nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:20:35

نەۋرىزە: تەلەپ ۋە تەغدىم......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم <<7 قىزلىرىم >> مۇنبىرىدىكى مېھرى ئاتەش بارلىق ئەزىزلەر ياخشىمۇسىزلەر؟ ھەر قايسىڭىزلار بىلەن مۇنبەر يۈزىدە ئەسرا بولغۇنۇمدىن تولىمۇ خۇشالمەن؟!  بىراق خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچ كۆپ كىرەلمىدىم، بىراق ھەرقايسى ئەزىز مۇنبەرداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم، شۇ ۋەجىدىن ھەر قايسىڭىزلارغا ئىگىلىپ تۇرۇپ تازىم قىلىمەن!!!!
بۇ مۇنبەرگە ھەر بىر  كىرگىنىمدە << 7 قىزلىرىم>> دېگەن تارىخىي ئۇلۇق نام مېنى ئۆزىگە باغلىۋالىدۇ، تەپەككۇرۇمنى بىردەممۇ تېنىچلاندۇرمايدۇ، بۇ ھەقتە بەزى ماتىرىياللارغا ئانچىكى ئىگە بولساممۇ بىراق، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلگۈم كېلىدۇ. شۇڭا بۈگۈن تارتىنماستىنلا بۇ ھەقتە ھەرقايسىڭىزلار بىلەن ئورتاقلاشقىم كېلىۋاتىدۇ. << 7 قىزلىرىم >> ھەققىدە كىم قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك سۆزلەپ باقساق، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق تارىخىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قېلىشىمىزدا شەك يوق  دەپ ئويلايمەن؟! ئالدى بىلان << 7 قىزلىرىم>> ئۇلۇق مومىلىرىمىزنىڭ ئىسىم شەرىپىنى بىلىپ باقساقكەن؟!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:59:31

نەۋرۇزە ھەدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز، مەن ئالدى بىلەن يەتتە قىزلىرىمنىڭ ئىسىم- شەرىپىنى ئاتاپ ئۆتەي.
مايسىىخان: يەتتە قىزلارنىڭ سەردارى، قەلەمى ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھېچكىم ئۆتەلمەيدۇ؛
غۇنچە قىز: يەتتە قىز ئارىسىدىكى ئەڭ زۇۋاندارلاردىن، چېچەنلىك ۋە ھازىر جاۋابلىقتا ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ؛
دىلبەر: كۆپ ۋاقتىنى گۈزەل خىياللار بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىدىغان بۇ ئويچان قىز شائىرلىق ماھارىتىدە ھەممىنى تاڭ قالدۇرىدۇ؛
زۆھرەگۈل: چىرايى تاڭدىكى چولپاندەك نۇرلىنىپ تۇرىدۇ؛
قەمبەرنىسا: تەققى-تۇرقى تۈپتۈز ئۆسكەن شەمشادنى ئەسلىتىدۇ؛
گۈلئايىم: بۇلاقتەك كۆزلىرى بىلەن يىگىتلەرنى چۆكتۈرۈۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۆزلۈك قىز؛
ئەختەرنىسا: بويى ئۆسسىمۇ،بالىلىق مىجەزى كەتمىگەن ئەركە قىز .

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:04:28

http://www.qismet.me/wp-content/uploads/2011/01/7qiz.jpg
يەتتە قىز

http://www.qismet.me/wp-content/uploads/2011/01/meqbere.jpg
يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى
http://www.qismet.me/wp-content/uploads/2011/01/qianlong.jpg


چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭ

«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭنىڭ 30- يىللىرى (مىلادى 1765 – يىلى) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن ئاتا – بالا (بەزى مەنبەلەردە ئاكا – ئۇكا دېيىلىدۇ) رەھمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ (جىگدە يېغىلىقى) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرىسىدۇر .
«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئىككى ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئورۇن «ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» قىلىپ بېكىتىلگەن .
ئەپسۇسكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئىخلاسمەنلىرى تەرىپىدىن تاۋاپ قىلىپ كېلىنىۋاتقان بۇ مەشھۇر زىيارەتگاھ يېقىندا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تاقىلىپ قالدى.
تۆۋەندە بۇ ھەقتە تارىخ ئىشتكەيسىلەر:
چىڭ سۇلالىسى (ئىمپېرىيىسى) دىيارىمىزنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، دىيارىمىزغا قارىتا ئىنتايىن ئېغىر بولغان زۇلۇم، ئاسمېلياتىسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. بىز ھازىر ئۇنتۇپ قېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان «چەنتو» دېگەن ھاقارەتلىك نام ئەنە شۇ دەۋرنىڭ ئاچچىق يالدامىسىدۇر.
چيەنلوڭ زامانىسىدا چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىلار ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا، خوجىلار تەرەپتىن ئىپارخان چيەنلوڭ خانغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئىپارخان چيەنلوڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى ئىشقىدا كېچە – كۈندۈز يىغلاپ ئۆتىدۇ. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، چيەنلوڭ خان ئىپارخانغا مەخسۇس ئۇيغۇر پاسونىدىكى بىر يۈرۈش ھويلا – ئارام تەييارلايدۇ، بۇنىڭغا دىيارىمىزغا خاس بولغان ھەرخىل دەل- دەرەخ تىكىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.
يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، 1765 – يىلى مۇئەللىپ (قىسمەت) نىڭ ئانا يۇرتى ئۇچتۇرپان شەھىرى (شۇ يىللاردا ئۇچتۇرپان شەھەر ئىدى) گە جىگدە ئالۋىنى چۈشىدۇ. ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ چاغدىكى ئامبالبېگى ئابدۇللا بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرگۈچىسى سۇچىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاتار سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان دىيارىدا نامى چىققان رەھمىتۇللا بەگنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشقا باش قىلىش باھانىسى بىلەن، نەچچە مالتاققا جىگدە كۆچىتىنى تىكتۈرۈپ، بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى بۇ كارۋان ياڭخې (ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا، «ئاچاتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ) غا كەلگەندە، كارۋان ئىچىدىكى چىڭ چېرىكلىرىنى كاتتىسى (سۇچىڭنىڭ ئوغلى) ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۇرۇپ – سوقۇپ، بىر نەپىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىشلەمچىلەر سۇچىڭنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان تارىخىدا مەشھۇر بولغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىدۇ.
بۇ ئىنقىلاب داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، ئىنقىلاب بېشى رەھمىتۇللا بەگ، ئىزباسارى (ئوغلى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ) ئەسمىتۇللا بەگلەر خائىنلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئىگىسىز قالغان خەلقنىڭ تەرەپ – تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان پەيتتە، رەھمىتۇللا بەگنىڭ قىزى مايسىخان ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ (ئۆزى بىلەن قۇرداش ئالتە قىزنىڭ ھەمكارلىقىدا) خەلقنى تەشكىللەپ تاغ، جىلغا، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ.
مايسىخان باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن ئۈچ ئاي جاپالىق جەڭ قىلىدۇ. ئەمما ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە غايەت زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە چىڭ قوشۇنى يورۇق تاڭغا تەشنا خەلقنى قانلىق باستۇرىدۇ.
ئاقىۋەت، بۇ جەسۇر يەتتە قىز ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىگە قامىلىپ قالىدۇ. چىڭ چېرىكلىرى تەرەپ – تەرەپتىن قىستاپ كېلىدۇ. دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ، دەپسەندە قىلىنىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەن بۇ يەتتە قىز تاغدىن سەكرەپ، باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇچتۇرپان شەھرىدە قەتلىئام (ئومۇمىي قىرغىن) يۈرگۈزىدۇ، ئۇچتۇرپان دىيارىدا ئادەم زاتى قالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ قەلەمگە ئالغۇچىسى موللا شاكىر ئۆزىنىڭ «زەپەرنامە» داستانىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئۇچتۇرپان شەھرىدە ئاتا ئۈچۈن يىغلايدىغان بالا، ئەر ئۈچۈن يىغلايدىغان خوتۇن قالمىدى. توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە (قان ئېقىپ تۇرغانلىقتىن) ئىچكىلى بولمىدى.»
قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى بۇ قېتىمقى ئۇچتۇرپان «جىگدە يېغىلىقى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغالغان (دىيارىمىزدىكى) تۇنجى قېتىملىق خەلق ئىنقىلابىدۇر.

مەنبە: http://www.qismet.me/7qiz.html

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:09:41

مەرۋەرى سىڭلىم مەن تەلەپ قىلغاندىنمۇ  ئارتۇق سوۋغاتنى تەغدىم ئېتىپسىز، توۋۋا سىلەردىن يۇشۇرمايمەن بۇ باتۇر پالېانلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى مەن راستىنلا بىلمەيتتىم، نەچچە تورداشلشردىن سورىغان بولساممۇ سۇئالىم جاۋاپسىز قالغان ئىدى. توۋۋا بۇ پەلۋانلار قىزلارنىڭ ئىچىدە دىلبەر ئىسىملىك قىزنىڭ بارلىقىنى ھازىر بىلىۋاتىمەن، مايسىخاننى، ئەختەرنىسانى ئاڭلىغانمەن......ئەمدى پالۋان قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىۋېلىشتىن سىرت بۇلارنىڭ تارىخي ئارقا كۆرۈنىشىدىنمۇ خەۋەردار بولدۇم، تارىخىمىزدا ئەنە شۇنداق  بىز پەخىرلەنگىدەك ، تىللاردا داستان قىلغىدەك قىز پالۋانلىرىمىز ئۆتكەنىكەن؟! ھەي!!!!!!
سىڭلىم سىزگە مىڭلارچە تەشەككۇر ئېيتىمەن!!!!خۇددىي بىباھا گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشال بولىۋاتىمەن!!!!!ھاياجاندا سۆزلىرىمنى تاپالماي قالدىم. باشقا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ ئورتاقلىشىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن!!!!

hilal يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:27:34

مەنمۇ بەك چالا بىلىدىكەنتۇقمەن ، ئەمدى بىر ئاز تەپسىلىي چۈشىنىۋالدىم ....
قانلىق تارىخىمىزنى ، شۇ قان تۆككۈچى قىز - يىگىتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ .....

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:31:05

2010-يىلى 8-ئايدا ئۈچتۇرپانغا بارغان ۋاقتىمدا ، يەتتە قىزلىرىمنىڭ تاقىلىپ تۇرغان ۋەيرانە قىياپىتىگە قاراپ، ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالغان ئىدى.
     بۇرۇن ئاقسۇ ئۆمەكنىڭ ئۇرۇنلىشىدا بىر دىراما بولىدىغان  ئۇنىڭدا مۇشۇ قىزلارنىڭ ئىش -ئىزلىرى سۆزلىنەتتى، 7 قىزلىرىمنىڭ..ھازىر شۇ دىرامىلارنى قويسا بولىدۇ تېلىۋۇزۇردا.

arman-taxkin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 00:03:52

مەنمۇ تولۇق چۈشىنىۋالدىم .
بەت: [1]
: نەۋرىزە: تەلەپ ۋە تەغدىم......