شادىمان يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:11:41

(شادىمان)؛ قازان بېشىدىن يىراق،بەختتىن يىراق


قولى گۈل ئاياللار ئائىلىنىڭ بەخت گۈلى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتكە تولغان پاك قەلبى بىلەن ئائىلىگە شادلىق بېغىشلاش بىلەن بىرگە چىۋەر، چاققان، ئىشچانلىقى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئائىلىگە ئىللىقلىق ۋە مۇھەببەت بېغىشلايدۇ. بىر ئائىلىنىڭ بەختلىك ئائىلە بولۇپ يارىلىشىدا ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى بەكمۇ چوڭقۇر ۋە مۇھىم. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ كاپالىتى. بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن قولايلىق شارائىتقا ئېرىشكەن بولساقمۇ، ھايات قاينىمىدا يەنە نۇرغۇن خىرىسلارغىمۇ ئۇچراۋاتىمىز.
ئەتراپىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، كىشىلەر ئارىسىدا ياشلار ئىچىدىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەر بىر كىشى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بەلكىم ياشلار ئىچىدە ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئاساسىي سەۋەب يەنىلا ئۆزىمىزدە. ئەلۋەتتە ھەر قانداق ياخشى- يامان ئىشنىڭ، بولۇپمۇ يامان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ناھايىتى ئاقىلانىلىكتۇر.
ھازىر تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ياشلىرىمىزغا ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىكتەك مەلۇم دەرىجىدىكى تەييارتاپلىق، ھۇرۇنلۇق خاھىشىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك قارىماققا ئاددىي مەسىلىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز "ئايال كىشى داستىخاندىن ئىززەت تاپىدۇ" دېگەندەك ھېكمەتلەرنىمۇ بىزگە قالدۇرغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان داستىخان مېھمانلارنى ئېسىل تائاملار، خۇش چىرايلار بىلەن كۈتۈشكە قارىتىلغان. شۇڭا، تاماق ئېتىشكە ئۇستا بولۇشمۇ مۇكەممەل ئايال بولۇشتىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە بۇ شەرت ھازىرمۇ كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. چۈنكى، ئائىلىدە تاماق ئەتكەندە ئائىلە ئەزالىرى تاماق يېيىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلىگە دېگەن قەرەلدە جەم بولىدۇ. تاماق ئېتىش جەريانىدا ئەر بىلەن ئايال قول- قولچە ھەمكارلىشىپ، بىر- بىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇھەببەت ئاشخانىدىنمۇ باشلىنىدىكەن. ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش نىكاھ ۋە ئائىلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئاشخانىدا بىللە تۇرغان ۋاقتى ھەر قانداق ۋاقىتتىنمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدىكەن. شۇڭا، ئۆيدە تاماق ئەتسىڭىز، سىرتتا باشقىلار بىلەن تاماق يېيىش پۇرسىتى ئاز بولىدۇ. نەتىجىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتىمۇ كۆپ بولىدۇ.

تاماق ئەتمىگەن ئۆي ھەر قانچە ئايۋان-ساراي بولغان تەقدىردىمۇ، كىشىگە بوران چىققاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، تاماق ئېتىلمىگەن ئۆي ئىللىقلىق ئاتا قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئەرلەر قورساققا ئامراق بولىدۇ، بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن ئايالىنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقىدىن ئالەمچە سۆيۈنىدۇ، تاماق ئەتمەيدىغان ئۆينىڭ بەرىكىتىمۇ بولمايدۇ. دېمەك، ئۆيىڭىزدە تاماق ئەتمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى سەل چاغلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.
• يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭىزدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى، رومانتىك تۇيغۇلار بەزىبىر ئاجىزلىقلارنى قوغداپ قالىدۇ. بىراق، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ رېئاللىققا قايتىپ كېلىسىز، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى كۆپىنچە پائالىيەتلەر ئائىلىدە بولىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ماددىي تەلەپلەرنىڭ بىرى ئائىلىسىدە ئاغزىغا تېتىغۇدەك تاماق يېيىشتۇر. بۇ تەلەپ ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئايال بولغان ئىكەنمىز، خىزمەت ئورنىمىزنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشى ياكى خىزمىتىمىزنىڭ قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تاماق ئېتىشتە بىز چوقۇم باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك.
ئائىلىدە تاماق ئېتىش ئادەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، ئەگەر سىز خىزمەتتە پەۋقۇلئاددە ئالدىراش بولۇپ قالسىڭىز، ئادەتكە ئايلانغان زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ئېرىڭىزمۇ بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئائىلىدە تاماق ئېتىشقا شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەرگىز تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھوقۇقىڭىزدىن باش تارتماڭ. سىز ئوخشىتىپ ئەتكەن شۇ تاماقلارمۇ ئېرىڭىزنى ئۆز ئۆيىگە مەھلىيا قىلىدۇ، ئائىلىدە تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن سىز بولمىسىڭىز بولمايدىغان، ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن مۇھىم ئەزالىق رولىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز. ئۇنداق بولماي ئالدىراشچىلىقلارنى باھانە قىلىپ ھە دېسىلا تېز تاماقخانىلارغا يۈگۈرسىڭىز سىزنىڭ ئۇ ئۆيدە بولۇش- بولماسلىقىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئۆيگە ۋاقتىدا كېلىش-كەلمەسلىكى ئادەتتىكىلا ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ ئەتكەن مەززىلىك تاماقلىرىڭىزنى يېيىش ئۈچۈن كۈندە ئۆيگە كېلىپ ئادەتلەنمىگەن، كۆڭلىدە قالغىدەك مەززىلىك تاماقنى سىز ئۇنىڭغا ئېتىپ بېرەلمىگەن، سىز ئۇنى ھە دېسىلا تېز تاماقخانىلاردا تاماق يېيىشكە كۆندۈرگەن. ئۇ ئويلاپ باقسا ئانىسىنىڭ ھېلىقى ئوخشىغان تاماقلىرى، كۈندە سەھەر تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى، ئانىسىنىڭ ئاتىسىغا قىلىدىغان غەمخورلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دەقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشلىرى كۆز ئالدىغا كېلىپ، سىزدىن ئاستا- ئاستا قۇسۇر ئىزدەشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا سىز تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. چۈنكى، ئۇ قۇسۇر ئىزدىگەندىن كېيىن سىزمۇ جىم تۇرمايسىز ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغۇق ئۇرۇشنىڭ دەستىدىن مۇزلىغان كۆڭۈللەرنى ئىللىتالماي، مۇھەببىتىڭىز خىرىسقا ئۇچراپ، ھېسىياتتا پارچىلىنىش بولۇپ، سىزدە تارتىشقىدەك بىرەر تەرىپىڭىزنى تاپالمىغان ئېرىڭىزنىڭ سىزنى تاشلاپ كېتىشتىكى بىمەنە سەۋەبلىرىنى كۈچەيتىشكە سەۋەبچى بولۇپ قالىسىز.
ھازىر ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك ياكى ئائىلە ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلماسلىقتەك ئەھۋاللارغا خىزمەت بېسمىنىڭ ئېغىر، رىقابەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈرتكە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆز بەختىمىز، ئائىلىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، ئائىلىدە تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت مۇھىم  ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايسىز ھەمدە يولدىشىڭىزغا، ئائىلىڭىزگە بولغان ساداقىتىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن نامايەن قىلالايسىز.


گەرچە تاماق ئېتىش بەزىدە ئادەمنى سەل ھاردۇرۇپ قويسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر كۆڭۈللۈك ئىش. بولۇپمۇ ئۆزىڭىز ئەجىر قىلىپ ئەتكەن مەززىلىك تامىقىڭىزنى يولدىشىڭىزنىڭ ماختاپ تۇرۇپ مەززە بىلەن يىگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، تاماق ئېتىش جەريانىدىكى چارچاشلىرىڭىزمۇ ئاللاقاياقلارغا يوقاپ، ئۆز- ئۆزىڭىزدىن بىر خىل سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمىسىز.   شۇڭا، تېز تاماقخانىلاردىن يىراق تۇرۇپ، قازاق بېشىغا يېقىن بولۇڭ. شۇندىلا ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختىڭىزگە ئاساس سالالايسىز ھەم ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت قوغدىيالايسىز.
مەنبە:  مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى.  

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 23:58:58

بۇرۇن يەنى ئاتا-ئانامنى يېنىمىزغا ئەكەلمەستە، بىزمۇ كۆپىرەكى سىرتتىن يەيتۇق، چوڭلار كەلگەندىن باشلاپ، ئاپام بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ مېھرى مۇھەببىتى، ئايالنىڭ ئەتكەن ئەشۇ بىر ۋاق تامىقى بىلەن چوڭقۇرلىشىدۇ، مەيلى ئۇ تاماق ئاشخنىدىكىدەك ئېسىل قورۇما بولمىسىمۇ، قۇرۇق سەي بولسىمۇ، ئەر شۇنى ناھايتى لەزەتلىك ھېس قىلىپ يەيدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن مېھىر- مۇھەببەت كۈچىيىدۇ، ئائىلىنىڭ بەركىتى بولىدۇ دەپ، تولىسى ئۆيدە ئېتىۋاتىمىز.

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:01:33

بۇ ئەسەر دىلبەر ناسىر نەۋرىزە ھەدىمىزنىڭ يازمىسى ئىكەن.
ھەقىقەتەن شۇنداق.
تاماق ئەتمىگەن ئۆينىڭ بەرىكىتى ۋە ئىللىقلىقى بولمايدۇ.

[ peacelife212 بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:38  دە تەھرىرلىگەن. ]

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:40:21

مەنمۇ دەسلىپىدە بۇ ئەسەرنى نەدە ئوقۇغاندىمەن، كىمنىڭ ئەسىرى بولغۇيتى دەپ، ئۇزاق ئويلاندىم، ئەمما peacelife212 ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ ئاندىن ئېسىمگە كەلدى، بۇ ئەسەرنى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، ئاۋال ئۆزۈمنىڭمۇ بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرقى زاماننىڭ ئالدىراشلىقى ۋە ھەر خىل بېسىملار تۈپەيلى قازان بېشىدىن يىراقلاپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ تولىمۇ خىجىللىق ھېس قىلغان ئىدىم.
بۈگۈن بۇ يەردە شادىمان قىزنىڭ ئەجرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ھوزۇرلاندىم.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:30:26

    شادىماننىڭ بۇ تېمىسىغا ئولتۇرۇپ تازا بىر ئىنكاس يازغۇم بار ئىدى، بۈگۈن نېسىپ بولۇپتۇ. يەنە بىر قېتىم دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، ئاياللار تورى چوقۇم مۇشۇنىڭدەك مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىش كېرەك، شۇندىلا جەلىپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

    قازان بېشى بۇرۇندىنلا ئاياللارنىڭ ئىللىق ماكانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئاياللار ئۆز مېھرىدىكى ئىللىقلىقنى ئائىلىگە سەرىپ قىلىپ،  ئەر ۋە پەرزەنىتلىرىنى رازى قىلىپ،  ئۇلارنى ئۆي تامىقىدىن باشقىنى يېمەيدىغان ھالەتكە ئەكەلدۈرىۋەتتى(ئەلۋەتتە ئاشۇ ئاياللارغا مەستلىكىم كېلىدۇ). ئەمما بەزىلىرىمىز جىددى خىزمەت ۋە تېزلىشىپ كېتىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تەسىرىدە ئۇنداق قىلىپ بولالمايۋاتىمىز. ھازىر كۆپىنچە ئائىلىلەردە بىرلا بالا، ئۈچلا ئادەم بولغاندىكىن خىزمەتتىن چۈشۈپلا تېز تاماقخانىلارغا يۈگىرەپ ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كىرىپ، كومپيۇتېرغا دۈم چۈشىدىكەنمىز، قارىسىڭىز ئۆينىڭ ئىچى بىر يەرلىرى سوغۇق چىراي بىلىنىۋاتقان، ئىللىقلىق يوقتەكلا. ئۆيىمىزدە بىر ئائىلە كىشىللىرى جەم بولۇشۇپ تاماق ئېتىشىپ يېسەك باشقىچە ھوزۇر بىلىنىۋاتقان، ئۆينىڭ ئىچىمۇ ئىللىقلىققا تولۇپ، مېھرى ئىسسىق بىلىنىۋاتقان. ئەسلىدە يەنىلا بۇزىدىغان ھەم تۈزەيدىغان ئۆزىمىزكەنمىز. قايسى بىر يىلى شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدا ”ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتاي دېسەڭ، ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئۇت“ دېگەن ماقالنى كۆرۈپ شۇنداق تەسىر قىلغان. راستلا ئەرلەر ئۈچۈن قورساق ئەڭ مۇھىمكەن، ئىسسىق ئوخشىغان بىر قاچا تاماق ئۇلارنى چىن دىلىدىن خۇشال قىلىپ، بىزگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدىكەن. مەن بولسام ئامال بار سىرتتا تاماق يېيىشنى ئازلىتىپ ئۆيىمىزدە يېيىشكە تىرىشىمەن. جاپا تارتسىڭىزمۇ پاكىزە، ئىسسىق تاماق دېگەن جانننىڭ راھىتىكەن. ئاپاممۇ دائىم ئۆيدە تاماق ئېتىپ يەڭلار دەپ قاخشاپ قوياتتى، ئۆزەممۇ نېرىمدىن ھورۇنلاردىن بولمىغاندىكىن ئانچە سىرتلارغا چېپىپ كەتمەيمەن، ئۆيدىكىلەرنى ئۆيدە يېيىشكە دەۋەت قىلىپ دېگەندەك. ئارام كۈنلىرى ئامال بار ئادەتتىكى تاماقلارنى ئەتمەي، قول تۇتىدىغان، مۇرەككەپ تاماقلارنى ئېتىپ چوڭ ئۆيلەرگە سۇنۇپ ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتىمەن، بۇ ئادەتنى ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە بەزىدە ھېرىپ قالىدىغان، يېڭى ئاچقان تېز تاماقخانىلارنىڭ تامىقىنى تېتىپ باققۇڭىز كېلىدىغان چاغلار بولىدىكەن، ئەمما مۇۋاپىق دەرىجىدە بولسا يەنىلا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايمەن. ئۆيدە تاماق ئېتىپ يېسە ئۆينىڭ بەرىكىتى بولىدىكەن، ئەكسىچە سىرتتا يەۋەرسىڭىز پەقەتلا بەرىكەت بولمايدىكەن. ئۇن، ماي، گۈرۈچلەر تۈگەپ تۇرىۋاتقان، ئەكىرىپ تۇرىۋاتقان. شۇنداق بولسا ئادەم بىر خىل ئىللىق ھېسسىياتتا بولىدىكەن، مەن شۇنداق ھېس قىلىمەن. بالا كىچىك چاغدا تولا چوڭ ئۆيلەردە بولۇپ قالاتتۇق، ئىككى ئادەمنىڭ 5000 يۈەنگە يېقىن مۇئاشى يەتمەي دېگۈدەك زادى. ئۆيدە تاماق ئېتىلىپ تۇرسا ئەسلى بەرىكەت دېگەن شۇكەن. ھازىر شۇنداق ھېس قىلىپ قالدىم. پۇللارمۇ يېتىدىغان، ئېشىنىدىغان بولىدىكەن. شۇنىڭغا قارىغاندا قازان بېشى دېگەن ناھايىتىمۇ ئىللىق، مېھرى ئىسسىق ماكانكەن، ئاياللار چوقۇم بۇ يالغۇز كىشلىك ماكانىمىزنى ياخىشى تۇتۇشقا تىرىشساق بەخىتتىن يىراقلاپ كەتمەيمىزغۇ، دەپ ئويلايمەن.

月花 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:00:53

مەن بۇنداق مۇھىم تىمىنى ئەجەپ كىچىكىپ  كورۇپتىمەن ،مەنمۇ تاماق ئىتىشنى  ياخشى كورەتتىم ئەمما ئويدە  تاماق ئتىشنىڭ بۇنچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمەپتىكەنمەن

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 14:52:37

سىزنىڭ يۈكىڭىز بىزدىنمۇ ئېغىر. دېدىمغۇ ھەممىنى جايىدىراق نورمال ئېلىپ مېڭىڭ، دەپ. بەك ئاشۇرىۋەتسىڭىز بويىغا تاشلايدۇ. "موللامنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما".
بەت: [1]
: (شادىمان)؛ قازان بېشىدىن يىراق،بەختتىن يىراق