ئايدار--يەتتە قىز قەلئەسىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر
ئەلقىسسە، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەتتە قىز قەلئەسىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى بۇزۇلدى، ھەممە ھېكايە شۇ يەردىن باشلاندى. يەتتە قىز قەلئەسىدىكى گۈزەللەرنىڭ ئەڭ كىچىكى، گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئايدار ئىسىملىك مەلىكە، ياۋرۇپادىن ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتىپ، ئەمدىلا قەلئەگە كېلىشىگە كېلىشمەسلىككە ئۇچىراپ قالدى.
ئۇ ئايرۇپىلان بىلەن يەتتە يىگىت قەلئەسى ئايرۇدىرۇمىغا قوۇپ، ئۇ يەردىن ئىشەك ھارىۋىلىك يەتتە قىز قەلئەسىگە مېڭىشىغا، ئىككى قەلئە ئوتتۇرىسىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدا پارنىك ياساپ، كۆكتات تېرىيدىغان، بۇرۇنقى تۇرمۇشى نامەلۇم بولغان، جادۇگەرلىكنى ئۆزىگە قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ، چاي تۇز پۇلى تېپىپ خەجلەپ، يەكشەنبە بازاردا بازار ئويناپ يۈرگەن جىدەلخۇر دېھقانچىلىق مەيدانى قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا كۆرۈپ قالدى ھەمدە ئۇنى قەسلەش نىيىتىدە بولۇپ، ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، قەلئە ئىشىكىگىچە بېرىپ، ئادرىسىنى كۆرىۋىلىپ قايتىپ كەلدى. ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنى قانداق قەسلەش توغرىسىدا ئۇزاق باش قاتۇردى. ئاندىن ئۇ پارنىكنىڭ يېنىدىكى تاش تامنىڭ قېتىغا قىستۇرۇپ قويغان جادۇگەرلىك كىتابىنى ئېلىپ چىقىپ، ئەپسۇنلارنى ئاختۇرۇپ كۆردى.
ئەمدى گەپنى ئايدار گۈزەلدىن ئاڭلايلى: ئايدار گۈزەلنى كېلىدۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان مەرىم، باغرىم، ئانار، جۇلالىق، ئايقىز، قەھۋەلەر قەلئەنىڭ سىرتقا قارايدىغان كامان تۆشۈكىدىن سىرتقا قارىغاچ، ئۆزلىرىنىڭ يەتتە يىگىت قەلئەسىدىكى يىگىتلىرىگە قولياغلىق توقۇغاچ تىلىفۇنلىرىدا ئۇچۇر يوللىشىپ ئولتۇراتتى.
-ۋاييەي، ھەجەپمۇ كەلمىدى، بۇ ئايدار گۈزەل.
-ياۋرۇپادا ئۇزۇن ئوقۇپ گۈزەل ئۇنۋانىنى ئېلىپ كەپتۇمۇ بۇ دوستەك.
-خەقلەر دوكتۇر بولسا، بۇ ئايدار سىڭىل.....-دەپ ئېغىزىنى پۈرۈشتۈردى بىرسى.
-ھەي، تولا گەپ قىلماڭلا، كەلدى، ئايدار...
-قارشى ئالايلى...
قەلئەنىڭ ئىشىكى غىچىرلاپ ئېچىلدى. ئايدار ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى كىچىك تۆشۈكتىن ئۆزىنىڭ بارماق ئەۋرىشكىسىنى تاپشۇردى.
-سېستىما ئاپتۇماتىك ھالدا بارماق ئىزىڭىزنى مۇقىملاشتۇردى، خوش كەپسىز ئايدار كەنجى.
ئىشىك ئېچىلىشىغا ئۇ ھارغىن ھالدا چامادانلىرىنى كۆتىرىپ، ئىشەك ھارۋىسىغا ئونبەش قەلئە دوللىرى بىرىپ ئىشىككە كەلدى.
ئىشىك ئېچىلىشىغىلا ئالتە قىز يىنىككىنە قەدەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
جىدەلخور ئايدار گۈزەل قەلئە ئىشىكىدىن كىرىشتىن بۇرۇن ئەپسۇن ئوقۇمىسا، ئەپسۇنىنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، دەررۇ پارنىكتىكى ئون يىل كۈن كۆرمىگەن توپىغا، دېھقانچىلىق ئوغۇتىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەپسۇن ئوقۇدى، دەل شۇ چاغدا بىر شامال چىقىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى توپىنى سورۇپ قەلئە تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى.
-ئەي كۈن كۆرمىگەن توپا، ئايدار گۈزەلنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كەلتۈرگەيسەن، يەتمىش يىللىق جىگدە غازىڭى، يەتتە يۈز يىللىق توغراق سۈيى، يەتتە ياشلىق بالىنىڭ يۈرىكىنى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە قويمىغۇچە ئويغاتمىغايسەن.-جىدەلخورنىڭ ئاۋازى سېھىر بىلەن قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك ئاڭلىنىپ، تاغلاردىن ھالقىپ كەتتى.
ئايدار ئىشىكتىن قەدىمىنى ئېلىشىغا، ئۇنىڭ چۈمبىلى چۈشۈپ كەتتى، ئۇ چۈمبىلىنى ئالاي دەپ ئىڭىشىشىگە بىر شامال تەگكەندەك بولدى-دە، ھوشىدىن كېتىپ، شۇ يەردىلا ياتقان پېتى ئۇيقۇغا غەرىق بولدى.
-ۋۇي، ئايدار ئاتالمىش گۈزەل، قانچە ھېرىپ كەتسىڭىزمۇ بىز بىلەن كۆرۈشۈپ، ھوجىرىڭىزغا چىقىپ ئۇخلىمامسىز؟ -دېدى قەھۋە ئايدارنى يۆلەۋىتىپ.
-شۇ ئەمەسمۇ، ئاچىلىرىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايدۇ، بۇ ئايەك، -دېدى مەرىم ئۇنىڭ چۈمبىلىنى ئېلىۋىتىپ.
-بولدىلا، ئۇنى ئويغاتمايلى، يول جاپاسى يامان.-دېدى جۇلالىق ئۈمچىيىپ،- بىچارە سىڭلىم ئوقۇيمەن دەپ بەك جاپا تارتىپ سەمىرىپ كىتىپتۇ.
ئۇلار ئۇنى كۆتىرىپ ھوجىرىسىغا ئېلىپ كىردى.
داۋامى بار.
بۇنىڭ داۋامىنى يازماقچى بولغانلار مەن بىلەن چ چ دا پىكىرلىشىپ ئاندىن يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھى ھى ھى ھى ھى ~ دوستۇم يارايسىز قەلىمىڭىزگە ھاردۇق يېتىپ قالمىغاي!
بىچارە جىدەلخور ئۇكامنى جادىگەر قىلۋېتىپسىز، بىراق ئۇنىڭ چىرايلىق قىزلارغا ئامراقلىقىنى شۇنداق كەلتۈرۈپسىز، قېنى داۋامىنى ساقلايمەن دوستۇم ھارماڭ! **** Hidden Message ***** داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.ئۇرۇن ئېلىپ قويدۇم -نىمە دەيدىغانسەن، بىزنىڭ مەرىم ساقمىكەن –دەپتۇ قىسمەت يۈگۈرۈپ كېلىپ......:lol :lol :lol يائاللا ئايدارنىڭ قولىدىن ھېچنىمە قېچىپ قۇتۇلمايدۇ ھە~
باشلىنىشنى بەك ياخشى چىقىپتۇ، داۋامىنى توختىماي بىزنى تەققەزا قىلماي يازارسىز كەنجى مەلىكە ئايدار ، قارىغاندا ئەمدى ئەرۋاھنىڭ كۈنى تەس بولىدىغان بولدى ھى ھى ھى ھى ئايدار ھەدەمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە قول قويدۇم. بەكلا كېلىشتۈرۈپ يېزىپسىز.
ئايدار گۈزەلنى قانداق ئامال بىلەن ئويغۇتىمىز؟
يا يەتتە يىگىت كەلسە ئويغۇنامدۇ؟:lol
ئاخىرىنى تېزراق ھە! بۇ تېما كىچىك ئوسمۇرلىرىمىزنىڭ < يەتتە پاپا ۋە قار مەلىكە > چۆچىكىنى ئەسلەتتى . پىكرىمنى يازسام ئەيىپ كۆرمىڭ خانقىز . رىقابەت بولمىسا ئالغا ئىلگىرلەش بولمايدۇ رەنجىمىگەيسىز .
مۇنبەرنىڭ ئىتىپاق ، قىزغىن ، مىھرىلىك ، يۇمۇرىستىك ، جەلىپكار بولىشى ئۈچۈن ، ئەسىرىڭىزگە باربى مەلىكىنىڭ گۈل پەرىسى، كىپىنەك پەرىسى ، سۇ پەرىسى قاتارلىك گۈزەل يىقىملىق ، باتۇر قىزلارغا سىموۋۇل بولىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپەرەك ئىشلىتىڭ .
يەتتە پەرىنىڭ باسقان قەدەملىرىدىن گۈل ئۇنسۇن ، تىنىقلىرىدىن ئەنبەر ھىدى كەلسۇن . سىلەردە شۇنداق بىر غايىۋى كۈچ پەيدا بولسۇنكى بۇ مۇنبەرگە ۋەكىل بولۇپ . بىزگە ھەرقانداق بىسىمنى يىڭىپ كېتىدىغان ھىس پەيدا قىلسۇن . جىلۋە خانقىز: مەن جىق كىتاب ئوقۇمىغان، ئۇسلۇپ-پۇسلۇپ دىگەنلەردىن قەتئىي خەۋىرىم يوق، بىرىڭلار گۈزەل پالانچىنىڭكىدەك ياز دىسەڭلار يەنە بىرىڭلار ساھىبجامال بىلەن مەخلوقنىڭكىدەك ياز دىسەڭلار، سىز قوپۇپ يەتتە پاپىنىڭدەك ياز دىسەڭلار، مەن ئەمدىلا ساۋادى چىققان ئەدەبىياتنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئۇۋال قىلمامسىلەر؟
سىز ماڭا ئەڭ ياخشىسى شۇ يەتتە پاپىنىڭكىدەك يېزىپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، تەلىمىڭىزنى كۆرۈپ ئاندىن مەنمۇ ئۇسلۇپ دىگەننى سېتىۋالىدىغان يەر بولسا يىراق كۆرمەي بېرىپ سېتىۋىلىپ، ئۇسلۇپلۇق بولۇپ قالسام قانداق دەيسىز؟ ئايدار ھەدەمنىڭ بۇ تېمىسىغا ھەممە دوستلارنىڭ تەكلىپ بەرگىسى كەپتۇ.
سىز يەنىلا ئۆز ئۇسلۇبىڭىزدا يەنى<<ئايدار>> ئۇسلۇبىدا يېزىۋېرىڭ.
<<يەتتە قىزلىرىم>> چۆچىكى ئايدار ھەدەمنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققاي. مونۇ قىسسە باشلىنىپتۇ دە ئاخىرى...
تۇيغۇن سايە، ياغاچ يانفۇن ، قەھۋە .
شۇنداق قىلىپ بۇ قىسسىدە مەن قەھۋە قىزچاق بىلەن ئوبدان ئۆتىۋاتقان بوپ چىقىپتىمەندە...ھەر ھالدا مەن ئۇنتۇلۇپ قالماپتىمەن.
دىمەك يىگتلەرنىڭ سۈپەتلىرى دەل ئۇلارنىڭ خارەكتىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. بۇ سۈپەتلەر ياۋ ( جىدەل جادى)نىڭ كۆكسىدىن شەمشەر ئۆتكۈزىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ دەيلى.
جىدەل جادى. 7 يىگىتنىڭ .ئارىسىدا يوقكەن. :lol