سىرلىق شەخس ئىپارخان ھەققىدە
سىرلىق شەخىس ئىپارخان ھەققىدەگۈزەللىكى بىلەن كىشى ئەقلىنى لال قىلسا، باتۇر ۋە قەيسەرلىكى بىلەن دىللاردا ھۆرمەت ۋە قايىللىق تۇيغۇسى ئويغاتقۇچى ئۇيغۇر قىزى ئىپارخان 18-ئەسىردە شىنجاڭدا ئۆتكەن چوڭ - كىچىك خوجىلاردىن خوجا جاھاننىڭ ئايالى. ئاپپاق خوجىنىڭ ئەۋلادى، بەزى تارىخىي كىتاپتا ئىپارخاننى ئەسلى ئىسمىنىڭ ئەلانۇر خېنىم ياكى مەمۇرى ئەزەم ئىكەنلىگى يېزىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىپارخان لاتاپەت بابىدا تەڭداشسىز گۈزەل بولغانلىقى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن «ئىپارخان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.جەڭگە ماھىر بۇ گۈزەل باتۇرلۇقتا داڭ چىقارغان خوجا جاھانغا ياتلىق بولغان. 1760-يىلى شىنجاڭدىكى ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن بولغان خوجا بۇرھانىددىن بىلەن خوجا جاھان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەن چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن. ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرىق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، خوجا جاھان ئۆلتۈرۈلگەن. .ئىپارخان بولسا ئەسىر سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىپارخاننىڭ گۈزەللىكىدىن ھەيرانۇھەس قالغان چيەنلۇڭ خان ئىپارخانغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئىپارخاننىڭ خان ئوردىسىغا كەلگۈچە بولغان ھاياتى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەر بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر تارخ مەنبەلىرى ۋە ناھايىتى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخنامىلىرىدىن مەلۇمكى، يۈرت- قەۋمىدىن، ئېرىدىن ئايرىلغان ئىپارخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن خانغا قاتتىق ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئارزۇسىدا يېنىدا پىچاق ساقلاپ يۈرگەن. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش، ئۇنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ۋە يۈرتىنى سېغىنىش ئارزۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈ ن چيەنلۇڭ خان خىلمۇ -خىل چارىلەرنى ئىشلەتكەن. ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر پاسۇندا ئىمارەت سېلىپ ، ئۇيغۇر مەھەلىسى بىنا قىلغان. لېكىن ئىپارخان نىيىتىدىن ھەرگىز يانمىغان.چيەلۇڭ خاننى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ۋە يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەرنى كۆرسىتىپ:«ئەل - يۇرتۇم خانىۋەيران بولدى، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن، ئىنتىقام ئالماي قويمايمەن»، دېگەن. چيەنلۇڭ خان يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمىگەن. ئىپارخان خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەن خان ئانا چيەنلۇك سىرىتقا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىپارخاننى ئۆلتۈرىۋەتكەن. گەرچە كېيىن بەزى ۋەقەلىكلەر قوشۇلۇپ ئىپارخان ھەققىدىكى بايانلار رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ نەسىبى، كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، خەنزۇ تارىخ مەنبەلىرىدە بىردەكلىككە ئىگە يۇقىرىقى بايانلار ئىپارخانىڭ ھەقىقىي ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدۇر. 1914-يىلى ئاسارە - ئەتىقىلەر ئورنى پىڭتيەن خان سارىيى مۇزېيى ۋە چىڭدۇڭدىكى يازلىق ئوردىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن ئاسارە ئەتىقىلەر ئارىسىدا ئون نەچچە ساھىبجامال قىزنىڭ ماي بۇياق رەسىمى بار بولۇپ، بۇلارنى چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە، ئوردىدا ياللاپ ئىشلەتكەن ئىتالىيىلىك رەسسام رومبىرانت سىزغانكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىيچە ياسانغان، ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمى «يۈدى سارىيى»نىڭ غەربىي ھۇجرىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. رەسىمنىڭ ئاستىغا «ئىپارخان__ غەربىي دىيارلىق ۋاڭنىڭ مەلىكىسى...» دەپ يېزىلىپ، ئىپارخاننىڭ ھاياتى يۇقىرىقىغا ئوخشاش يوشۇندا قىسقىچە بايان قىلىنغان. شۇنداقلا ئاخىرىغا يېقىنقى زامان خەنزۇ شائىرى شى يىننىڭ جوڭخۇا مىنگونىڭ 7-يىلى بۇ رەسىمگە يازغان بېغىشلىما شېئىرى قوشۇپ قويۇلغان. ئۇ شېئىر تۆۋەندىكىچە:
ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن،
سېغىنىپ ئۆز يۇرتىنى چەكسىز مېھىر- شەپقەت بىلەن. ...
تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆز يۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن.
قاقشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بۇغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
بىيجىڭ تىياتىرى ۋە دراما ساھەسىكىلەرنۇ بۇ بايانلارغا ئاساسەن «ئىپارخاننىڭ غەزىپى»،«ئىپارخان» ناملىق تىياتىرلارنى ئوينىغان. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە «ئىپارخان»ناملىق بىيجىڭ تىياتىرى ئوينالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىپارخان خوجا جاھاننىڭ ۋاپادار ئايالى، پادىشاھقا تىز پۇكمىگەن قەھرىمان، قەيسەر ئايال سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاتاقلىق خەنزۇ شائىرى يەنچېڭ ئىپارخان ھەققىدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان.
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا.
گۇپۇلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا.
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
قەشقەردىن چىققاندى بىر ئۇيغۇر قىزى.
ئىسمىدۇر ئىپارخان ، گۈزەللىكتە ئۇ،
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى.
بوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى،
- ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.
مەنبە: شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ
ئاپتورى: نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئىپارخاننىڭ ھاياتى توغرىسىدا خەنزۇچە مەلۇماتلاردا باشقىچە پىكىر بايان قىلىنىدۇ.
ئىپارخان يۇڭجىڭنىڭ 12-يىلى (1734-يىلى) 9-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ جەمەتى زەرەپشان بويىدىكى خوجىلاردىن بولغان.
ئىپارخاننىڭ ھاياتى توغرىسىدا چىڭ سۇلالىلىرى تەزكىرىلىرىدە ئىپارخان 1760-يىلى 27 يېشىدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا كىرگەن، بىر يىلدىن كېيىن خان ئانىسىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇنىڭغا ئوردىدىن يۇقۇرى مەرتىۋە بېرىلگەن. 1768-يىلى خاننىڭ پەرمانى بىلەن ئىپارخانغا خانىشلىق مەرتىۋىسى بېرىلىپ، رۇڭ خانىش دەپ ئاتالغان.
1778-يىلى ئىپارخاننىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ، چىيەنلۇڭنىڭ خانىشلىرى ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرغان . (تارىختا چىيەنلۇڭنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن 6 ئايال بولغان).
1788-يىلى ئىپارخان 55 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولغان ھەم شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى خان جەمەتى قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان.
يۇقارقى مەلۇماتلارغا يەنە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى، چىيەنلۇڭنىڭ ئانىسى (خان ئانا) 1777-يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئىپارخان ۋاپاتىدىن 11 يىل ئىلگىرى بولغان.
مانا يۇقۇرىقىلار چىڭ سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە خاتىرىلەنگەنلىرى ئىكەن. بۇ ماتىرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى مەلۇماتلاردىن كۆرەلەيمىز.
بۇنىڭدا يەنە ئىپارخاننىڭ ئوردىغا كىرىشتىكى سەۋەبىنىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى شەرھىيلەنگەن .
مەنبە : http://www.china.com.cn/culture/ ... tent_15879923_2.htm
[ saye بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:38 دە تەھرىرلىگەن. ] تارىخ بۇرمىلانماسلقى كىرەك . دەرۋەقە ئىپارخان ھەققىدىكى تارىخى مەنبەلەر ھەر خىل يوسۇندا بايان قىلىندى، قايسىسىنىڭ ھەقىقىي تارىخ ئىكەنلىكىنى ئادەم بىلىپ بولمايدۇ، ھەتتا بىز چىنلىق ئاساس قىلىنىدۇ دەپ ئېنىقلىما بېرىدىغان تارىخى رومانلاردىمۇ بۇ بىر پىرسۇناژ ئوخشىمىغان ئىككى خىل خاراكتىردە گەۋدىلەندۈرۈلدى، «بەخىتسىز سەئىدىيە» رومانى بىلەن «جاللات خېنىم» رومانىنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بىلەلەيمىز. ئۇنۋىرسىتتا چاغلىرىمدا ئىپارخان توغرۇلۇق يېزىلغان خەنزۇچە روماننى ئوقىغىنىم ئىسىمدە .... ئىپارخاننىڭ ئوردىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاشىقى دادىسى بېقىۋالغان بىر خەنزۇ يىگىت ، ئۇرۇشلاردا خەنزۇ پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىغا كۆپ ياردەملەر قىلغىنى ئۈچۈن ئوردىغا نامى تارالغان ۋە پادىشاھنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ شاھ ئوردىسىغا كىرىش شەرىپىگە ئىرىشكەنمىش .... كىيىن ئوردىدىكى باشقا خانىشلار بىلەن ھۇقۇق ۋە ئۇرۇن تالىشىشلارغا قانتناشقانمىش .... ئۇ كىتاپتا ئاخىرىدا قانداق ئۆلگىنىنى ئۇنۇتتۇم ، ئەمما بۇ بۇرمىلانغان تارىختىن قانچىلىك يىرگەنگىنىم ئىسىمدە ......
تارىخى كىتاپلارغا بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىشى كىرەك ، پەرەز ۋە تەخمىنلەرگە " چىن تارىخ ئەمەس "ياكى " پەرەز " ددەپ ئەسكەرتىلىش لازىم ... تارىخ بۇرمىلانماسلىقى لازىم .......
ئادەمگە قانداق قاراشقا كەلسەك تۇرغان ئورنىمىزغا ۋە نىمىنى ئاساسى ئۇرۇندا تۇرۇپ قارىغىنىمىزغا بېقىپ تارىخى شەخسنىڭ ئورنىمۇ ھەرخىل بوپ قالىدۇ ، بۇ تەبىئىي ئەھۋال .... ئەمما ئۇنۇتمايدىغىنىمىز ۋە ئىشىنىدىغىمىز ، ئىپارخان باتۇر ۋە گۈزەل شۇنداقلا ۋىجدانلىق بىر قىز ، ئۇ تارىخىمىزنىڭ گۈزەل بەتلىرىرىدىن ئۇرۇن ئېلىشقا ۋە باتۇر مىللىي قەھرىمانلىرىمىز قاتارىدا ئەۋلاتلىرىمىزغا داستانىي تىللار بىلەن يەتكۈزۈلۈشكە تىگىشلىك ئوبراز .....
بەت:
[1]