19ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى بانكا بۇلىدى
ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كالورىنادىكى بىر نەپەر قىز ئوقۇغۇچى شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن بانكا بۇلاش ئۈچۈن بانكىنىڭ 6 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ، ساقچىلار بىلەن 3 سائەتتىن ئارتۇق تىركىشىپ، ئاخىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، تۇتقىن قىلىنغانلار قۇتقۇزىۋېلىنغان.بۇ بانكا كالوررىنانىڭ مەركىزى رالېيگ شەھىرىدىكى كارى بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى بىر قىز ئوقۇغۇچى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 لەر ئەتراپىدا بانكىغان كىرىپ، بانكا بۇلاشقا ئۇرۇنغان.
كارى ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز بانكىغا كىرگەندە، بانكىدا 5خىزمەتچى خادىم ۋە ئىككى خېرىدار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 6سى تۇتقىن قىلىنغان، يەنە بىرى مۆكىۋالغان ئىكەن.
ساقچىلار بۇ قىزنى قورشىۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئىككى تۇتقىننى قويىۋەتكەن، بىردەمدىن كېيىن يەنە ئىككى قىزچاقنىمۇ قويىۋەتكەن، تەخمىنەن ئىككى سائەتتىن كېيىن، قىزچاق بىر ئايال تۇتقىننى بېشىغا تاپانچا تىرەپ ئېلىپ بانكىدىن چىققان، ئەمدىلا ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كېلىشىگە، تۇققىن ئايال تېزلىكتە يەرگە تېزلىنىۋالغان، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساقچى ئوق چىقىرىپ، بانكابۇلىغۇچى نەق مەيداندىلا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
تەكشۈرۈشتىن ئېنىقلىنىشىچە، بانكا بۇلىغان بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى Devon Mitchell بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىسى ئىكەن.
مەنبە: www.morningpost.com.cn بۈگۈن تېخى <<قانۇن ۋە پۇقرا پىروگرامىسى>> دا بىر نەچچە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 250 يۈەنلىك بىر تېلىفۇن ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكى، ھازىر تەربىيلەش ئورنىدا جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالغان ئىدى. يۇرىگى نىمىدىگەن چوڭ ھە بۇقىزنىڭ. نىمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ شۇنداق قىزقىپ قالدىم دىسە
ۋاي بىچارە ئون گۇلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بولغىدى ئۇ ئەخمەقنڭ:o چەتئەلدە بانكا بۇلاش شۇنداق ئاسانمىدۇ؟
تۈنۈگۈن خەلق بانكىسىغا پۇل سالاي دەپ كىرسەم بىخەتەرلىكى بەكلا مۇستەھكەم ئىكەن. يەنىلا بىزلەر ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلايدىغان ئوخشايمىز.:) ھەيران قاپتىمەن ، ماۋۇ جوڭگودىن باشقا يەرنىڭ بانكىلىرى تاللا بازىرىنىڭ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغىلا ئوخشايدىكەن .... شۇنچىلىك ئاسان ئوغىرلىق قىلغىلى بولىدىغان چىراي ......:lol ئاتمىسا بوپتىكەن ، كۆڭلى يۇمشاق قىزدەك قىلىدۇ تۇتقۇنلارنى قۇيىۋەتكىنىگە قارىغاندا .... ئادەم بوپ قالاتى .....
بەت:
[1]