تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ تەرجىمھالى
http://www.uyghurlar.tv/wp-content/uploads/2011/02/tursunay-huseyin1.jpgتۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ «جىنەستە»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «گۈلنىھال»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق» قاتارلىق 15 پارچە شېئىر، داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى»، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
مەنبە:تور دۇنياسىدىن باھاردىكى ئارزۇ
-تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن-
بەئەينى سۈت كەبى ئاقاردى ئۇپۇق،
يېشىلدى كېچىنىڭ تۈگمە پەتلىسى.
يالتىرار تاغلارنىڭ بېشىدا تاجى،
قىيالار يېپىندى خوتەن ئەتلىسى.
مۇدھىش سوغ سۈرمەككە بۇندىن
ئويناتتى پەلەكتە قۇياش زۇلپىقار.
ئويغاتتى ئۇيغۇلۇق جانلارنى دەرھال،
قۇت بەردى،كۈچ بەردى،بەردى ئىختىيار.
ئاھ،جۇشقۇن بىر سادا بۇزدى سۇكۇنات،
جىسمىمنى ئۇيغۇدىن ئويغاتتى تۈرتۈپ.
گوياكى ياش قىزدەك ئۇپۇققا باقتىم،
ئارزۇ ۋە ئۈمىدتە ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ.
ھەيۋەتلىك،مۇقەددەس تەڭرى تېغىنىڭ
ئاھ، مەغرۇر بېشىدا قارلار يالتىرار.
ئەسىرلەر چاقنىغان تەكلىماكانغا
جان ئاتا قىلماققا تارىم ئالدىرار.
تومۇردا دەريادەك ئۇرغۇدى قېنىم،
قۇياشقا شادلىقتا قىلدىم ئىلتىجا.
مەن كۆرەي قۇملۇقنىڭ چېچەكلىشىنى،
شىجائەت شەرنىتىن قىلغىن تەنگەجا.
1996-يىل،مارت
قاقاس تاغلار-تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن-چاچماس قۇياش نۇرىنى ئوخشاش،يۈرىكى قان،كۆزلىرى ياش.ئاھ دېگەندە ئۆرلىسە يالقۇن،ئېرىپ كېتەر باغرىدىكى تاش.كۆزلىرىنى چاقنىتىپ ھەريان،كۈنگەي ياقتا بەرق ئۇرار ياز.ۋۇجۇدىنى تۇرار مۇزلىتىپ،تەسكەيلەردە تېخى قىش-ئاياز.سېخىيلىقتا ھاتەمگە ئوخشاشدەريالارنىڭ ئىشى ئالدىراش.قار سۇلىرى ئاقار يىراققا،ئاھ، بۇ تاغلار تېخىچە قاقاس.مەنبە:تارىم ژۇرنىلىدىن مەرھۇمەنىڭ ياتقان يېرى جەنەتتە بولسۇن! بىر چاغلاردا بۇ ھەدىمىزنىڭ خېلى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم ، گەرچە ئۇ ئەسەرلەر ئېنىق ئىسىمدە قالالمىغان بولسىمۇ ھەدىمىزنىڭ نامى دىلىمدا قالغان ....
ھەدىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ، بىز ئۇنى شۇ ئۆچمەس ئەسەرلىرى بىلەن قۇشۇپ ياد ئىتىمىز ..... بۇ شائىرەنى تونۇمايدىكەنمەن. ۋاپات بوپ كەتكەنمۇ؟ بۇ تېمىنى يوللىغان توردىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!
مەن تۇرسۇنئاي ھەدىمىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا تۇنۇشقان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە دوستانا باردى-كەلدىلەردە بولۇپ،ياخشى مىجەز-خۇلق،ئاقىلانە پىكىر،ئوتتەك ئىجادىي قىزغىنلىق قاتارلىق پەزىلەتلىرىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنمەن.تېپىلغۇسىز ئېسىل خانىم ئىدى،ئىجادىي ئەمگەكلىرى مول ئىدى.2007-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلغاندا ،خۇددى يېقىن تۇققىنىمدىن ئايرىلغاندەك قاتتىق قايغۇرغان ئىدىم.ھازىرمۇ ئۇ ئالەمگە كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،لېكىن بۇ ئەمەلىيەت. رىئاللىق شۇنداق رەھىمسىز ئىكەن. ھەدىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
مول-ھۇسۇللۇۇق بۇ شائىرەمىز ئۆزىنىڭ مول ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ! تۇرسىنئاي ھەدىمىز ئاياللارنىڭ پەخىرى ئىدى، ئۆز قەلىمى بىلەن باشقىلارغا ھۆزۇر بېرىپلا قالماي، ئۆز ھاياتىغىمۇ گۈزەل قەسىدىلەرنى پۈككەن ، ھەممىمىز ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مول- ھۇسۇللۇق يازغۇچى ئىدى، ئەسەرلەرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم!!!! ئەپسۇس.....ھەي تەغدىر......
ئەمدى مەرھۇمەنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن دېگەندىن باشقا نېمىمۇ دېتەلەيمىز؟!
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر!!!
بەت:
[1]