خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:30:14

نوقسانلىق ئانا بالىلارنى نابوت قىلماي قالمايدۇ.

1. بومبا خاراكتېرلىك ئانا، ئۇ خۇددى بىر قەرەللىك بومبىغا ئوخشاش، بالا خاپاقىلغاندا ياكى گېپىنى ئاڭلىمىغاندا، بومبىغا ئوخشاش پارتلايدۇ. مەيلى چوڭ ياكىكىچىك ئىش بولسۇن بىر مەيدان "دۇنيا ئۇرۇشى" نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  
2. سېلىشتۇرۇشقا ئامراق ئانا ، بۇنداق ئانا دايىم باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆز بالىسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، بۇ تۈردىكى ئانىلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بۇ بالىلارغا ناھايىتى ئېغىر كېلىدۇ.   
3. ھەپتە ئاخىرىدىكى ئانا، بۇ، باللىرى پەقەت ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىلا كۆرەلەيدىغانئانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى كۈنلەردە ئانا بولغۇچى خىزمەت ئۈچۈن، بالىسىنى ئاتا-ئانىسىنىڭئۆيىگە، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە تاشلاپ قويىدۇ، ھەپتە ئاخىرى بولغاندىلا ئۆيىگەقايتۇرۇپ كېلىدۇ.   
4. ئايرىلماس ئانا، بالىنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى ئانىغا بەش قولدەك ئېنىقبولۇپ، بالا نەدە بولسا ئانا شۇ يەردە تەييار بولىدۇ.  
5. جىددىچان ئانا ، بۇ تۈردىكى ئانىلارنىڭ نېرۋىسى سەزگۈر كېلىدۇ، پەقەتبالىدا ئانچە-مۇنچە ئىش كۆرۈلۈپ قالسىلا، جىددىيلىشىپ بولالماي قالىدۇ. بالا ئىمتىھانبەرسە، ئۇ بالىسىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
6. قالايمىقان ئانا ،بۇ خىلدىكى ئانىلار بازارغا نەرسە-كېرەك ئالغىلى چىقىپقالسا، ئۆيىگە قايىتقاندىلا بالىسىنى بىللە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنىئېسىگە ئالىدۇ.
7. ۋاتىلداق ئانا ،بەزىدە ئانا بولغۇچى ۋالاقلىمىسا ئانىغا ئوخشىمايقالىدىغاندەك بولغاچقىمىكىن، "ۋاتىلداش" ئادەتتە ئانىلارنىڭ ئورتاقئالاھىدىلىكى. لېكىن، ۋاتىلداش چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بالا بېشىنى لىڭشىتىپ قويغانبىلەن، خىيالى باشقا ياققا كەتكەن بولىدۇ.
8. سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئېتۋار قىلمايدىغان ئانا.  بۇ تۈردىكى ئانىلار، پەقەت قەلىپ گۈزەللىكىگىلا ئېتۋارقىلىپ، سىرتقى گۈزەللىككە سەل قارايدۇ. ھەر ۋاقىت، چوڭ-كىچىك سورۇن بولۇشىغا قارىمايبىر خىل كىيىنىش بىلەن يۈرۈيدۇ، نومۇسچان بالىلار بۇنداق ئانىلار بىلەن سىرتقا چىقىشتىن ئەيمىنىدۇ.  
9. ماقۇلچان ئانا ،بالا ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىشنى تەلەپ قىلسا، بۇنداقئانىلار سىرتتا بىر مىنۇتمۇ ھايال بولۇشقا جۈرەت قىلالمايدۇ. بالا بۇنى ئالىمەندېسىمۇ، ئۇنى ئالىمەن دېسىمۇ، ماقۇل دەيدۇ. بۇنداق ئانىلارنىڭ لۇغىتىدە بالىسىغانىسبەتەن "ماقۇل" لا بار.  
10. بالىسىنىڭ داڭلىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىدقىلىدىغان ئانا ،بۇنداق ئانىلار، ھەپتىنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە، بالىدىنبىر نەرسە ئۈگىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ.  
11. جۆرىسىز ئانا ، بۇنداق ئانا تەربىيىلىگەن بالادا  بىر تەرەپلىمە قاراش ئېغىر بولىدۇ.
12. خىزمەت مەستانىسى خاراكتېرىدىكى ئانا بالا بىلەن كارى يوق خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنىلا ئويلايدۇ.
13. "مەڭگۈ" لىك ئانا ،بالىسىنى مەڭگۈ كىچىكبالىدەك قاراپ، ئۇنىڭ مۇستەققىل تۇرمۇشى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلالمايدىغان ئانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:25:36

ۋاي-ۋۇيييييي ئادەمنى نىمانداق قورقىتىدىغاندۇ :funk: :funk:

ayqiz يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:28:57

ئاللا ئۇ كۈنلەرنى بىزلەردىن يىراق قىلسۇن .
مېنىڭ قوشماقلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي مەن بىر ئەمەس ئىككى .........:'( :'( :'(
5. جىددىچان ئانا ، بۇ تۈردىكى ئانىلارنىڭ نېرۋىسى سەزگۈر كېلىدۇ، پەقەتبالىدا ئانچە-مۇنچە ئىش كۆرۈلۈپ قالسىلا، جىددىيلىشىپ بولالماي قالىدۇ. بالا ئىمتىھانبەرسە، ئۇ بالىسىدىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
10. بالىسىنىڭ داڭلىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىدقىلىدىغان ئانا ،بۇنداق ئانىلار، ھەپتىنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە، بالىدىنبىر نەرسە ئۈگىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ.

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:22:34

ئەمسە قانداق قىلىش كېرەك؟:o

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:04:24

6. قالايمىقان ئانا ،بۇ خىلدىكى ئانىلار بازارغا نەرسە-كېرەك ئالغىلى چىقىپقالسا، ئۆيىگە قايىتقاندىلا بالىسىنى بىللە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنىئېسىگە ئالىدۇ.
شۇنداق بىرىنى بىلەتتىم مەن ، بالىسىنى چوڭ بازاردىكى ئىچ كىيم ساتىدىغان پۇكەيگە تاشلاپ قويۇپ بازار ئايلىنىپ : ۋىيەي ، قولۇمدا بىر نەرسە بارتىغۇ دەيمەن دەپ ...;P كەينىدىن ئېسىگە كېلىپ بېرىپ تېپىۋالغىنىنى :L :lol
بەت: [1]
: نوقسانلىق ئانا بالىلارنى نابوت قىلماي قالمايدۇ.