tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:24:00

سايىنىڭ قىز دوستى

سايىنىڭ قىز دوستى
               ھەممىمىزگە  مەلۇملۇق بولغىنىدەك سايىنىڭ نۇرغۇنلىغان قىز  دوستى  بار ئىدى ، ئەمما  ئۇ  شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن سۆيۈملۈك ، كۆزلىرى  كۈلۈپ  تۇرىدىغان ئانارغا بەكرەك  مۇھەببەت باغلىغان  بولۇپ ، ئۇنىڭ  رەسىمىنى  پورتمالغا  سېلىپ  ساقلايىتتى ، چۈنكى  رەسىمنى ئانارخان ئۆز  قولى  بىلەن سېلىپ  بەرگەن ، شۇنداقلا ئەركىلەپ  تۇرۇپ " باشقىچە ئوي خىياللاردا  بولماڭ جانىم  ،  بولمىسا مەن رەسىمدىن شۇ ھامانلا  چىقىپ  قالىمەن جۇمۇ " دىگەن ئىدى . بۇ ئەلۋەتتە  شىرىن  قوقاق  سېلېش بولۇپ ، بۇنىڭ  بىلەن  ئۇ  تېخىمۇ  سۆيۈملۈك  بولۇپ كەتكەندەك  ئىدى .
ھەي ...................ھەرقانچە  سۆيۈمۈلك  بولسىمۇ  ياندا  يوقتە ، ئۇلارنىڭ يۈز   كۆرۈشمىگىنىگە  توپتوغرا 10 ئاي  بولغان ئىدى ، سايە  مۇشۇلارنى خىيال  قىلغاچ  پورتمال  بىلەن تەڭلا  ئىشىكنى  يېپىپ ئۇدۇل  خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ  كەتتى .........
ئەلۋەتتە ،  سايىنىڭ  بۇ خوشنىسى ئاناردەك  سۆيۈملۈك  بولمىسىمۇ ، ئەمما خېلىلا جەزبىدارلىققا ئىگە ،  ئوتتىرا  مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، يالغۇز تۇراتتى .
             ئىككىنجى  كۈنى سايە  خوشنىسىنىڭ  ئۆيىدىنلا ئىشقا  ماڭدى . ئابتۇبۇسقا  چىقىپ  بوش  ئورۇنغا  كېلىپ  جايلاشقان سايە  كۈندىكى  ئادىتى  بويىچە پورتمالنى  چىقىرىپ ئاچتى دە شۇنچىلىك چوچۇپ كەتتى ، ئانارخاننىڭ  سۆيۈملۈك  سىماسى كۆرۈنمەيىتتى ،  ئۇنىڭ  ئورنىدا  كىشىنىڭ كۆڭلىنى  غەش  قىلىدىغان بىر  قىسمالا  قارا قۇرا  رەسىم  تۇراتتى . بىر كۈن ۋەھىمە ،    قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكەن  سايە  بۇ كۈننى  شۇنچىلىك  تەس  كەچ  قىلدىكى ...........ئېغېرلاشقان  پۇتلىرىنى   ئارانلا  سۆرەپ  تاكسىغا ئولتۇرۇپ  ئىشتىن قايىتتى ، بۇرۇنلادا بولسا  سايە  پىخسىقلىغىدا ھەر قانچە ئالدىراش  بولسىمۇ ئابتۇبۇستا  قىستىلىشقا  رازى  بولاتتىكى 6 يۇەنگە چىدىمايىتتى .
              ئۆيىنىڭ  ئالدىغا كېلىشىگە ، غۇژمەكلىشىپ  يىغىلىۋالغان كىشىلەرنى ، ئۇلارنىڭ  ئىچىدىكى  كارىدورغا  كىرىپ  چىقىۋاتقان  ساقچىلارنى كۆرۈپ  غۇدۇراشقا  ئۈلگۈرمەيلا  ياشقىنا  بىر ساقچىنىڭ " نىم دىگەن قورقۇنۇچلۇق ، بىر ئوتتىرا  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ  كىم  بىلەنمۇ بۇنچە ئۆچ  ئاداۋىتى  بارتتىكىن ، كاساپەت بېشىدىنلا ئۈزۈپتۇ " دىگىنى قۇلىقىغا يەتتى ..............
سايە ئۆزىنى بۇ دۇنيادا  بار بىلەن يوقتەك ھېس قىلىپ ،  تىترەپ  تۇرغان  قوللىرى  بىلەن كۈندە  نەچچە  ئون  رەت  ئاچىدىغان ، ھالا بۈگۈن ئەتتىگەن  بىر  قېتىم ئاچقاندىن بېرى قايتا ئېچىپ  باقمىغان پورتمالنى  ئاچتى ....
             سايىنىڭ  سۆيۈمۈلك  ئانىرى  قايتىپ  كەلگەن بولۇپ ، كۈلكىسى  بۇرنقىدىنمۇ تاتلىق ، چىھرى بۇرۇنقىدىنمۇ ئىللىق ، ئەمما  قولىدا  تېخىچە  قان تامچىپ  تۇرغان ئوتتىرا  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ  كاللىسى قاماللاقلىق تۇراتتى ...................

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:45:54

:L يائاللا تىۋىش بېشىم ساق قالغانغا شۈكرى دېسەم بولغىدەك جۇمۇ~~ :funk: :funk:

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:52:05

ھا ھا ھا ھا .......................
لىكىن  راستىنى دىسەم  بۇ  تېمىنى  تاس  قالدىم  ئۈچ  قېتىپ  يېزىپ  چىققىلى :( :( :( ، بېشىدا  يېزىپ  بولۇپ " يوللاش " دىگەننى  باسسام .............................سىزنىڭ بۇنداق  مەشغۇلات قىلىش  ھوقۇقىڭىز  يوق  دەيدۇ :Q :Q :Q شۇنچىلىك  ئاچچىغىم  كەلدىكى   بۇ  كېچىدە ، تاسلا  قالدىم مەن بۇ " ئەينەك " نىڭ  كاللىسىنى  ئۈزگىلى :@ :@

شۇنىڭ  بىلەن  سەل  توختاپ  ئاچچىغىمنى  بىر  بېسىۋىتىپ  يەنە " سەۋىرچانلىق " بىلەن قايتا  بېسىپ  چىقتىم ..........ئىككىنجى  قېتىممۇ  يەنە  شۇنداق  خەت  چىقتى :o :o ..لىكىن ئۇنى  复制 قىلىۋالغانتىم :lol :lol :lol شۇنىڭ  بىلەن بۇ ئەينەك  مۇرادىغا  يىتەلمىدى :lol

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 01:52:13

خوشنىلاردىن بىرى بىنا ئالدىدا دەرەخكە يۆلۈنۈپ، پورتمالنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالغان سايىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۇنى شەرەت قىلىپ پىچىرلىشىپ بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتى...
  سايىنىڭ ئىشتانلىرى ھۆل ئىدى. كۆپۈنچىسى سايە ئەتتىگەن سۇغارغان چىملىققا ئولتۇرۇۋاپتۇ-دە دەپ ئويلاشتى.... ئەمما ...
  ........

Wapadar23 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:50:41

سامسىپەزنىڭ تەسەۋۋۇرى تازا جايىدا بوپتۇ...ئەڭ سۈيۈملۈك ئادىمىڭىزگە خىيانەت قىلماڭ .

月花 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:02:41

دۇنيادا ئېچىلمايدىغان سىر يوق دەپتىكەن ،كورمىدى بىلمىدى دەپ سۈيۈملۈك ئادىمىڭىزگە خىيانەت قىلماسلىقىمىزكېرەك

neyime يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 13:52:23

ئاپلا بۇ ئىش ئاخىرى ئاشكارلىنىپتۇ دە ،بوپتۇ زادى بۇ جاھاندا ئاشكارلانمايدىغان سىر يوقتى ،ياخشى قىپسىز تىۋىش :lol

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:28:45

سايىنى مۇھەببىتىگە خېلى سادىق بالا دەپ يۈرسەم، ئالىسى ئىچىدە ئوخشىمامدۇ؟:o :lol
نېمە دىگەن قورقۇنۇشلۇق.........:L  ئانارنىڭ قولىدا مۇئەللىمنىڭ كاللىسى.........:(

باغرىم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:29:33

ئاچا - سىڭىللىرىنى سۇمالىغا ساياھەتكە ئاپىرىش سۈيىقەستى ئەمەلگە ئاشمىغان ئانار ،  تۇرپانغا بېرىپ رەسىمىنى داخانغا  ئوقۇتۇپ ، كۈشەندىلىرىنى پاك - پاكىز يوقىتىش ھېيلىسىنى ئىشلىتىپتۇ ...

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:53:57

كۈندەشلەرگە بايرام بوپتۇدە ، بەس-بەستە سايرىشىپ كەتكىنىنى سەتلەرنىڭ ;P سايىنىڭ يېقىندىن بۇيان جىق يۇۋاشلاپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ئاشكارلىنىپ قالدىدە :P
بەت: [1] 2 3 4
: سايىنىڭ قىز دوستى