taskin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:49:18

بېلىۋېلىڭ (قانۇن)

دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنىڭ تۈرلىرى

قانۇنشۇناسلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرنى ھەر خىل نۇقتىدىن ھەرخىل تۈركۈملەرگە ئايرىغان بۇلۇپ بۇلار قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدۇ. بىراق قانۇندىن خەۋىرى يوق كۆپ سانلىق كىشلەر بۇ خىل تۈركۈملەرگە ئايرىشنى تازا چۈشۈنۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا تۆۋەندە مەن دۆلىتىمىز قانۇنلىرنىڭ تۈرلىرنى ئاممىباپ ئۇسۇلدا ئۆتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن. كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىپ قالار.

ئالدى بىلەن چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۇركۇمگە ئايرىش مۇمكىن، بۇلار تەرتىپ قانۇنلىرى ۋە سۇبىستانسىيە قانۇنلىرىدىن ئىبارەت.

1. تەرتىپ قانۇنلىرى : قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ قانۇن خىزمىتىنىئېلىپ بېرىش تەرتىپلىرى ھەققىدىكى قانۇنلارنى كۆرسۈتىدۇ. يەنى قانۇن ئىجىرا قىلىش ماشغۇلات قائىدىسىدىن ئىبارەت. قانۇن ئىجىرا قىلغۇچىللىرى مۇشۇ ئۆز ساھەسىدىكى تەرتىپ قانۇنلىردا بەلگىلەنگەن مەشغۇلات تەرتىپلىرى بويىچە ۋەزىپە ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر مەشغۇلات تەرتىۋىگە خىلاپلىق قىلىنسا كۈچكە ئىگە بولماسلىقتەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ.

2. سۇبىستانسىيە قانۇنلىرى : ئاددى قىلىپ ئېيتساق بۇ دۆلەت جەمىيەت ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن ئۆلچەمدىن ئىبارەت. يەنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق مەجبۇريىتى، قايسى ئىشنىڭ توغرا (قانۇنلۇق ) قايسى ئىشنىڭ خاتا (قانۇنسىز ) ئىكەنلىگى، قايسى ئىشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلدىغان، قايسى ئىشنىڭ چەكلىندىغانلىغى، قانۇن ھەركەتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇل ۋە نەتىنجىسى( ئاقىۋىتى ).................قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن قانۇنلاردىن ئىبارەت.
جەمىيىتتىكى ھەر- بىر ساھە ئۈچۈن دىگۈدەك ماس كېلىدىغان بۇ خىلدىكى قانۇنلار ياكى بەلگىلمىلەر بار. شۇڭا سۇبىستانسىيىلىك قانۇنلار ناھايتى كۆپ.

تەرتىپ قانۇنلىرىغا ئاساسەن دەۋا قانۇنلىرى كىرىدۇ، شۇڭا بۇ تۈركۈمدە بىر نەچچىلا قانۇن بار : ئۇلار ( جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ دىگەن سۆز قىسقارتىلدى ) :
مەمۇرى دەۋا قانۇنى
ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى
جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى
كېسىم قانۇنى
مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى
ئوتكۈزۈپ بىرىش قانۇنى
دېڭىز ئىشلىرى دەۋا ئالاھىدە تەرتىۋى قانۇنى
ئۇندىن باشقا بەزى سۇبىستانسىيەلىك قانۇنلاردا تەرتىپ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر ئارلاش چىقىرىلغان. بەزى ھەر-خىل نىزام قائىدە چارە قاتارلىقلارغىمۇ تەرتىپ ھەققىدە بەلگىلمىلەر كىرگۈزۈلگەن.
سۇبىستانسىيە قانۇنلىرنىڭ دائىرسى بەك كوپ بۇلۇپ قانۇنلار سانى 300 گە يېقىن بارىدۇ. ئاساسلىغى :
ئاساسى قانۇن
جىنايى ئىشلار قانۇنى
ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسى ۋە توختام قانۇنى، نىكاھ قانۇنى، ۋارىسلىق قانۇنى، شىركەت قانۇنى، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى.......
ئەمگەك قانۇنى، مۇئارىپ قانۇنلىرى، باج قانۇنلىرى، پاراۋانلىق، ئىجتىماى سۇغۇرتا قانۇنلىرى، ھەر قايسى ساھەلەر ھەققىدىكى مەمۇرى قانۇنلار، ئىقتىسادى ساھەلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇنلار، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە خىزمەتچىللىرى ھەققىدىكى قانۇنلار..........قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

قانۇنلارنى يەنە ئۆز-ئارا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بويىچە ئانا قانۇن ۋە بالا قانۇنلارغا بۈلۈشكە بولىدۇ :
ئاساسى قانۇن: بارلىق قانۇنلارنىڭ ئانا قانۇنى بۇلۇپ بارلىق قانۇنلار ئاساسى قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا بوي سۇنغان بولىدۇ.
ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسى: بارلىق ھەق تەلەپ ئىشلىرغا دائىر قانۇنلارغا ( توختام، ۋارىسلىق ، نىكاھ، شىركەت، سىتراخۇانىيە، پاتېنىت ۋە ئەسەر ھوقۇقى........قاتارلىق قانۇنلارغا ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ھەق تەلەپكە مۇناسۋەتلىك بەلگىلمىلەرگە) نىسبەتەن ئانا قانۇن بۇلۇپ، بۇ قانۇنلاردىكى بەلگىلمىلەر ھەق تەلەپ قانۇنى ئۇمۇمى قائىدىسىدىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان بولىدۇ.
مەلۇم ئىشقا تەتبىقلاش جەھەتتە بالا قانۇنلاردا كونكېرىت بەلگىلمىلەر بولسا ئاۋال بالا قانۇنلاردىكى بەلگىلمىلەر تەدبىقلىنىدۇ. ( ئەلۋەتتە ئانا قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا خىلاپ بولماسلىق شەرىتى ئاستىدا ). بالا قانۇندا شۇ ھەقتە كونكېرىت بەلگىلمىلەر بولمىسا ئانا قانۇن تەدبىقلنىدۇ

مەنبە  قانۇن ماتىريالىرى

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:55:52

ھازىر دۆلىتىمىزدە ھەممە ئىشنى قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش،ئۆز مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش  قاتتىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ .
قانۇندىن خەۋىرىڭىز بولمىسا بەزى ئىشلاردا چىقىش يولىنى تاپالماي زىيان تارتقىنىڭىز تارتقان بولۇپ قالىدۇ .
شۇڭا قانۇننى ئۈگۈنۈپ قويۇش ئەڭ زۆرۈر .
يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

月花 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:40:19

قانۇن ئارقىلىق ئوزىمىزنىڭ ھۇقۇق -مەنپەتىنى قوغدىساق بولغىدەك،رەخمەت سىزگە.:handshake
بەت: [1]
: بېلىۋېلىڭ (قانۇن)