peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 09:25:09

سۈتچىلىك شىركىتى، ئېلان شىركىتى ۋە چولپانلار

سۈتچىلىك شىركىتى، ئېلان شىركىتى ۋە چولپانلار ھەر قېتىم بەزى سۈتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ تېلۋىزۇردىكى بوۋاق بالىلار سۈت پاراشوكى ھەققىدىكى ئېلانىنى كۆرسەم، بىر ئەپسۇسلىنىمەن. شۇنچىۋالا جىق مەبلەغنى سەرپ قىلىپ ئىشلىگەن،داڭلىق چولپان چىققان بۇ ئېلاننىڭ چوڭ خاتالىقى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، شۇ ئېلاننى ئىشلەش جەريانىدا ئېلان شىركىتىنىڭ ياكى چولپاننىڭ (ئايال بەلكىم ئانا بولغان چولپان ) ۋە ياكى شۇنچىۋالا مەبلەغنى چىقارغان شىركەتنىڭ شۇنچىۋالا چوڭ سەۋەنلىككە يول قويغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەي ھەيران بولىمەن. ئۇلار زادى چۈشىنىپ ئىشلەمدۇ ياكى چۈشەنمەي ئىشلەمدىغاندۇ ئېلاننى دەپ ئويلاپ قالىمەن. بۇگۈن ئاخىرى بۇ تېمىنى يېزىشنى قارار قىلدىم، بەلكىم بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئېلاندىكى خاتالىقنى تۈزىتىۋالار.
بالىلار سۈت پاروشوكى ئانا سۈتى يېتىشمىگەن ياكى ئانا قېشىدا بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بالىلارغا بىرىلىدىغان بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك ھەر خىل تەركىبلەر ئانا سۈتىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكى بۇلۇپ، بوۋاق بالىلارنىڭ مۇھىم ئۇزۇقلىقى، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان بولىشى شۇ بوۋاق بالىنىڭ ھاياتىغا، سالامەتلىكىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا بالىلار سۈت پاروشىكىنى ئىشلەتكۈچى ئائىلىلەر چۇقۇم بوۋىقىغا ماس كېلىدىغان، ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك سۈت پاراشوكىنى سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ھازىر ئەرزانكەن دەپ سېتىۋالغان بىلەن يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىنىڭ سالامەتلىكى ياكى ئىچكى ئەزالىرىدىن چاتاق چىقسا، ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر مەھسۇلات زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىستىمالچىنىڭ قولىغا يەتكۈچە، نۇرغۇن سۈپەت تەكشۈرۈشتىن، نازارەتچىلىكتىن ئۆتىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، بىر قىسىم ماللاردا يەنىلا ساختىلىق، ناچارلىق كۈرۈلۈپ، سۈپەت تەكشۈرگۈچە ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىپ، نازارەتتىن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، تۇقۇمى نەزىر دەپ، ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان، سەنلۇ بوۋاقلار سۈت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغاندەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان، سەمىمىلىكتىن ئەسەر يوق شىركەتلەر، زاۋۇتلار ھېلىھەم مەۋجۇت. سەنلۇ سۈت پاروشوكىنى ئىچكەن شۇ بوۋاقلار گەرچە ماددى جەھەتتىن مەلۇم تۆلەمگە ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، دوختۇرخانىلاردا ھەقسىز داۋالانغان بولسىمۇ، ئەمما، دەسلەپتىكىدەك ساغلام، بىجىرىم، نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالىلارنىڭ ئىمۇنىت كۈچى ۋە زەھەرگە، ئەكس تەسىرگە بولغان قارشىلىق كۈچى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولىدۇ، شۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بۆرەك، جىگەر، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالىرى بۇلۇپمۇ بۆرەك ئۇچرىغان زىياننى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، گەرچە ھازىر تىببى مىدىتسىنا غايەت زور تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، زەئىپلەشكەن بۆرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان تېخنىكا تېخى ئىنسانلارنىڭ قولىدا ئەمەس، ئەگەر بۆرەك ئالماشتۇرىمەن دىسە، قانچىلىك زور مەبلەغ، ئىختىساد كېتىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان بولغان بىر مەسىلە. ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك، سۈت پاروشىكىدىكى تەركىبلەر بەزىلىرى بىۋاستە سۈتتىن ئېلىنسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىملىرى سۈنئى ئۇسۇلدا قېتىپ، بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ تەييار قىلىنىدۇ، ئادەتتە بوۋاقلار سۈت پاروشىكى ۋە ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن تەركىبلەر ئادەتتە تۆۋەن گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا ناھايىتى ياخشى ئېرىيدۇ. ئېرىش جەريانىدا چۆكمە ھاسىل بولىۋالماي ئېرىيدۇ.ھەرگىزمۇ يۇقۇرى گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا ئەمەس. تۆۋەندە مەن قىسقىچە قىلىپ، مەلۇم بىر بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى تەييارلاش جەريانى چۈشەندۈرىلىشىنى دەپ ئۆتىمەن. سۈت پاراشوكىنى تەييارلاش ئۇسۇلى:
بىرىنچى : ئاۋال قولنى پاكىز يۇيىمىز.
ئىككىنچى: سۈت بۇتۇلكىسى، ئىمزەك ۋە ئىمزەك تۇتىشىدىغان بارلىق ئەتكۈچ قاتارلىقلارنى پاك- پاكىز يۇيۇمىز.
ئۈچىنچى: سۈت بوتۇلكىسى، ئىمزەك قاتارلىقلارنى قايناق سۇدا بەش مىنۇت تۇرغۇزۇپ، دېزىنفىكسىيە قىلىمىز.
تۆتىنچى: قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ تەييار قىلىۋالىمىز.مەسىلەن: ( بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارغا بىرىلىدىغان چۆچاۋ تېبىې نېڭئېن سۈت پاروشوكىغا ئادەتتە 45 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىشلىتىلىدۇ.)
بەشىنچى: سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى مىقدار بويىچە بوۋاقلار سۈت بوتۇلكىسىغا قۇيىۋالىمىز، ئادەتتە بىر قۇشۇق سۈت پاراشوكىغا ( ئۆلچەملىك قۇشىقى بار ھەر بىر سۈت پاروشىكىنىڭ ) 30 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇلىدۇ، بالىنىڭ ئىچىپ بۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قويىمىز.
مەسىلەن: 3 قۇشۇق سۈت پاراشوكى ئۈچۈن، 90 مىللىلىېتىر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قۇيىمىز. دىققەت، ئاۋال سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ مىقدار بويىچە بوتۇلكىغا قۇيۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئاۋال سۈت پاراشوكىنى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇدىن بۇرۇن بوتۇلكىغا تۈكىۋالمايمىز. بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا، شۇ تېلىۋىزۇرىمىزدىكى سۈتچىلىك شىركەتلىرى ئىشلەتكەن ئېلاندىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ۋە ئاساسلىق خاتالىق، بۇ سۈتچىلىك ئېلانلىرىدا قانداق كۈرۈنۈش بار دىسىڭىز، ئېلاندىكى ئانا ئاۋال سۈت پاراشوكىنى بۇتۇلكىغا قويىدۇ، ئاندىن چەينەكتىكى قايناقسۇنى بىۋاستە سۈت پاراشوكىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ....نىھايەت، بۇ چوڭ خاتالىق سۈت پاراشوكىغا قايناقسۇنى بىۋاستە قۇيغاندا، سۈت پاروشوكىدىكى نۇرغۇن تەركىبلەر يۇقۇرى گىرادۇستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، سۈتمۇ ياخشى ئېرىمەي مۇنەك مۇنەك بۇلۇپ قالىدۇ، بىز بالىمىزغا كۈيىمىز دەيمىزيۇ، لېكىن، مەھسۇلاتنى توغرا يولدا ئىشلەتمىسەك، ئەكسىچە ئەھۋال كۈرىلىشى تەبىئى.
ئالتىنچى: سۈت پاراشوكىنى سوۋۇتۇلغان مەلۇم مىقداردىكى سۈت بوتۇلكىسىغا قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈت پاراشوكى ئېرىگۈچە بۇتۇلكىنى چالغىتىمىز. ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، سۈت پاراشوكىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئىتىپ، قۇرغان، سالقىن جايدا قويىمىز. بۇتۇلكىلارنى پاكىز يۇيۇپ، تەييار قىلىۋالىمىز. ..... بۇ بىرلىككە كەلگەن سۈت پاراشوكىنى تەييارلاش، ئېرىتىش، بالىغا ئەمدۈرۈشتىن بۇرۇنقى ئىشلار بۇلۇپ، بۇنىڭ ھەر بىر ھالقىسى بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىۋىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭغا ئېلان شىركەتلىرى، ئېلان ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ياكى ئېلانغا چىققان چولپانلارنىڭ ئىلمى، پەن تېخنىكىلىك ئۇسۇلدا، ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىنى ئىشلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. سىلەرگە ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت، بايلىق يار بولسۇن. بارلىق بوۋاقلارغا ۋە ئانىلارغا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك يار بولسۇن.

مەنبە: ئۆزۈم 2011-3-25-كۈنى

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:45:16

ئېلانلاردىكى خاتالىقنى دەپ كېلىدىغان بولساق بەك نۇرغۇن، تېخى مۇشۇ ئانىلارنىڭ رولىغا چىققان چولپانلارنىڭ گىرىملىرى، كىيىم- كېچەكلىرى، تاقىۋالغان زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئانىنىڭ سىماسىنى تېپىش بەكمۇ تەس.

زەپەر يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:55:26

ئۇيغۇر ئېلانچىلىقى تەرەققى قىلۋاتىدۇ بۇنىسى راست، لېكىن يۇقۇردىكىدەك ئىنچىكە ھالىقىلارغا دىققەت قىلماق زۆرۈر:handshake ، ئىنچىكە كۈزىتىپ تەھلىل قىپسىز رەھمەت تىنچ تۇرمۇش !

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:51:27

مۇشۇ قانۇندا ھازىر  ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتتىن چاتاق چىقسا  شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىغا چىققان چولپانلارمۇ مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ..  كىچىك بالىلارنى ئېلانغا چىقىرىشقا بولمايدۇ دەۋاتقان ئۆتكەن يىل ئەمىنلەشمىگەندەكلا قارىسام

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:11:24

مەنغۇ مۇشۇ ئېلان دىگەنگە ئىشەنمەيمەن ،خۇددى ساتالمىغان نەرسىنى ئېلان قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا ...بولسا راستچىللىق بىلەن ياشىساق دەيمەن بۇ جاھاندا ...
راست مەن بىر سۈت ئېلانىنى بېرەيچۇ :سەھەر ساپ سۈتلىرى ،بەك ياخشىكەن ،پىشىرىپ قويسىڭىز شۇنداق ياخشى قايماق تۇتىدىكەن ،ساپلىقى يۇقىرى سۇ ئارلاشتۇرۇلمىغان ،باشقا ساقلاشقا بولىدىغان ماتىرىياللار ئىشلىتىلمىگەن ساپ سۈت .مەن قىزىمغا ئىچكۈزۋاتقىلى 5ئاي بولدى ،ئىشەنچىلىك سۈت ...ئۆيىڭىزگە ئەكىلىپ بېرىدۇ .ئالاقىلىشش تىلفونى 0991-5155089
ئېلانغا ئىشەنمەيمەن دەپ تۇرۇپ ئېلان بەرسەم ھەيران قالماڭلار ،بۇ ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان ئىشەنچىلىك سۈت بولغاچقا دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ ئىچىپ بېقىشىنى ئويلاپ بۇ ئېلانىنى بەردىم ،لىكىن بۇ ئېلانىم بۇ شىركەتنىڭ ھاۋالىسى ئەمەس ،توغرا چۇشىنىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ياپراخ يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:41:57

ھا ھا ھا !! سىز ئىلان بىرىشكە نىمە دىگەن ئۇستا !
توعرا چۅشەندۇق !!!!!!!

faeza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:05:02

بۇنداق ئېلانلاردا ئانا ، بالا چىقىدۇ . ئانا سۈتى مۇھىم دەيمىز . سۈت تالقىنىنى ئانا يوق چاغدا ئىچۈرىمىز . شۇڭلاشقا ئېلانغا بوۋاقنىڭ ئاپىسى ئەمەس ، بەلكى بوۋاققا قارايدىغان ئايال ياكى بوۋاقنىڭ دادىسى چىقىشى كېرەك ئىدى ، دەپ قارايمەن . ھازىرقى ئېلانلار خۇددى ئانىلار ئەمدۈرمەڭلار ، سۈت پاراشوكلىرى بازاردا كۆپ ، دىگەندەكلا بىلىنىدۇ ماڭا !;P

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:54:47

neyime يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:11 static/image/common/back.gif
مەنغۇ مۇشۇ ئېلان دىگەنگە ئىشەنمەيمەن ،خۇددى ساتالمىغا ...

تۇرپانغا ئاپىرىپ بېرەلمەيمىز دەيدۇ تېلفۇندا ! :@

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:37:25

ۋاي ئىست ،شۇ تۇرپاننىڭ ھاۋاسى بەك ئىسسق بولغاچقا يولدا بۇزۇلۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ ،بەلكىم شۇنداق جاۋاپ بەرگەن چىغى ،مىنىڭچە بولسا سىمز كالىدىن بىرنى ئالسىڭىز ،ئۆزىڭىز ئالدىرماي سېغىپ ئىچىۋالمامسز ،بۇلارنى ھەم ئۆزىڭزىنى ئاۋارە قىلماي ھى ھى ھى :lol

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:25:58

neyime يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:37 static/image/common/back.gif
ۋاي ئىست ،شۇ تۇرپاننىڭ ھاۋاسى بەك ئىسسق بولغاچقا يولدا ...

ئىمىملاۋالاي بولمىسا، ھەم يىڭى ھەم تەبىئىي. :@
بەت: [1] 2
: سۈتچىلىك شىركىتى، ئېلان شىركىتى ۋە چولپانلار