peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:19:23

مىليۇنېرنىڭ ئوغلى...

ئاتا شىمالى شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىدى، كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېين ئۈرۈمچىدە ئىشقا ئۇرۇنلاشتى، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغانلىقى ۋە ئۈزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ مەلۇم بىر شىركەتنىڭ چوڭ باشلىقى ئىدى، خىزمەت مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك جەنۇپتىكى بارلىق يېزا قىشلاقلارغا بارغان ئىدى، ئۇ يەردىكى نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار نامرات ئائىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىدى، ھەر قېتىم شۇ جايلاردىن قايتىپ كەلگەندە ئوغلىغا شۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتى، بىراق، ئوغلى دادىسىنىڭ دىگەنلىرىگە ئىشەنمەيتى، ئۇنىڭ ھىس قىلىشىچە بارلىق ئۇيغۇر مىللىتى كىشىلىرى ئۈزىدەك خاتىرجەم،باياشات تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئايدا پولو،لەغمەن يىيەلمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، بىر كېسەك تاملىق ئۆيلەردە 3 ئەۋلات كىشىلەرنىڭ ياشىشى، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى،چۈنكى، ئۇنىڭ ئائىلىسى باي ئىدى،ئۆيى 2 قەۋەتلىك ئىدى، ئۆينىڭ كەينىدىكى جايدا كىچىك بېغى بار ئىدى. ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ھەر قايسىسسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۇجرىسى بار ئىدى، چوڭ دادىسى،چوڭ ئانىسىنى يوقلاپ بارغاندىمۇ،ئۇلارنىڭمۇ ئەھۋالى ياخشى ئىدى، كەڭرى ھويلىلىرى، باغ ۋارانلىرى بار ئىدى. دادىسىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە ئانىسىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ شۇنداق ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە ئىدى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدا ئوقۇغان، ئاتا ئانىسى ئوقۇتقان، بىلىم يۇرتلىدا،بىلىم ئۇرۇنلىرىدا ئوقۇپ، خىزمەتكە ئۇرۇنلاشقان ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن قىيىنچىلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي چوڭ بولغان ئىدى. ھەم شۇ شىمالدىكى چوڭ دادىسى، چوڭ ئانىسى ياشىغان شۇ جايلاردىكى باشقا كىشىلەرنىڭمۇ ياخشى شارائىتىنى كۈرۈپ چوڭ بولغان ئىدى.

دەرۋەقە، ئاتا كۆپنى كۆرگەن،جەنۇپنىڭ يېزا قىشلاقلىرىنى ئارىلىغان ئەل سۆيەر كىشى ئىدى، ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلاتتى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بىرىشنى ئويلايتى، لېكىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قانداقمۇ ياردەم قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولغىلى بولسۇن؟ ئۇلار ھەتتا بىر كۈندە 3 ۋاقلىقىغا قۇرۇق سۇ نان يەيدىغان نامرات كىشىلەرمۇ، ئاخشىمى پەقەت بىر-ئىككى سائەتلا جىن چىراغ ياندۇرۇپ، شۇ جىن چىراغقا كەتكەن ماينى ئىسراپ قىلىشقىمۇ كۆزى قىيمايدىغانلار ئىدى، ئاتا ئويلايتى، ئۇلارنىڭمۇ ياخشى يىگۈسى، باللىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇسى كىلەتتى، ئۈرۈمچىنى كۈرۈپ باقمىغاننىڭ كۆرگۈسى كىلەتتى، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇش ئۇنىڭغا يول قويمايتى. ....ئوغلى بولسا، بۇلارنى بىر رىۋايەت،چۈشتەك ھىس قىلاتتى. .......

ئوغۇل تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بىرىپ بولغان ئىدى، بىر كۈنى ئاتا ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرتتى، ئاتا ئوغلىنىڭ بىر ئايلىق مائاشى 3000 سومنى ئوغلىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ۋە دىدى: « ئوغلۇم، سەن تۇللۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈردۈڭ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىمۇ بىرىپ بولدۇڭ، ئەمدى سىنى بىر يېرىم ئايلىق جەنۇپقا ساياھەتكە ئەۋەتىمەن، مۇشۇ 3000 سومنى قانداق خەجلىسەڭ، قانداق خىراجەت قىلساڭ ئۈزەڭنىڭ ئىلكىدىكى ئىش، مۇشۇ بىر يېرىم ئاينى توشقۇزۇپ، مەندىن مۇشۇ پۇلدىن ئارتۇق پۇل تەلەپ قىلماي قايتىپ كېلىسەن، سەن جەنۇپقا بارىسەن، شەھەرلەردە بىر-ئىككى كۈن تۇرساڭ بولىدۇ، ئاساسلىقى يېزا قىشلاقلارغا بار، مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆر، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆك. تۇرمۇش ئۆگىنىپ كەل..... »

ئوغۇل ساياھەتكە،توغرىسىنى ئېيتقاندا تۇرمۇش ئۈگۈنۈشكە چىقتى، ئۇ دەسلەپ قەشقەرگە باردى،خوتەنگە باردى، ئاقسۇغا كەلدى، ئاتا ئېيتقانداق شەھەر بازارلاردا بىر كۈن تۇرغان بولسا، قالغان ۋاقتىنى ئاساسەن يېزا قىشلاقلاردا ئۆتكۈزدى، ئورما ئۇرۇۋاتقانغا ئورما ئۇرۇشۇپ بەردى، خامان سورىغانلارغا خامان سورىشىپ بەردى، شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە قوندى، ئۆزى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى كۈرۈپ يەتتى، بەزى ئۇن ئالالمىغان نامراتلارغا ئۇن ئېلىپ بەردى، گۈرۈچ يوقلارغا گۈرۈپ ئېلىپ بەردى، دوختۇرغا كۈرۈشكە پۇلى يوقلارغا بىر ئىككى يۈز يۈئەن ياردەم قىلدى، جىن چىراغلىق ئۆيلەردە قوندى، ئاتا،بالا،نەۋرە بىر ئۆيدە تۇرىدىغان نامرات ئائىلەرنى كۆردى،.....ئىشقىلىپ، بۇ قېتىمقى بىر يېرىم ئاي ئىچىدە ئۇ كۆرمىگەننى كۆردى، ئاڭلىدى، بىلدى،ھىس قىلدى، تۇنۇپ يەتتى، 11يىل باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، مەكتەپتە ئۈگىنەلمىگەن بىلىملەرنى بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۈگەندى، بىلدى، تۇنۇپ يەتتى...جەنۇپ يېزىلىرىنى كۆردى، تۇرۇبا دىن كىلىدىغان سۇ يوق،لاي سۇ ئىچىدىغان، كۆلچەك سۈيى ئىچىدىغان، توختام سۇ ئىچىدىغان، چارۋا بىلەن ئادەم ئوخشاش بىر كۆلچەكتىن سۇ ئىچىدىغان مەنزىرىلەرنى كۆردى، كۆزلىرى ئاچچىق ياشقا تولدى، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى دۇنياغا كەلگەن شۇ شىمالدىكى شەھەردە 10 ئۆستەڭ شەھەرنى كىسىپ ئۈتەتتى، ھاۋاسى ساپ ئىدى، ئاھالىسى تۇرۇبا سۈيى ئىچەتتى...شۇلارنى ئويلىغان چاغدا پەرقنىڭ بۇ دەرىجىدە چوڭ ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ بىر نىمىنى چۈشەنگەندەك،ھىس قىلغاندەك بولاتتى، ئۈزىنىڭ ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى، دادىسىنىڭ دىگەنلىرىگە ئىشەندى، چوڭقۇر ئىشەندى، دادىسىغا بولغان ھۆرمەت ئاشتى....

ئاخىرقى مەنزىل ئۈچتۈرپاننى كۈرۈپ بولغان چاغدا، ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت 100 يۈئەن قالغان ئىدى، ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە كەلگەندە ئۇ ئۈچتۈرپاندىن ئۈرۈمچىگە باىدىغان ئاپتۇۋۇزنىڭ يول كىرا باھاسىنىڭ 120 يۈئەن ئىكەنلىنى بىلگەندە ئامالسىز دادىسىغا تېلفۇن قىلدى:«دادا، مەن ھازىر ئۈچتۈرپاندا ھازىر يېنىمدا پەقەت 100 يۈئەن پۇل قالدى، ماڭا 50 يۈئەن كارتامغا پۇل سېلىپ بەرگەن بولسىڭىز، 120 يۈئەنگە بېلەت ئېلىپ، قالغان 30 يۈئەنگە يولدا تاماق يىسەم »، دىدى.ئاتا ئېيتتىلەر:« ئوغلۇم مەن ساڭا سەن جەنۇپقا ماڭىدىغان چاغدا نىمە دىگەن، 3000 يۈئەننى قانداق بولسۇن يەتكۈزىسەن ، مەن بىر ئايدا 3000 يۈئەن مائاش ئالىمەن، بىز شۇنى ئۆيگە خەج خىراجەت قىلىپ، يەتكۈزىمىز، سەن بىر يېرىم ئايمۇ يەتكۈزەلمىدىڭمۇ، ئۇنداق بولسا، سەن بىر يەردە ئىشلەپ، پۇل تېپىپ،ھالال تاپقان پۇل بىلەن قايتىپ كەلگىن ، بۇلامدۇ؟ » ، ئوغۇل چۈشەندى، دادىسىنىڭ يەنە بىر مەنادىكى مېھرى-مۇھەببەتنى چۈشەندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن ئاپتۇۋۇز شوپىرىنىڭ يېىنىغا باردى، ياخشى گەپلەرنى قىلدى،سەمىمى گەپلەرنى قىلدى، شوپۇر كۈلدى، ئۇنىڭغا ئىشەندى، ئۇنىڭدىن 90 يۈئەنلىك كىرا ھەققى ئېلىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ ماڭدى، يولدا بىر جايدا ئاپتۇۋۇزدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تاماق يىيىشكە چۈشكەن چاغدا، ئوغۇل 10 يۈئەنگە تاماق يىدى، يەنە، توقسۇنغا كەلگەندە ئاپتۇۋۇز تاماق يىيىشكە توختىدى، بۇ چاغدا ھەممە كىشى تاماق يىگىلى چۈشتى،ئوغۇل چۈشمىدى، بۇ چاغدا ئاپتۇۋۇز شوپۇرى:« يېنىڭىزدا پۇل يوق، قۇساق ئاچسىمۇ تاماق يىمەي ئولتۇراي دەمسىز، چۈشۈڭ،مەن سىزنى مېھمان قىلىمەن،تاماق يەيمىز»، ئوغۇل چۈشتى، چۈنكى ئۇنىڭ قۇسۇغى ھەقىقەتەن ئېچىپ كەتكەن ئىدى، كولدۇرلاپ كەتكىلى خېلى بولغان ئىدى... .

ئاپتۇۋۇز ئۈرۈمچىگە كەلدى، ئوغۇل شوپۇر ئۇستامغا مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، ئۆيىگە كەلدى، ئۇ ھاياجانلاندى، نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،چوڭ ئادەم بوپ قالغاندەك ئىدى.

ئاتا بىلەن ئوغۇل كۈرۈشتى، ئوغۇل دادىسىنى قۇچاقلىدى،كۆزلىرى نەمدەلدى، مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن ئاتىسىغا رەھمەت دىدى. ئاتا ئوغلىنىڭ خېلى نەرسىلەرنى بىلىپ قالغانلىقىغا ئىشەندى،چۈشەندى،ئوغلىنىڭ بېشىنى مېھرى بىلەن سىلىدى،ئوغۇل بېشىدىن كەچكەن كەچۈرمۈشلىرى،كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى قىسقىلا دەپ 3000 مىڭ يۈئەننى قانداق سەرپ قىلغانلىقىنى خاتىرلەپ قويغان بىر قەغەزچىنى چىقاردى، قەغەزدە «.....كىشىگە بىر خالتا ئۇن، .....ئائىلىگە بىر خالتا گۈرۈچ، دوختۇرخانىدا بىر كىشىگە 200 يۈئەن پۇل »دىگەندەك خاتىرىلەر خېلى بار ئىدى. دادا ئوغلىدىن سۈيۈندى، بۇ قېتىمقى بالىسىنى جەنۇپقا ساياھەتكە، توغرىسى تۇرمۇش ئۈگۈنۈشكە ئەۋەتكەنلىكىدىن رازى بولدى ۋە دىدى: « بالام،كۈرۈدىغاننى كۈرۈپ بولدۇڭ،تۇرمۇشنى خېلى چۈشەندىڭ، ئىمتىھاننىمۇ ياخشى بىرىپسەن، نەتىجەڭمۇ ياخشى ئىكەن،چاقىرىق قەغىزىمۇ كەلدى، بىراق داداڭنىڭ ئارزۇسى باشقىچە، ھەدەڭنى ئەنگىلىيەدە ئوقۇتالىغان داداڭ سىنىمۇ چەتكە چىقىرالايدۇ، گەپ، سىنىڭ تىرىشچانلىقىڭدا، جاپا-مۇشاققەتكە چىدىشىڭدا، مەن سىنىڭ چەتكە چىقىدىغان ئىشىڭنى توغرىلاپ قويدۇم، گەپ،سىنىڭ ياخشى ئوقۇشۇڭدا، تىرىشىشىڭدا، سەن چۇقۇم،ئاسپىرانتلىقنى تۈگۈتۈپ، چەتتە قالىمەن دىسەڭمۇ،ياكى قايتىپ كېلىمەن دىسەڭمۇ،بۇ سەن شۇ ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندە ئۈزەڭ چىقىرىدىغان قارار، ئەمدىكى يول تېخىمۇ ئۇزۇن.ئەمدىكى ئوقۇش سەپىرىڭ مالايسىيە .... »

ئوغۇل جەنۇپ ساياھىتىنى قىلىپ بۇلۇپ،قايتىپ كەلگەن شۇ يىلى كۈزدە مالايسىياغا يۈرۈپ كەتتى. ئوغۇلنىڭ ئالدىغا داغدام ئەمما تىرىشچانلىق،چىدامچانلىق،غەيرەت،جاسارەتنى، سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بىر يول تۇراتتى.چۈنكى، ئوقۇش پۇلىدىن باشقا تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۈزى تېپىپ ئىشلەپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئاتىنىڭ ئوغۇلغا بولغان مېھرى-مۇھاببىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە يول بىلەن ئىپادىلىنىشى ئىدى.....

ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بۇ ئەدەبى يازمىنى مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم.

ماقالىدە تەسۋىرلەنگەن ئوغۇل ھازىر مالايسىىيەدە   ئوقۇماقتا. ھەدىسى ئەنگىليەدە ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىپ، شۇ جايدا يولدىشى (ئۇيغۇر، شۇ يەردە ئاسپىرانلىقنى تۈگەتكەن) ۋە ئوماق ئوغلى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بەختلىك ياشىماقتا.

بۇ تېمام 2008- يىلى يېزىلغان.

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:25:23

مال دۇنيا باشقا گەپتۇر، ئادەم بولۇش باشقا .
ھەقىقەتەن كىشىگە تەسىر قىلغۇدەك ماقالە بوپتۇ. بايلىق ، ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىنتىلمەيدىغان كىم بار؟ گەپ قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتە.
ياشلار كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگۈسىدىكى بەختىيار تۇرمۇشىنىڭ ئۇلىنى سېلىش كېرەك.

nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:17:43

بۇ ئەسەرنى قايتا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغۇنۇمدىن خۇشال بولدۇم!!!
ھەر بىر ئەسىرىڭىز تەربىيىۋى خاراكتېر، ئىبرەت خاراكتېر ئالغان....
تەشەككۇر!!! بارماقلىرىڭىز ھارمىغاي!!!!

xapnam يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:20:42

ئادەمنىڭ ئشەنگۈسى كەلمەيدۇ،ئاشۇنداق ياخشى شارائتتا چوڭ بولخان بالىنىڭ شۇنچىۋالا ئشنى قىلىپ كەلگىنىگە..........
قارىغاندا كوزقارىشىمنى ئوزگەرتسەم بولغىدەك...........
بىرتەرەپلىمە قاراش ئادەمنى خاتالاشتۇردىكەن............
بەت: [1]
: مىليۇنېرنىڭ ئوغلى...