ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن2-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلىقئارلىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خاتىرىلەش كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى: 21.فېۋرالنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئەينى يىلى بېنگال مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952.يىلى، بېنگال يەنىلا پاكىستانغا تەۋە چاغدا، بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تەرىپدىن قوللىنىش ئېتراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى 21. يانۋار كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بەش نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ «تىل شەھىدلىرى(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن.
ب د ت يېزىق مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999.يىلى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ھەر يىلى 21. يانۋار كۈنىنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئانا تىلنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 يىلدىن بېرى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەتنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
(تېمىنىڭ داۋامىغا ماتېرىيال توپلىنىۋاتىدۇ)
قوشۇمچە:
ب د ت نىڭ خەلقئارلىق ئانا تىل خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ ئىشلىگەن تور بېتى: http://webworld.unesco.org/imld/}}
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا مۇناسۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار: http://baike.baidu.com/view/10718.htm
بەيدۇ تورىدىن پايدىلىنىلدى: http://baike.baidu.com/view/101674.htm
ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://anatilim.blogbus.com/logs/34715312.html
http://player.56.com/v_31529973.swf]http://player.56.com/v_31529973.swf ئۇيغۇر تىلىم، ئانا تىلىم بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسلى تېما ئىگىسىگە ھەمدە دىلروھقا تەشەككۈرلەر بولغاي! ئەسلى بۇ كۈن ھەممىمىزنىڭ يادىدا بۇلىشى كىرەك ئىدى. رەھمەت سىزگە !! ئانا تىلنى ئۇنتۇش ئەڭ زور جىنايەت!مۇبارەك بولسۇن بايرىمىڭغا ئانا تىلىم! مۇبارەك ئانا تىلىم! شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىر قلىغان [ئۇنىۋېرسال ئۆگنىش تەتقىقاتىدىن ئانا تىل ئوقۇتىشىمىزغا نەزەر] ناملىق كىتاپنى بىر ئوقۇپ چىقىڭ. بۇ كىتاپتا
ئانا تىل ئوقۇتىشىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە ئۇنى تۈزىتىش تەدبىرلىرى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئانا تىل ئوقۇتىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ياخشى تەدبىرلىرى، ئانا تىل ھەققىدە يېزىلغان نادىر ماقالىلار، ھېكمەتلەر بار...بىر كېلۇ گۆشنىڭ مېھردىن كېچىپ بۇ كىتاپنى سېتىۋېلىڭ...تەپسىلاتى http://bbs.elqut.cnنىڭ [كىتاپ سېتىېلىشقا ئالدىراڭ]دا بار. .. مەن زاماننىڭ خېلىلا ئارقىدا قاپتىمەن قارىغاندا :L :L بۇ مۇبارەك بايرامنى تۇنجى ئاڭلىشىم ! ئەمدى بۇندىن كىيىن ئېسىمدە چىڭ تۇتىۋالاي بۇ بايرامنى:P :P ~
ئاينۇرىنىڭ تەۋىسىيە قىلغىنىغىمۇ تەشەككۈر ~ سالام دوستلار! نەچچەن كۈن يوقاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە سالامغا كىردىم.
دىلروھ خانقىز، بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخىشى يوللاپسىز. تېما يازغۇچىنىڭ قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن!
راستىنى دېسەم ئانا تىل بايرىمى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، بەلكىم كۆپىنچە تورداشلار بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇقۇمنى بىلىۋالدۇق. بۇنى چوقۇم ئەتراپتىكىلەرگە، پەرزەنتلەرگە بىلدۈرىشىمىز كېرەك.
ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى! ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش باش تارتىپ بولمايدىغان ئېغىر ۋەزىپە. چوقۇم ناھايىتى زور سەۋىرچانلىق بىلەن ئانا تىلنى قوغداپ قېلىشمىز، تەرەققى قىلدۇرىشىمىز ۋە داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل كېتىدۇ، نۆۋەتتىكى شارائىتتا....................
ئانا تىلنى سۆيەيلى! ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!
بەت:
[1]