىماي، بازار چۆگىلەۋاتامدىكىن...
بەت:
[1]
2