بالام، ئاخىرقى بېكەتتە چۈشكىن
http://nur.cn/upload/20101225/1293271234_92548.jpgبالام، سەن ئەمدى چوڭ بولدۇڭ، قانات–قۇيرۇقۇڭ يېتىلىشكە باشلىدى. سەن ئەمدى ئۆزۈڭ يالغۇز ياكى مەندىن باشقا ئادەملەر بىلەن بىللە ھاياتلىق سەپىرىنى باشلايسەن. سەپەر جەريانىدا ماشىنا ياكى پويىزنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا قارىغان ۋاقتىڭدا، گۈزەل تاغۇ–دەريالار، رەڭگارەڭ گۈل–چېچەكلەر، ياپيېشىل يايلاقلار كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىڭدىن ئۆتۈپ سېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. سەن مۇشۇ پەيتتە پويىز ياكى ماشىنىنىڭ بىر نەچچە مىنۇت توختىشىنى ئۈمىد قىلىسەن. مۇمكىن بولسا ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ سېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان بۇ گۈزەللىكلەردىن بولۇشىچە ھۇزۇرلانغۇڭ كېلىدۇ. شۇنداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقىنىڭدا ماشىنا ياكى پويىز ئازراق توختىغانمۇ بولىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى پەسكە ئاتىسەن–دە، گۈل–چېچەكلەرنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىنى ھىدلاپ مەستخۇش بولىسەن. گۈزەل مەنزىرىلەردىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەي شۇ جايدا تۇرۇپ قېلىشنى ئويلايسەن. بالام، گۈزەللىكتىن زوقلىنىش، ئۇنىڭغا شەيدا بولۇش نورمال پسىخىكىلىق ھالەت، ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ھاياجانلىنىشمۇ نورمال ئەھۋال. بىراق نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن مەلۇم نىشاننى كۆزلەپ ئۇزۇن مەنزىلگە ئاتلانغان ۋاقتىڭدا يېرىم يولدا ياكى ئارىلىقتىكى بېكەتلەردە سېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان گۈزەللىكلەر ئۈچۈن سەپەرنى توختىتىشنىڭ، توپتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
بالام، سەن بەلكىم ئۆتەڭلەردە ئۇچراتقان ئاشۇ نەرسىلەرنى ھاياتىڭدا ئۆزۈڭ ئۈچۈن قايتا ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل نەرسىلەر دەپمۇ بىلەرسەن، شۇنداق دېيىلگەندىمۇ سېنى ھاياجانغا سالغان بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈۋېرىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ نەرسىلەردىن رايىڭ قايتىپ ئەتراپىڭغا قاراپ يەنە كىملەرنىدۇر سېغىنىسەن، مۇڭلىنىسەن، غېرىبسىنىسەن، سەپەرداشلىرىڭدىن تولىمۇ بالدۇر ئايرىلىپ كەتكەنلىكىڭنى، ئاخىرقى بېكەتكە بارمايلا، چۈشۈۋالغانلىقىڭنى ئويلايسەن–دە، ئۆكۈنىسەن، پۇشايمان قىلىسەن. بىراق، بۇ ۋاقىتتا تولىمۇ كېچىككەن بولىسەن، چۇنكى سەن چىققان ماشىنا ياكى پويىز سەن چۈشۈۋالغان ئۇ جايدىن ئەمدى ئۆتمەسلىكى مۇمكىن. ئۆتكەن تەقدىردىمۇ سېنىڭ سەپەرداشلىرىڭ ئاخىرقى بېكەتتە بىر–بىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەرنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان قەدىرلىك كىشىلىرى بىلەن تەرەپ–تەرەپكە تارقاپ كېتىشكەن بولىدۇ.
بالام، ئەڭ چىرايلىق، سېنى ئۇزاقتىن–ئۇزاق مەپتۇن قىلالايدىغان جەلپكار، مۇكەممەل، ئىشەنچىلىك نەرسىلەر يەنىلا ئاخىرقى بېكەتتە. ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاداققىچە ساڭا ھەمراھ بولغان سەپەرداشلىرىڭ ئارىسىدا. شۇڭا بالام ئېسىڭدە بولسۇن، ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالما، سەن چوقۇم ئاخىرقى بېكەتتە چۈشكىن.
كېلىش مەنبەسى: نۇر تورى. بۇ بالا ھىچيەردە چۈشمىسە،ئاخىرقى بىكەتكە قۇرۇق قول بارامدۇ؟:loveliness: ياق، ھەدە قورۇق قول بارمايدۇ. ئۇ بىلىملەرنى سومكىسغا قاچىلاپ، گۈزەل ئەدەب-ئەخلاقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ مەردانە قەدەملەر بىلەن ئاخىرقى بېكەتكە بارىدۇ. مەن ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىپ قالمىغاندىمەن ھە. ھازىر تۇرمۇشۇمدىكىلىرى يۇقارقى مويىسپىت كىشى ئېيتقاندىكىدەك ئەمەسقۇ. :'( saye بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:22 دە يوللىغان /images/common/back.gif
مەن ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىپ قالمىغاندىمەن ھە. ھازىر تۇرمۇشۇمدىكىلىرى يۇقارقى مويىسپىت كىشى ئېيتقاندىك ...
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاخىرقى بېكەتتىن ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىڭنى تېخىچە ھېس قىلماي يۈرگەنمىدىڭ:o ، ئانىرىم، باغرىم قېنى سىلەر ماۋۇ بالىغا گەپ قىلىپ قويۇڭلار:L . saye بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:22 دە يوللىغان /images/common/back.gif
مەن ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتۈپ كېتىپ قالمىغاندىمەن ھە. ھازىر تۇرمۇشۇمدىكىلىرى يۇقارقى مويىسپىت كىشى ئېيتقاندىك ...
سىز ئاللىقاچان خاتا چۈشۈپ قالغانلاردىن ...قالغىنىنى پىيادە سىناپ بېقىڭ نىمە مېنى ئاخىرقى بېكەتتە چۈشۈپ قالسۇن دىمەكچىمۇ سىز مەرىم. قارىسام بېكەتتە تۇرۇپ كېتىپسىلەر، سايە كەلسە، ئانداق قىلىۋېتىلى مانداق قىلىۋېتىلى دەپ، شۇڭا ئۆتۈپ كەتتىم بېكەتتىم. :handshake
بەت:
[1]