خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:40:05

مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم كىيىش ئەدەپلىرى

ياقۇپ ھەمدۇللا


ئىنسانلارنىڭ كىيىم كىيىشكە ئادەتلىنىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ،ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەمرى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە لايىق، مۇسۇلمانلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغانكىيىنىش ئادەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1.ئەۋرەتنى ياپىدىغان كىيىمنى كىيىش لازىم
ئەۋرەتەنى كىيىم بىلەن يېپىش ھايانىڭ،ئىماننىڭ قالقىنى.
مۇسۇلمان ئاياللارنىڭئەۋرەتلىرىنى ئوچۇق قويۇشى، يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشى، بەك قىسقا يوپكا، بەك تار، بەك نېپىز كىيىملەرنى كىيىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ.
كىيىم كىيىشتىن مەقسەتئەۋرەتنى يېپىش، زىننەتلىنىش،سوغۇقتىن ساقلىنىش.بۇنىڭ ئىچىدەئەۋرەتنى يېپىش نىشان، مەركىزىي نۇقتا. ھازىر بىر قىسىم قىز-ئاياللىرىمىز چەتئەل مەدەنىيىتىنى قارغۇلارچە دوراپ،چەتئەل كىيىملىرىنى كىيىۋېلىپ، كىيىم كىيىشتە، ياسىنىشتا بەسلىشىپكىيىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىدۇ. ئەسلى گۈزەللىك روھتا، قەلبتە ئىدى، ھازىرقى بىر قىسىملارگۈزەللىكنى كىيىمدىن زىبۇزىننەتتىن، گىرىمخانىدىن ئىزدىشىدۇ.
ياشلاردىكى بۇ خىل روھىي بۇلغىنىشنى جەمىيەتتە راھەت-پاراغەت،ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىش،ھەررەڭ-سەررەڭ ياسىنىپ يېرى يالىڭاچلىنىپ، ئىشرەتخانا، بەزمىخانا، تانسىخانا، دېسكوخانا، تورخانىلاردىن لەززەت ۋە ھوزۇر ئېلىشنى بەخت سانايدىغان چاكىنا تۇرمۇش ئىستىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ خىل قەبىھ تۇرمۇش ئۇسۇلى قاباھەتلىك روھىي پاجىئەدۇر.
بەزى قىز-ئاياللىرىمىز ھەتتا بەزى ئىككى-ئۈچ سەبىگە ئانا بولغۇچىلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنىڭ تاجىسى ھىساپلىنىدىغان سۇمبۇل چاچلىرىنى بۇزۇپ، ھەر خىل رەڭدە بويىتىپ، شەيتان ئۈچۈن بەزمە قىلىپ شەيتاننى كۈلدۈرۈپ، مۇسۇلماننى يىغلىتىپ يۈرسە ، ھالال-ھارامنىڭ، ياخشى -ياماننىڭ پەرقىنى بىلمىسە،ھايا-ئىپپەتنى،ئۆرپ-ئادەتنى دەپسەندە قىلىشىغا ئاتا-ئانا بولغۇچىلارمۇ كۆرمەس، بىلەمس بولىۋېلىپ بەخۇدۈك يۈرسە، بۇ ئەۋلاد ئىلگىرىكى ئەجدادقا يەتمەسلىك پاجىئەسى بىزگە خىرىس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە! ھەزەر ئەيلەڭ، ئاگاھ بولۇڭ!

2.كىيىم -كېچەكنى ئۇزۇن قىسقىلىقى،كەڭ-تارلىقى نورمال كىيىش لازىم
مۇسۇلمانلارغا ئەۋرەتنى يېپىش پەرز بولغىنى ئۈچۈن ئاساسەن ئۇزۇن، كەڭتاشا كىيىشكە ئادەتلەنگەن.كىيىمنىڭ ئۇزۇنلىقى، كەڭلىكى بەدەن ئىگىزلىكىگە مۇۋاپىق ھالدا نورمال بولغىنى ياخشى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام تون، كۆينەك، ئىشتانلارنىڭ ئۇزۇنلىقى ئوشۇقتىن ئۆتۈپ كېتىشنى چەكلەيتتى.
كىيىمنى كەڭرەڭ، ئۇزۇنراق كىيگەندە ئەۋرەتلىرى پۈركىلىدۇ. ئادەم بەدىنىڭ قىسمەن فىزىئولوگىيىلىك ئەيىبلىرى كىيىم ئىچىدە قېلىپ،قامىتى ، نازاكىتى، لاتاپىتى گەۋدىلىنىدۇ. كىيىم كەڭ بولسا قان ئايلىنىش، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى، ئۆسۈشىگە پايدىلىق.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئى پەيغەمبەر !ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن».{سۈرە«ئەھزاب»(33-سۈرە)،59-ئايەت}.ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يېپىشى ئۆزىنى پاك قوغداپ قېلىشى، پاك مۇھەببىتى ،ئامانىتىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئالاھىدە كۆرسەتمە بېرىپ ئايەتنى كەرىم نازىل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئاياللارغا رەھمەت -شەپقىتى، پەزلى -مەرھەمىتى ھىساپلىنىدۇ.

3.ئەرلەر ئەرەنچە،ئاياللار ئاياللار ئايالچە كىيىگىنى ياخشى
مۇسۇلمان ئەرلەر ئاياللاردەك كىينىىۋالماسلىقى، مۇسۇلمان قىز -ئاياللار ئەرلەردەك كىيىنىۋالماسلىقى لازىم.ئەرلەر ئەركەكتەك كىيىپ ئەركەكلىك شەرىپى، ئىززەت -غۇرۇرىنى ساقلىغىنى ياخشى، ئەرلەردەك كىيىم كىيگەندە يىگىتلىرىمىزنىڭ قامىتىدىكى كۈچ-قۇۋۋىتى، باتۇرلىقى،غەيرەت-جاسارىتى، قەيسەر-غەيۇرلىقىنى بەھەيۋەت كۆرسىتىدۇ.ئاياللار دۇنيانىڭ كۆركى-زىننىتى، ھاياتنىڭ تەمى-لەززىتى، بۇ دۇنيادىكى بەختنىڭ مېغىزى،. ئاياللار .ايالچە كىيىم بىلەن زىننەتلەنسە ئۆزلىرىنىڭ نازۇك لاتاپىتى، ھۆسنى -جامالى، ھايا ئىپپىتى، ئەخلاق -پەزىلىتى تېخىمۇ جەۋلان قىلىدۇ.قىز-ئاياللىرىمىز ئوز زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنى ، جەمىيەتتىكى بۇرچ-مەسئۇلىيىتىنى ، ئائىلىدىكى رولى-ۋەزىپىسىنى تونۇپ ئۆزىنى -ئۆزى قەدىرلىشى كېرەك. ئايال تۈزەلسە ئائىلە تۈزۈلىدۇ، جەمىيەت تۈزۈلىدۇ، ئەۋلاد تۈزۈلىدۇ، مىللەت تەرەققى قىلىدۇ. ئايال تاپتىن چىقسا ھەممە، ھەممە بۇزۇلىدۇ. دۇنيا ئانىلارنىڭ قولىدا، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى ئانىلاردا.ئانىلارنىڭ قانداق بولۇشى ئائىلىنىڭ ، بالىلارنىڭ تەقدىرى،خاراكتىرى،كەلگۈسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4.كىيىمنى پاكىز كىيىشكە ئادەتلىنىش كېرەك
پاكىزلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. پاكىزلىق ئادەمنىڭ جىسمى ، روھى، مۇھىتى، كىيىنىشى، تۇرمۇش ئادىتى، پەزىلىتى، مەدەنىيەت- سەۋىيىسى قاتارلىق كۈندىلىك ھەركەت ئىپادىسىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ياخشى پاكىزلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا ئىمانىمىز پاك، تېنىمىز ساغلام، روھىمىز جۇشقۇن، تۇرمۇشىمىز گۈزەل، ئائىلىمىز بەرىكەتلىك بولالايدۇ.تازىلىققا سەل قارىساق ، تېنىمىز ، روھىمىز، كىيىمىمىز،مۇھىتىمىز، ئۆيىمىز پاك بولمىسا، قىلغان تائەت-ئىبادىتىمىزمۇ مەقبۇل بولمايدۇ.
ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى تەكىتلەيدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ پاك-پاكىز، گۈزەل مۇھىت،گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كىيىمنى پاكىز كىيىش، بەدەننى پاكىز تۇتۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسىل پەزىلىتىدۇر.

5.كىيىمنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ كىيىش ۋە شۇنداق ئادەتلىنىش كېرەك
ھەممە ئىشنى ئوڭدىن باشلاپ قىلىش، كىيىمنىمۇ ئوڭدىن باشلاپ كىيىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھىساپلىنىدۇ. ھەر-بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ھەر قانداق ئىش قىلىشتا پەرۋاردىگارىمىزنىڭ مۇقەددەس كالامى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ سۈننەتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ قۇرئاننىڭ ھىدايەت نۇرى كۆرسەتمىسى بويىچە بارلىق ھاياتلىق، تۇرمۇشلۇق ئىشلىرىمىزنى سەرەمجان قىلساق ئاللاھقا يېقىنلىشالايمىز، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلەيمىز، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرى قاتارىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولالايمىز.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىدىن، ئۆزلۈك مەدەنىيىدىن، ئىسىل ئۆرپ-ئادىتىدىن پەخىرلىنىشنى بىلمىگەن ئىسىل مەدەنىي مىراسلارغا توغرا ۋارىسلىق قىلىش ، ئۇلاردىن ئىجادىي پايدىلىنىشنى بىلمىگەن ،خالىمىغان ئەۋلاد ئۆز ئەجدادىغا ئاسىيلىق قىلغان ھىساپلىنىدۇ.


مەنبە:«جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلى

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:44:34

چاكىنا كىيىم كەيگەنلەرنى تىللاپ-قاخشاپ زېرىكىپ كەتتۇق. يەنىلا  ئەۋرەتلىرىمىزنى ياپقان ھالدا چىرايلىق كىيىم كىيىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
بەت: [1]
: مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم كىيىش ئەدەپلىرى