خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:47:05

قۇناق پولوسى

قۇناق پولوسىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى :
ماتېرىيالى ؛ قوناق يارمىسى، گۆش . سۇ ماي. سەۋزە . پىياز. تۇز ، شىكەر. زاراڭزا، چېچىكىدە.تەييارلىنىدۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى

1)مۆلچەرلەنگەن قوناق يارمىسىنى يۇيۇپ ئىلمانسۇغا چىلاپ قويىمىز، ئوخشاش نىسپەتتىكى سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.

2)قازانغا 5:1 نىسپەتتە ماي قۇيۇپ قىزىتىپ ئازراق تۇز سۈيى بىلەن داغلاپ. پىيازنى سېلىپ سارغايغاندا ئېلىۋېتىپ. گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇپ، ئاندىن سەۋزە قەلەمچىسىنى سېلىپ قورۇيمىز. سەۋزە پىشقاندا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ 10مىنۇتتىن كېيىن كۆپكەن يارمىنى سۇسىزلاندۇرۇپ . پولونىڭ سۇيىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىۋېتىپ يارمىنى سەۋزىنىڭ ئۈستىگە تەكشى سېلىۋېتىپ . ئۈستىىگە ئالدىن ئېلىۋېلىنغان . سۇنى قۇيۇپ قاينىتىمىز. پولونىڭ سۈيى ئازلىغاندا ئۆرۈپ سۇس ئوتتا قاينىتىمىز.زاراڭزا چېچىكىنى قايناق سۇغا چىلاپ ئاغىزىنى يېپىپ قويىمىز. پولونى يەنە بىر قېتىم ئۆرۈپ ئوتنى سۇسلىتىپ دۇملەيمىز . 30 مىنۇتتىن كېيىن ئازراق شىكەرنى زاراڭزا چېچىكى سۈيىگە سېلىپ ئېرىتىپ . پولو دەم يىگەندىن كېيىن پولونىڭ ئۈستگە تەكشى سېپىپ يەنە بەش مىنىۇت دۈملەپ پولونى ئۆرۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن لىگەنگە ئۇسسۇپ ئۈستىگە ەگۆش بېسىپ مېھمانغا ئالىمىز،

شىپالىق رولى؛ ئۇزۇقلۇق قىمىتى يۇقىرى پارقىراق يۇمشاق بۇلۇپ ،بەدەننى كۈشلەندۈرۈپ ئورگانىزىمنى قۇۋۋەتلەش . مىڭە يۇرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش قاندىكى ماي ماددىسىنى تۈۋەنلىتىش زىيادە سىمىزلىك . ئۆمۇرنى ئۇزارتىش ئۆپكىنى قۇۋۋتلەش ،كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:31:42

قۇناق يارمىسى دىگەن نىمۇ؟

jahandar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:34:05

peacelife212 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:31 دە يوللىغان /images/common/back.gif
قۇناق يارمىسى دىگەن نىمۇ؟
بۇغدايدىن كىچىك قىلىپ تارتىلغان قۇناقنى كۆرسىتىدۇ.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 23:10:34

رەھمەت خۇشچىراي، سىز كەلسىڭىزلا مۇنبەرنىڭ ئىچىنى تاماقلارنىڭ مىزىلىك پۇراقلىرى قاپلاپ كېتىدۇ:) ، مۇنبەردىكى خانىم - قىزلار تاماققا ئۇستا بوپلۇپ كېتىدىغان بولدى:lol

باغرىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:29:58

jahandar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:34 دە يوللىغان /images/common/back.gif

بۇغدايدىن كىچىك قىلىپ تارتىلغان قۇناقنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇششاق چانىۋەتكەن قوناق دەڭە ...

زاراڭزا چىچىكىنى نىمىشكە ئۈستىگە چاچىدۇ ؟ مېزىلىك پۇرىسۇ دەپمۇ ؟
بەت: [1]
: قۇناق پولوسى