تويدىن كىيىن خۇشال ئۆتەي دېسىڭىز كۆرۈڭ
سىز بىرەرسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ئويلىغان چېغىڭىزدا، كەلگۈسىڭىزگە چۇقۇم زور ئۈمىدلەرنى باغلايسىز، خۇددى بارلىق چۆچەكلەرنىڭ ئاخىرى شاھزادە بىلەن مەلىكە توي قىلىپ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ دەپ ئاخىرلاشقىنىغا ئوخشاش، شۇڭلاشقا كىچىكىڭىزدىن چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولغان سىز بەلكىم ئاتالمىش بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ دەل جۆرىڭىزنىڭ كۈندە ئەتىگەندە تۇرۇپ كىم ئۆي تازىلايدۇ، كىم كەچلىك تاماق ئىتىدۇ دېگەندەك ئۇششاق ئىشلارنى دەپ سىز بىلەن توختىماي تالىشىدىغانلىقى، سىزنىڭمۇ ئۇنىڭ جاھىللىقىدىن ئاچچىقىڭىز كېلىپ جەھلىڭىز قاتقان تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى قىلچە ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۈمكىن، رىئاللىق مۇشۇنداق بولغانىكەن، بىز پەقەت نىكاھقا بولغان خىيالى تەسەۋۋۇرلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلىساق ئاندىن نىكاھتىن خوشاللىق تاپالايمىز ۋە ھوزۇر ئالالايمىز.خىيالى تەسەۋۋۇر (1)بىز بىر-بىرىمىزنىڭ قىزىقىشىغا بارغانسىرى كۆنىمىز ۋە بۇنىڭدىن ئورتاق خوشاللىق تاپىمىز.
[ئەمەلىيەت]سىز قارشى تەرەپنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى قۇبۇل قىلالايمەن دەپ قارايسىز، ئۇنىڭ قىزىقىشىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى دەپ بىلىسىز، شۇڭا سىز تويدىن كېيىن قارشى تەرەپ بىلەن ھەممە ئىشلاردا ئورتاق پىكىرگە كېلەلەيمىز، ھەمكارلىشالايمىز دەپ ئويلايسىز، بىراق سىزنىڭ بۇ شىرىن خىيالىڭىز ئۇنىڭ جاھىل مىجەزى تەرىپىدىن بەربات قىلىنغاندىن كېيىن، سىز ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرگىنىم ياخشىراقكەن دەپ ئويلايدىغان بولىسىز، سىزنىڭ قىزىقىشىڭىزغا ئۇمۇ كۆڭۈل بۆلۈپمۇ قويمايدۇ.
[قۇتۇلۇش چارىسى]ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ قىزىقىشىدىن ھوزۇرلىنىشقا مەجبۇرلىغاندىن كۆرە، ئىككىلىڭلار خاس قىزىقىشڭلارنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشقىنىڭلار ياخشىراق.پەقەت قارشى تەرەپ سىز بىلەن خوشاللىق ياكى قايغۇنى تەڭ ئورتاقلىشىشقا مۇھتاج بولغاندا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولسىڭىزلا بولدى. ئۆزىگە خاس روھىي بوشلۇق بولغاندىلا ئىككى تەرەپ تېخىمۇ يېقىنلىشالايدۇ.
خىيالى تەسەۋۋۇر (2)مەيلى نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر بىز بىرلىكتە مۇۋاپىق چارە تېپىپ چىقىمىز.
[ئەمەلىيەت]سىز تويدىن كېيىن يولدىشىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ سىز بىلەن گەپ تالىشىدىغانلىقىنى بايقايسىز، ھالبۇكى سىزمۇ بىر ئىشلارنى ئۇنىڭدىن ئۆتە زىغىرلاپ كېتىدىغان بولۇپ قالىسىز.
[قۇتۇلۇش چارىسى]ئەر-خوتۇنلار ئۇرۇشۇپ قالغاندا كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتالىقىنى ئېنىق ئايرىش تەس، شۇڭلاشقا ئىككىڭلارنىڭ تىنچ ئولتۇرۇپ ھەر ئىككيلەن رازى بولىدىغان مۇۋاپىق چارە تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭلاردىن ئۈمۈت كۈتمەڭ. ئۇنى سىزگە ئوخشاش ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۆيىگە قايتىپ ئانىسىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولىدۇ دەپ مەڭگۈ ئويلىماڭ، شۇنىڭدەك ئۆزىڭىزنىمۇ ئۇ سېتىۋالماقچى بولغان پايچىكىنى قوللاشقا مەجبۇرلىماڭ.ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە پەقەت بىر تەرەپ يول قويۇپ سەۋىرچان بولغاندىلا سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلار ئۇرۇش تۇمانلىرىدىن نېرى بولالايدۇ، بۇنداق چاغلاردا سەۋرچانلىق ھەممىدىن مۇھىم.
تەسەۋۋۇر (3)ئەگەر كاماندورۇپكىغا چىقىش سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ تۇرساق يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا كۈندە تېلىفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز.
[ئەمەلىيەت]تويدىن كىيىن سىز پەقەت قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا ياكى مەسلىھەتلىشىدىغان بىرەر مۇھىم ئىش چىقىپ قالغاندىلا، تېلىفون ھەققى ئەڭ ئەرزان پەيتنى تاللاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلىفوننى پەقەت بىرەر ئىشنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈنلا ئۇرىسىزكى ھەرگىزمۇ بۇرۇنقىدەك تېلىفوننى قۇيىۋېتىشكە قىيمىغان ھالدا نەچچە سائەت
پاراڭلاشمايسىز. يولدىشىڭىزغا كەلسەك، ئەگەر سىز ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراق يەرگە كەتكەن بولسىڭىز، ئۇنى ھەرقانداق چاغدا ئىزدەپ تاپالايمەن دېگەن خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ، چۈنكى ئۇ خۇددى قەپەستىن ئاران قۇتۇلغان توشقاندەك ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ.
[قۇتۇلۇش چارىسى]ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ نېمىسى يامان؟ ئەركىن نەپەس ئالالىغاندىلا ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، نىكاھمۇ دەل مۇشۇ قائىدىگە چۈشىدۇ.
خىيالى تەسەۋۋۇر (4)تويدىن كېيىنمۇ بىز قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئۇ ئامراق تاماقنى ئېتىپ بېرىمىز، ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ ھوزۇرلىنىپ يەۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولىمىز.
[ئەمەلىيەت]ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ بىرەرسىڭلار تاماق ئىتىشكە پەۋقۇلئاددە ئامراق بولساڭلار بەلكىم شۇنداق بولىشى مۈمكىن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تاماق ئىتىشتىن بىركۈنى بولمىسا بىر كۈنى قاتتىق زېرىكىسىلەر، ھەم تېخى تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇشنى دائىم بىر-بىرىڭلارغا ئىتتىرىسىلەر.بەزى ئاياللار تېخى يولدىشىنىڭ ئۆزى ئامراق تاماقلارنى ئايالى بىلەن كارى يوق ھالدا يېيىشىدىن خاپا بولىدۇ، قارىغاندا مۇھەببەتنى بىر قاچا مېزىلىك تاماق دەپ قارايدىغان ۋاقىتلار دەل تويدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردەك قىلىدۇ.
[قۇتۇلۇش چارىسى]نىكاھنى ئىككى تەرەپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئورتاق راۋاجلاندۇرىدۇ، سىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىڭلارمۇ دەل بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزەڭلار ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى ئايرىم ئىتىپ يەپ، يەنە ئىككىڭلار ئورتاق ياخشى كۆرىدىغان تاماقنىمۇ ئىتىڭلار، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشۇڭلارغا قىزىقچىلىق قوشۇلۇپلا قالماي يەنە تاماق مەسلىسىنىمۇ ياخشى ھەل قىلالايسىلەر.
خىيالى تەسەۋۋۇر (5)تويدىن كېيىنمۇ خۇددى مۇھەببەتلىشىۋاتقان چېغىمىزدىكىدەك دائىم كىچە-كېچىلەپ سىردىشىمىز.
[ئەمەلىيەت]تويدىن كېيىن سىز يولدىشىڭىزنىڭ دېمەكچى بولغان بارلىق گېپىنى تويدىن بۇرۇن دەپ بولغاندەك ھېس قىلىسىز، سىزنىڭ توختىماي كوتۇلداشلىرىڭىزغا ئۇ ئەڭ ئاددى سۆزلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ، ھەتتا بەزىدە قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۇرىۋېرىدۇ.ئەلۋەتتە، سىلەرنىڭ كېچىچە ئۇخلىماي گەپلىشىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ بولىدۇ يەنى كېچىچە ئۇخلىماي ئۇرۇشۇپ چىققان ۋاقىتلىرىڭلار.
[قۇتۇلۇش چارىسى]ئۇيقۇسىزلىق فىزولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ساغلاملىققا پايدىسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىچە ئۇخلىماي سىرداشقاندىن كۆرە ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىپ ئۇيقۇغا كەتكىنىڭلار ياخشىراق.ئەگەر ئۆز-ئارا سىردىشىدىغان ۋاقتىڭلار ھەقىقەتەن ئاز بولسا ئۇنداقتا سىرتقا چىقىپ بىرگە تاماق يىگەچ ياكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرگەچ سىرداشساڭلار بولىدۇ، ياكى بولمىسا بىر تال خاتىرە كومپىيوتىر تەييارلاپ دېمەكچى بولغان قەلب سۆزلىرىڭلارنى شۇنىڭغا يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ ئۇنى ھەرقېتىم ئوقۇغاندا پاراڭلىرىڭلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايسىلەر.
خىيالى تەسەۋۋۇر (6)تويدىن كىيىن ئۇ چۇقۇم بۇرۇنقى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، بارلىق كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىدۇ.
[ئەمەلىيەت]تويدىن كېيىن ئۇ خۇددى مۇھىم بىر ۋەزىپىنى تاماملىغاندەك، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ۋەدىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بوشىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ سىز پەقەت چىداپ تۇرالمايدىغان نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ.سىز كۆڭلىڭىزدە ئۇنى ئالدامچى دەپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ تۇرىسىزيۇ يەنە ئۇنىڭ قاسماق ھەم سېسىق پايپىقىنى يۇيۇشقا، ئۆيلەرنى پاكىز تازىلاشقا مەجبۇر بولىسىز.
[قۇتۇلۇش چارىسى]توي ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئۈمۈت كۈتمەڭ، تويدىن بۇرۇن سىز ئۇنىڭغا ۋاپادار خوتۇن بولىدىغانلىقىڭىزنى تەنتەنىلىك ھالدا ئىپادىلىگەن، بىراق ھازىر ئۇ ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا بىر «ھازازۇل»غا ئايلىنىپ قالدىڭىز، شۇڭلاشقا ئۆزەڭ خالىمىغاننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمە دېگەن قائىدە بويىچە، ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئاستا-ئاستا قۇبۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ ياكى ئۇنىڭ مەلۇم كەمچىلىكلىرىنى ئازايتىڭ. ئۇنىڭ ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىڭ، خوشاللىققا ئىرىشىش ئىرىشەلمەسلىكتىكى مۇھىم نوقتا ئەمەلىيەتتە بىرەر مەسلىگە قايسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشتا.
خىيالى تەسەۋۋۇر (7)تويدىن كىيىن ئىككىڭلارنى ھېچنىمىنى يۇشۇرماي بارلىق ئىشلارنى ئۇچۇق-ئاشكارا دىيىشىسىلەر
[ئەمەلىيەت]ئىككىڭلارنىڭ ھەركۈنلۈك سۆھبىتىڭلارغا ئىنچىكە دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز سۆھبىتىڭلارنىڭ كۆپىنچىسى كەچتە نىمە يەيمىز، ھەپتە ئاخىرى كىمنىڭ ئۆيىگە بارىمىز، سۇ، توك پۇلىنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىت كەپتۇ دېگەندەك ئەرزىمەس پاراڭ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، ئەكسىچە سىزنىڭ ھەقىقى خىيال قىلىدىغىنىڭىز بولسا ھېلىقى كىنودىكى قاملاشقان يىگىت بىلەن كەچلىك تاماقنى بىرگە يىيەلىگەن بولسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى، بۇ پۇلنى ئايرىم ساقلاپ قويسام بولغۇدەك دېگەندەك ئىشلار بولۇپ بۇلارنى ھەرگىزمۇ جۆرىڭىزگە دىيەلمەيسىز، ئۇمۇ بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ سىزدىنمۇ جەلىپكار ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئىدارىسىدىكى ئايال خىزمەتدىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن قىلغان گەپلىرى دىگەندەكلەرنى چۇقۇم سىزگە دېمەيدۇ. تويدىن كىيىن سىلەر ھەقىقى مۇھىم ئىشلارنى قەلبىڭلاردا ساقلاشنى ئۆگىنىسىلەر.
[قۇتۇلۇش چارىسى]يېقىن كەلسە چىشلىشەر، يىراق كەتسە كىشنىشەر دىگەن ماقال ھازىرقى دەۋردىكى نىكاھقا ناھايىتىمۇ باب كېلىدۇ، سىر ساقلاش بىر-بىرىڭلارغا يەنىلا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭلاشقا نىكاھقا قارىتا يامان تەسىرى بولمىسىلا سىر ساقلاش ئەيىب ھېسابلانمايدۇ.
خىيالى تەسەۋۋۇر (8)تويدىن كېيىن ئۇنىڭ پۇلى مېنىڭ بولىدۇ، ئۇنى پۇللىرىنى مەن ساقلاپ بىرىمەن.
[ئەمەلىيەت]سىز دائىم ئۇنىڭ پورتمالىدا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پۇللارنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز.يەنە كېلىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى ئۆزىگە بىر دانە سىفىرلىق رەسىم تارتىش ئاپاراتى ياكى بىر نەچچە تال كومپىيۇتىر ئۇيۇنى دېسكىسى سېتىۋىلىش بولىدۇ. ئاراڭلاردىكى پۇل مەسلىسى خۇددى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ئۇيۇنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، سىز دائىم ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ھەم يۇشۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن چېغىدا ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلنى سىزدىن يۇشۇرۇن ساقلىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز.
[قۇتۇلۇش چارىسى]ئۇ تاپقان پۇل مېنىڭ دەپ قارىماڭ، بەلكى ئۇنىڭغا بىز مۇشۇ ئۆينى دەپ پۇل تاپقان، بۇ پۇللارنى ئۆيگە ئىشلىتىمىز دېگەنلەرنى تەكىتلەپ تۇرۇڭ. كۆپ قىسىم ئەرلەر ئائىلىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچان كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىڭىزنىڭ پۇلى خۇددى سىقىمىڭىزدىكى قۇمغا ئوخشايدۇ، قانچە كۈچەپ سىقسىڭىز قۇم ئالقىنىڭىزدىن شۇنچە كۆپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق بوش قويغان ياخشى، شۇنداق قىلغان چېغىڭىزدا ئۇ سىزدىن پۇل يۇشۇرۇپ يۈرمەيدۇ.
خىيالى تەسەۋۋۇر (9)ئەگەر ئارىمىزدا بىرىمىز ئاغرىپ قالساق ئىككىنچى بىر تەرەپ چۇقۇم ھىچنىمىگە قارىماي ئۇنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولىمىز.
[ئەمەلىيەت]سىز گەرچە قىزىپ ئاغرىپ قالسىڭىزمۇ يولدىشىڭىز ئوخشاشلا سىرتقا چىقىپ كىتىپ، تاماشىسى تۈگىگەندە ئۆيگە كەچ قايتىدۇ.ھەرقېتىم يولدىشىڭىز كىچىككىنە ئاغرىق ئۈچۈنمۇ ۋايساپ، قاقشىغاندا سىز بىزارلىقىڭىزنى يۇشۇرالمايسىز، ھەتتا تېخى سىزدە ئۇنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش خىيالىمۇ پەيدا بولىدۇ.
[قۇتۇلۇش چارىسى]ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنى ناھايىتى مۇكەممەل دەپ ئويلىماڭ. سىز ئۆزىڭىز باققان كۈچۈك ئاغرىپ قالغاندا ئىچ ئاغرىتىپ ياش تۆكىسىز، ئوخشاشلا ئۆزىڭىزنىڭ يولدىشىڭىزغىمۇ بۇ خىل ھېسداشلىقىڭىزنى ئايىماڭ. ئۇ ئاغرىپ قالغاندا مەيلى روھى جەھەتتىن بولسۇن ياكى جىسمانى جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقەتەن ئاجىز بولىدۇ.
مەنبە--ئۆز تەرجىمەم ئەقىدە سىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر!
ھەقىقىي بىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تەرجىمە ئىكەن، سۆزلىرى بىر-بىرىگە شۇنداق باغلاشقان، ھەقىقەتەن تۇرمۇشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ئىشلارغا بىر نىمە دېمەك تەس، قانداقلا بولمىسۇن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل- چارىلەر بىلەن ئۆز تۇرمۇشىمىزنى، بەختلىك ئائىلىمىزنى قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك! مانا بۇ بىزنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ غەلبىمىز! گۈلسەنەم ناھايىتى توغرا ئېيىتىدۇ،ئەڭ ياخشى ئۇسۇل- چارىلەر بىلەن ئۆز تۇرمۇشىمىزنى، بەختلىك ئائىلىمىزنى قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك! رەخمەت سىزگە ئەقىدە،تەرجىمىڭىزدىن كوپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.بىراق يەنە تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتىن قورقۇپمۇ قالدىم.:o
[ dilnaz بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:14 دە تەھرىرلىگەن. ] مەن دائېم تەسەۋۋۇر (5)دىكىدەك ئويلايتتىم،بىراق تېخى توي قىلماي تۇرۇپلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى سىردىشىشنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى ھېس قىلىۋاتىمەن.بۇ خىزمەت بىسىمىدىنمىدۇ؟:L مەن بۇرۇنلاردا بۇنداق تەسەۋۋۇرلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلىپ باقماپتىكەنمەن. چۈنكى مەن ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم بىلەن بىللە بەخىتلىك ئۆتۈشنى تەسەۋۋۇر قىلمايىتتىم.مەن باشقىچە غايەنى، نىشاننى، ئارزۇلارنى قىلاتتىم. تا مۇشۇ كۈنگە كەلگىچە بۇ ئارزۇنى بىرەرسىگە دەپ باقماپتىمەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھنىڭ مېنىڭ شۇ ئارزۇيۇمغا يېتىدىغان يولنى ئوڭاي قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن. سىز ئەرلەرنى بەك چۈشىندىكەنسىز جۇمۇ . تەسەۋۋۇر باشقا، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق باشقا، شۇڭا يەنىلا رېئاللىققا يۈزلىنىپ، كۆز ئالدىمىزدىكىنى قەدىرلەپ، قەدىرلىنىپ ئۆتەيلى!! بىز بويتاقلا يادلىۋالساق بولغۇدەك تىمكەنغۇ بۇ...........
بەزې جايلىرې مەن ئويلغانغا ئوخشاشكەن....
توي قىلغاندا ئاللاھ خالسا بولغۇسې ئايالىم بىلەن ئىناق ئائلە قۇرۇشقا تىرشمەن. ياخشې يېزېپ سز ئاللا قولېڭزغا دەرت يەتمېسۇن
بەت:
[1]
2