شائىرە ئايسىمە ئىدىرىسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
شائىرە،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئايسىمە ئىدىرىس 1971-يىلى 1-ئايدا يەكەن ناھسىيسىدە ئوقوتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1993-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئىنۇستۇتى تىل-ئەدەبىيات پاكۈلتىنى پۈتتۈرۈپ يەكەن پىداگۇكىكا مەكتىپىگە تەخسىم قىلىنغان .ھازىر قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنۇستۇتى فىلۇلىگىيە پاكۇلتىتىدا .ھازىرقى بۇگۇنكى زامان ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقتا ئوقوۋاتىدۇ .يەكەن ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە ئالىي دەرجىلىك ئوقوتقۇچى.شائىرەنىڭ ئىجادىيتى1989-يىلى <<شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتىتى>>گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان <<كىتابىم>>نامىلىق شىئىرى بىلەن باشلانغان .شۇنىڭدىن باشلاپ <<تارىم >>،<<تەڭرىتاغ>>،<<قەشقەر ئەدەبىياتى>><<شىنجاڭ گىزىتى>>،<<ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى>>،<<تۇرپان>>،<<كىرۇرەن>>،<<يەكەن گىزىتى >>قاتارلىق گىزىت-ژورناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شىئىرى 30 پارچىدىن ئارتۇق ئوبزور ماقالىلىرى 10پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان شىئېرى ئىلان قىلىنغان .2001-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن <<مەڭگۈلۈك سىغىنىش>>،2007-يىلى قەشقەر نەشىرياتى تەرىپىدىن <<دىرىزىنىڭ يىنىدىن كەتتىم>>نامىلىق شىئېرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان .<<ئوتتىن ئاتلىغۇچى >>نامىلىق شىئېرى خەنزۇچىغان تەرجىمە قىلىنىپ <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>>ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان .<<شەھەردىكى كەچكى قۇياش>>،<<جەنۇپلۇق قىز>>نامىلىق شىئېرلىرى <<قەشقەر ئەدەبىياتى >>ژورنىلى تەرىپىدىن رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتىغا<<كىچىك كەنىت ناخشىسى>>نامىلىق شىئېررى 3-دەرجىلىك ئاخپارات ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا<<ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن دوستلىرىم>>نامىلىق ماقالىسى <<شىنجاڭ ئاياللىرى>>ژورنىلى تەرىپىدىن 1-دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن .ئەسەرلىرى ھەققىدە كۆپ قىتىم مۇنازىرلەر بولونغان ..شىنجاڭ تىلىۋىزىيسى 5-قانىلى، <<قەشقەر ئەدەبىياتى>> ،<<ئىشچىلار ھەركىتى >>گىزىتى تەرىپىدىن ئىجادىيتى تونوشتۇرۇلغان .ئۆزى كۆپ قىتىم يەكەن ناھىيلىك تەشۋىقات بۆلۈم تەرىپىدىن <<ئىلغار ئىجادىيەتچى>>مۇكاپاتىغا 2008-يىلى <<تۆھپە >>مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن شائىرە ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتى،قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتى ،يەكەن ناھىيلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭگۈ كۆمىنىستىك پارتىيسى 7-قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى .
شېرلار
(ئايسىمە ئىدىرىس)
قشقا پىچىرلاش
مامۇق يوتقانلىرىڭنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
مەن سەندە ئىسىناي دەيمەن.
ئاپپاق قارلىق باغىرىڭدا،
سەندەك گۈزەل
ھاياتىمنى كۈيلەيمەن.
پەرۋازىمغا قانات چىقدۇ،
مۇزلىرىڭدا تېيىلىپ
ئاھ،
نەقەدەر راھەت
يىسە بىر ئوچۇم مۇزنى ئېلىپ،
قار
سنىڭ خوشاللىقىڭ
قار
سنىڭ گۈزەللىكىڭ
مۇز
سنىڭ سۈزۈك دەرىزەڭ
قارايسەن دۇنياغا ئاشۇ
كۆزدىن
باقىسەن دۇنيانى ئەتىيازدىمۇ
يازدىمۇ
مۇزلىرىڭنى ئېرىتىپ،
يوللىرىڭدا
يىقىلىپ تۇرىدۇ ئادەملەر
پات-پات
بەلكىم
تەقدىر بىلەن ئوينىشىدۇ
بۇ ھايات.
قوللىرىڭنى بەرگىنە قىش
مەنمۇ كىيگۈزەي ساڭا يۇڭ پەلەي
ئوراپ قوياي
مۇزدەك بۇينۇڭغا
يېشىل شارپا،
كەيگىن يېشىل خەي.
ئاق ۋە يېشل
قانداق ياراشقان؟!
بىر توپ بالا
ساڭا قاراشقان
سەن سالىسەن ئاڭا
داستىخان
قارلىق تاشلاپ بىزگە
قار بوۋاي
ئۆزى يۈگرەپ قەيەرگە
قاچقان؟!
تۇتىۋالاي قوللىرىڭنى بىر
باغرىڭ سنىڭ چەكسىز
بىپايان
سەن تەبىئەتكە ئەڭ ئىسسىق
يوتقان.
2005.12.9
كۆڭۈل دەردى
گۈللەر ئەۋجىگە قونغۇم كەلدى
كۆڭۈل دەرۋازسنى قاقتىم نەچچە رەت.
ئۆتتى ياز
ئۆتتى كۈز
سارغايدى ياپراق
مەن سىنىڭ ۋەسلىڭگە يەتمىدىم پەقەت.
ئالىمەن قۇلۇمغا ئۆتكۈر پىچاقنى
لىكىن يۈرىكىمنى يېرىۋالغىم يوق
سەن ئۈچۈن قايتا كىم
چىكىدۇ ھەسرەت.
قەلبىمنى تەشسە گەر
ھىجران ئاتقان ئوق.
سەن ئۈچۈن سۆزلىدىم ھەممىلا يەردە
بىر ئۆزۈم ئاڭلىدىم
ئاڭلىدىم پەقەت.
شېئىرىمنىڭ قۇرىغا مۆكتۈرسەم سېنى
بىراۋلا سۆيگۈمگە قىلدى
ھاقارەت.
گۈللەرنىڭ ئەۋجىگە كەلمەكتە چۆككۈم
مەن گۈلدەك سارغىياي، گۈلدەك توزىياي
ئاھ ساڭا سۆيۈلمەك نەقەدەر مۈشكۈل،
مۇشۇتاپ ئۆزۈمگە قالدىم ئوخشىماي.
2005.11.29
ئۈمىت ئۈزمەسلىك
قۇشلار باھار ئىزدەپ كەلدى
ئازاپ يىراقلاپ كەتتى
چىرايلىق قىزلار
مۇرادىغا يەتتى.
مەن مۇرات ئىزدەيمەن
ئىزدىگەنسىرى
ھايات قايناملرىدا ئۆرلەيمەن
بىر دەقىقە
بىر سىكونىت
بىر سائەت
ھايات
سەن قىممەتلىك دەپ
كۈيلەيمەن
ئۆمۈر گۈلخانىمنى چوغلايمەن.
كۈتمەيمەن
بىراۋلاردىن ھىچنېمە
دوستلۇق
كۆكلەر يۈرىگىمدە جىممىدە
ئاق كۆڭۈللۈككە شاخ تاشلىغان
تىرشىچانلىققا
ئۆزۈمگە نەزەر سالىمەن
كۈندە...
زىمنستانلار ئېرىدى
پورەكلىگەن چېچەك ئارا.
ھايات
سۆيۈملۈك كېچىدە
ئايلىنىپ كەتتى يۇرۇق يۇلتۇزغا.
ھاياتلىق ئۈزۈلمەس
ئەقىدە كۆيمەس
ھاياتلىق
نۇر چاچىدۇ يۇلتۇزدا
باھاردىكى
يۇمران چېچەك، نوتىدا...
قۇشلار
باھار ئىزدەپ كەلدى
ئازاپ يىراقلاپ كەتتى
مەن شېئىر قوينىدا
چوغدەك ئۈمىدنى تېڭىپ باغرىمغا
قايتىپ ئاياللىقىمقا
شېئىر يازىمەن
ئىسسق نەپىسىمدە
نۇر تارتىمەن،
ھەربىر يولۇمغا.
2005.5.20
ئۈرۈمچىدىكى بىر شائىرغا ئاتاپ
يۈرىكى كۆيۈپ تۇرغان
ھەقىقەتنى
تۇنۇپ تۇرغان.
مسرالىرى ئۆزىدەك ھالال
تۇمۇرىدا ھايات ئېقىنى .
قەلەم بىلەن ئەمەس
شېئىر يازىدۇ
قارچۇقىدا
قېنىغا چىلاپ
تۇرمۇشنىڭ
ئەڭ ئېغىر مۇشەقىتىنى .
ئۇ
كۆيىدۇ
ئۇ كۆيدۈرىدۇ
مىڭ ئەركەك يىغلايدۇ
شېئىر ئىشقىدا.
ئوۋچىغا تۇتۇقسىز
قەيسەرلىكى بار
قۇرلارغا تۆكۈلگەن
ھەسرەت دېغىدا.
ئۇنتۇيدۇ.
دۇنيانىڭ ئەسكىلىكىنى،
مىسرالار ئەۋجىگە
چۆككەندە تىنماي.
بىر ئايال بولسىمۇ
نازۇك،
زىبالىق
ھايات قىيناقلىرىغا
ئېتىبار قىلماي
رەيھانغا ئاي قوشۇپ
پارلاتقىنى راس.
سۇغۇق باھاردىن
چىقتى سۇغۇلۇپ.
قاراڭغۇلۇقتىن بەرۋايى
پەلەك
چۇدۇندا بىۋاقىت
كەتمەيدۇ سۇلۇپ.
كومپيۇتېر
سۆزۈك تۇرمۇشقا
كۆنۈپ كەتتى
ئاستىلا.
شېئىر چاقىرىپ ئۇنى
كۈنۈ-تۈن.
باھار قارلىغاچلرى
مەردانلىكى بىلەن
قەلىپ قەسىرىدە
ئەيلىدى جۇلا.
بىر شائىرە ئۇ
يۈرىگى كۆيۈپ تۇرغان
چىن تۇرمۇشقا كۆنۈپ
تۇرغان.
شېئىر يۈرىكىدەك
يېرىم دۇنيادا
گۈپۈلدەپ
سۇقۇپ تۇرغان.
2005.5.29
شائىر بىلەن ئۇچىرشىش
ئۇيغۇر ئاۋازىنى تۇنۇدى يۈرەك
ئادىل تۇنىياز بىلەن ئۇچراشقان كۈنى.
شىېئىر بىلەن كىرىپ كەلدى قەلبكە،
شېئىر يازمىسىمۇ قولى.
قەلىمى.
بىر دەستە قەغەر
بىر دەستە گۈلدەك
باھار سوۋغا قىلدى
ئۇيغۇر شائىرغا
ئاشخانا ئىچىدە سېلىشقان پاراڭ،
تەڭلەشتى ئېھتىمال
مىڭ مسرا شېئىرغا.
دەرىزە سىرتىدا
يوغان قۇلاق گۈل،
شائىرنى تۇنۇيدۇ
ئۇمۇ ئېھتىمال.
بۇرۇتلۇق كۈتكۈچى
سەمىمى تىلدا
سۇنماقتا تاماقنى
ئۆزىدەك ھالال.
لازا يىمەيدۇ ئۇيغۇر شائىرى
لەغمەنگە، ئۈگرىگە ئشتھاسى بار
شېئىر يازمىسىمۇ بىر مەزگىل
بۈگۈن
شېئىر ئچىىدە يۈرىگى ياشنار.
ئۈچ ئايال بىر شائىر
تارتىنىش ئىچىدە.
ئۈرۈمچى قەلبىدە دۈپۈلدىمەكتە.
ئىشتىھا بىلەن يىيىلگەن تاماق،
ئەتىكى شېئىرغا بەردى ئەقىدە.
تەرلەتكەن چايلارنىڭ تەمى بەك ئىسىل.
ئۇيغۇر شائىرى
سۈمۈرەر تىنماي.
ۋاقىت قېنىدا ئاققان ئۇيغۇرغا،
نۇر بىلەن پاكلىقنى
سۇۋغا قىلدى ئاي
2005.5.29
يۈگۈرمەكتە ئالدىمدا كۈنلەر
مەن
ئېسلىپ قالدىم ۋاقىت شېخىغا
چىقالمايمەن
يا چۈشەلمەيمەن.
قۇشلار سايرايدۇ باش ئۈستۈمدىلا
گۈللەر يەلپۈنەر
ئاياغلىرىمدا
قوشلارنى ھىس قىلار قولىقىملا
گۈللەر پۇرىقى دىمىقىمدا.
قوش پېيى تۇزۇيدۇ
گۈللەر قۇرۇيدۇ
لىكىن قۇرۇمايدۇ
ۋاقىت پەقەتلا.
ۋاقىت
يۈگۈرمەكتە ئالدىمدا
ھاردى قۇياش
بۇلۇت كەينىگە
قىزارتتى شەپەق.
قاراڭغۇلۇق
جامالىنى يايدى
قارا ئەينەكتەك
مەن
ئېسلىپ تۇرىمەن
ۋاقىت شېخىغا
ئاي
باشلاپ كەلدى ۋاقىتنى ئاستا،
يۇلتۇزلار بىر تاتلىق چىمىرلاشماقتا،
تۇمۇزغىلار چىرىلدىماقتا
ئىتلار ھاۋشىغان جايدىن
ھاياتلىق
كېچىدىمۇ بولىدۇ پەيدا
سەھەر
يۇيۇندى سەمىمى
پاكىز دۇئادا.
80 ياشلىق چال
ماڭىدۇ مەسچىتكە
تايىنىپ ھاسا.
نەۋرىسى داۋامى ئۇنىڭ دۇنىيادا.
مەن
سەھەرگە قول سوزالمايمەن
گۈللەر بىلەن ئېچىلالمايمەن
شەبنەملەردەك سۈزۈك كۆز ياشتا
قۇياش ئۈچۈن ياكى ئاي ئۈچۈن
ياكى
غايىپ بولغان
يۇلتۇزلار ئۈچۈن
ياش تۆكەلمەيمەن.
ھەسرەتنىڭ بىر ئۇچى ماڭا باغلانغان
نادامەت تورلىرى ماڭا تاشلانغان
مەن ئېسلىپ تۇرۇپ ۋاقىت شېخىغا
پۇشايمان كىتاۋىنى
ۋاراقلايمەن قايتا-قايتا.
ۋاقىت يۈگۈرمەكتە ئالدىمدا.
2005.8.26
يارىلانغان قۇش
ئاپپاق پەي تۇزىدى گۈزەل ئاخشامغا
دەرەخنىڭ شېخىدا قان رەڭلىك ھەسرەت.
سايراشنىڭ ئېسدە ئاخىرقى كۈتۈش
شەبنەمسز، قاناتسىز بۇندا مۇھەببەت
كۈنلەرنىڭ لىۋىدە ئاچچىق ئېچىرقاش
ۋىسالغا يىتەلمەي يىغىلار ناتىۋان.
ئوۋچىنىڭ توزىقى ئالدامچى ھستا،
ئازغان بىر قوش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ داستان.
بىر ئۇمىت، بىر ۋىسال ھەممىسى ھوردەك.
بۇلۇتلار سېغىنىپ پۇلاڭلىتار قول.
قورغاق بۇ كوچىنىڭ ئاخىرى قېنى؟!
يارىدار قەلىپكە بارمىكىنە يول؟
قىزىمنى سېغىنىپ.....
سەھەر بىلەن پىچىرلىشىمەن تاڭلار بىلەن قول باغلىشىمەن،قۇشلار تاشلاپ ئۆتكەنپەيلەرگە شەبنەم بولۇپ تۆكۈلىمەن،شاماللارغا ئەگىشىپدەرەخلەر بىلەن تەگىشىپيوپۇرماقلارغا باغرىمنى يېقىپ قاقشال بولۇپ،زارلىنىپگۈلخان بولۇپ كۆيىمەن. كۈز قوللىرى بەركەتلىك،كۈنلەرمۇ ھەم ھىممەتلىك،ھەر بىر كۈنغۇ سۈلكەتلىك، ۋىسالسىز ئاغرىنىمەن. ئوينىڭ باغرى بوش قالدى،قاچىلاردا ئاش قالدى، باغرىمىزدا تاش قالدى، يۈرەكلەردە ياش قالدى، تېلىفۇن سىمدا ھارارەت، ساقلىق ئۈچۈن ئىبادەت،يۈرەكلەردە مىڭ بىر دەرت، بۇلبۇلدەك ز ارلىنمەن.شاماللارغا ئەگىشەي، ھىدىمنى يوللۇق ئېتەي،يۇلتۇز بولسۇن كۆزلىرىكېچىنى سۆيۈپ ئۆتەي كەلگىچە كۆيۈپ ئۆتەي.....
2010-يىلى9-ئاي 18-كۈنى
مەنبە:بىلقۇت تورى
[ otkankunlar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:57 دە تەھرىرلىگەن. ] ھارمىغايسىز ئۆتكەن كۈنلەر ئەپەندىم، شائىرەمىزنىڭ تارىخىنى يوللاپ قالماي تېخى ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىمۇ ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز! بۇ ھەدىمىزنىڭ شىئىرلىرىغىمۇ بەك ئامراق مەن....چىن تۇرمۇشقا بەك يېقىن يازىدۇ ....
تىنچ ھاياتنىڭ "ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ" دىگەن تىمىسىنى كۈرىۋېتىپ بۇ ھەدىمىزنىڭ " ئۈرۈمچىگە تۇققان يوقلاش "دىگەن شىئىرى ئىسىمگە كەلگەنتى .....
قۇرۇلتاي ۋەكىلى بوپتۇ دەڭ .... ھىم .
ھەدىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە مول - مول ئىلھام ، تۇرمۇشىغا مول - مول خاتىرجەملىك تىلەيمەن ..... بۇ شائىرەگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. چوغلان مۇنبىرىنى ئايلىنىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا كۆڭۈل قەسىرىمدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغانىدى. ئايسىمە ھەدىمىزنى يەتتە قىزلىرىمغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىرسەك بولاتتى. بۇ ھەدىمىز بىلەن قايسىڭلار تونۇشىسىلەر؟
قار ياغماقتا
قار
سەن نەقەدەر ئاپئاق
پۈتۈن كائىنات پاكلىق كەبى
قۇياش چىقتى
ئاقلىق ئاستا-ئاستا ئېرىپ تۈگەي دېدى
قەلبلەردىكى پاكلىقمۇ يوقالماقتا
بەت:
[1]