ئانا تىلىمىزنى ئۆگەيلىمەيلى
http://bbs.elqut.cn/attachment/thumb/Mon_1012/83_1_8cc970fe631387d.jpghttp://bbs.elqut.cn/attachment/thumb/Mon_1012/83_1_a06b8971edc70e3.jpg
مەزكۇر كىتاپتا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنڭ ئانا تىل ئوقۇتىشىغا بەرگەن پايدىلىق پۇرسەتلىرى، قوللاش سىياسەتلرى، ئانا تىل ھەققىدە نۇرغۇن سەر خىل ماقالىلار، كۈندلىك تۇرمۇشتا سىز بىلەن بىزگە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان پايدىلىق ئۇچۇرلار بار. تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ياخشى تەدبىرلىرى، ئانا تىل ھەققىدە يېزىلغان نادىر ماقالىلار، ھېكمەتلەر بار...بىر كىلو گۆشنىڭ مېھرىدىن كېچىپ بۇ كىتاپنى سېتىۋېلىڭ...
تەپسىلاتى: http://bbs.elqut.cn
كىتاپ سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭنى چېكىڭ... سېتىۋېلىپ ئوقۇپ باقاي. ئايقىزنىڭ بىزنى يېڭى كىتاب ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت. قاچان چىققان كىتاپكەن .....مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى بىزگە ئومۇملاشتۇرىۋاتقان" قوش تىل ئوقۇتۇش "سىياسىتى ئاستىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىمىزغا ماس كىلەمدىكەن ؟ ماس كەلگەچكە قانۇنلۇق نەشىر قىلنىپتىغۇ ئەنە! «چۇغلان»، «ئەلقۇت»، «ئىلى ئالمىزار مۇنبەرلىرى»گە كىرسىڭىز كىتاپنىڭ ئىچ-تېىشنى تولۇق كۆرەلەيسىز...ئىش قىىلىپ، بۇ كىتاپنىڭ بىر ئايال تەرپىدىن چىقئرىلغنىنى تولىمۇ بەلەن ئىش بوپتۇ! چۈنكى ئانا تىل ئوقۇتىشدا ئاساسەن بىز ئانىلار بار ئەمەسمۇ!!!
يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر ئائىلىگە بىردىن ئېلىپ، ساخلاپ قويسا بولغۇدەك ئېسىل كىتاپكەن. رەخمەت سىزگە شەمشىنۇر خانىم! :handshake
[ aykiz بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:20 دە تەھرىرلىگەن. ] مەنمۇ بىرنى سېتىۋېلىپ ،ئۇقۇپ باقاي قېنى....مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشى بولسا، ماۋۇ بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرى دېگەن ئاداش بىلەن دېيىشىپ،200نەچچىنى سېتىۋالامدىمەن تېخى.ئارلىقتا شېرنىكانە چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.:lol
[ soyqut بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:32 دە تەھرىرلىگەن. ] كەچۈرۈڭ .... شۇ قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغىنىغا قاراپ سوراپ ساپتىمەن .....
ئېلىپ كۈرۈپ باقاي .... يېرىم تونۇر سامسىنىڭ پۇلىكەن بولمىسا..... ئۇيغۇرغا گەپ تەسىر قىلمايدۇ، مىڭ ئۆگەيلىمەيلى دېگەن بىلەن ئىملا پېتىغداپ ئوينايدۇ، بۇ ئانا تىلنى دەپسەندە قىلغانلىق بولماي نېمە ؟ ئۇغۇ شۇ بوۋاي. ئەمما مەن تۈزەتسەم، يېنىمدىكىسى ھايت! تۈزەت بۇنى دىسەم، ھەركىتىم بىلەن قىلالمىسام تىلىم بىلەن تۈزەتگۈزسەم، يەنە بىرەيلەنمۇ ئەشۇنداق يېنىدىكىلەرگە تەسىر قىلسا، ئىملا خاتالىقلىرىمىز تۈگەپمۇ قالار. ئەڭ مۇھىمى بالىلىرىمىزغا ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى زادى تولۇق ئۆگىتىش كېرەك ئىكەن. قەدرىنى مانا ئەمدى بىلىۋاتىمىز.
غالىپقا مۇ ياكى غالىپغا مۇ؟ كېلىڭىزلەرمۇ ياكى كېلىڭلارمۇ؟. . . . دىگەندەك . :L
بۇ كىتابتىن بەلكىم بۇ جەھەتتىكى ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىلىپ ئالساق، بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشكىمۇ ئوبدانلا كۆرسەتمىسى بولىشى مۇمكىن.
ئانا تىلىمىزنى قوغداش مائارىپ ساھەسىنىڭلا ئىشى ئەمەس، مىللەتنىڭ بىر دانىچىسى بولغان بىزلەر ئالدى بىلەن ئىملا خاتالىقلىرىمىز ۋە گىرامماتىكىلىق خاتالىقلىرىمىزدىن باشلاپ تۈزىتىشىمىز كېرەك.
تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا. مۇنبەردىن ئىبارەت بىر پارچە كىگىزدە بەداشقاننى قۇرۇۋالغان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرى مۈشكۈل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكتە. بۇلار بىلىمدانلىقتا ئۆزلىرىنى ھەر-ھەرلەرگە تەڭ كۆرۈشمەيدىغانلار بولۇپ، ئۆز مەنتىقىسىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشكە ھەم "ھەقىقەت مىزانى" نى ئۆزىچە تەرىپلەشكە چىن ئىخلاسى بىلەن تىرىشاتتى. مۇنبەرداشلىرىنىڭ دەلىللىرىنى رەت قىلاتتى. بىلىمدانلىق قىلىشتا ئۇلاردىن قېلىشمايدىغانلار بولسا ۋارقىراپ سۆزلەپ يېڭى-يېڭى دەلىللەرنى كۆرسىتىپ، مۇلاھىزىلەرنىڭ تىلسىملىق قورغىنىنى شۇئانلا سۆز بىلەن ياساپ قويۇشاتتى. گاھىدا بۇلار ئەسلىي ماۋزۇدىن چەتكە چىقىپ، تالاش ئۇچۇرىدىن كېلىپ چىققان يېڭى "نۇقتىلار"غا بېرىلىپ كېتىپ، سۆز توقايلىقىنىڭ تىكەنلىك مۈشكۈلاتلىرى بىلەن لىق تولغان سەھرالىرىدا مۈدۈرۈپ-تېنەپ يۈرۈپ، يەنە ئەسلىي مەسىلىگە يېنىشاتتى. بۇ بەسلەشكۈچىلەر گاھىدا مۇنازىرە چوغ-قوقاسلىرىدا قىزىپ كېتىپ بىر-بىرلىرىگە قوپال ئىبارە بىلەن تىغ سېلىشسا، گاھىدا بىر-بىرلىرىگە بۈركۈتتەك ھۆرپىيىشىپ، يولۋاس-شىرلاردەك خىرىس قىلىشىپ، بۆرىلەردەك ھۇۋلىشىپ، ھايت-ھۇيت دېگۈچە بىر-بىرلىرىگە چاڭ سالىدىغاندەك قىزىق بىر ۋەزىيەتتە بولۇشۇپ، يەنە قېرىنداشلىق دالالىتى بىلەن چاپسانلا ئەكسىگە كېلىشەتتى.
ئىملا ساقچىسى شۇنداق دەرلەركى، مىللەتسۆيەر ئىلغار ياشلار كىگىزدە بەداشقاننى قۇرۇۋېلىپ مۇنازىرە توقايلىقىدا يۈرگەنلىرىدە نېمە ئۈچۈندۇر ئانا تىلنىڭ ئىملاسىنى پېتىغداپ-چەيلەپ، تونۇغۇسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشماقتا!
[ Erkman بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:22 دە تەھرىرلىگەن. ]
بەت:
[1]