بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سىرى
بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سىرى/uploads/allimg/100804/1TR26247-0.jpg
كىچىك بالىلار نېمە ئۈچۈن كارتون فىلىم كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ؟
ئۇلارنىڭ كارتون فىلىم كۆرۈشى بىلەن چوڭلارنىڭ كارتون فىلىم كۆرىشىدە قانداق پىسخىلوگىيلىك ئوخشىماسلىق بار ؟يېقىندا ئېلىمىز ئالىملىرى بۇ سىرنى يېشىپ چىقتى .كىچىك بالىلار تەقلىدى ئوبرازلار ياراتقان كارتون فىلىمنى كۆرگەندە ، ئۇلارنىڭ مېڭسىنىڭ ئالدى ياپراقچىىسى قوزغىلىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىدۇر .
بېيجىڭ داشۆ پىسخولوگىيە فاكۇلتىتىدىكى خەن شىخۇي قاتارلىق تەتقىقاتچىلار 10 ياش ئەتراپىدىكى ئون نەپەر ئۆسمۈر بالىنى(بۇنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرى ئوغۇل ، بەش نەپىرى قىز) تەتقىقات ئوبىكتى قىلىپ تەتقىقات ئىلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار بالىلارغا راس ئادەم رول ئالغان كىنو فىلىم بىلەن كارتون فىلىم قويۇپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ مېڭە قوزغىلىشىنى تەكشۈرگەن ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ مېڭە ئالدى ياپراقچىسى مەيلى كىنو كۆرسۇن ياكى كارتون فىلىم كۆرسۇن ھەممسىدىلا قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرغان .ئەمما چوڭ ئادەملەرگە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن سىناق ئىلىپ بارغاندا، راس ئادەملەر رول ئالغان كىنو فىلىملەرنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ مېڭە ئالدى ياپراقچىسى قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزى كۆرىۋاتقان فىلىم ۋەقەلىكىگە قارىتا ئىش قوشۇش ئېلىپ بېرش ھالىتىدە بولغان (مەسىلەن : ھېكايە ۋەقەلىكى قايسى تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ ، پىرسىنوناژنىڭ مەخسىدى نېمە؟،،،،دىگەندەك ). ئەمما كارتون فىلىم كۆرگەندە بولسا ئۇلارنىڭ مېڭە ئالدى ياپراقچىسىدا قىلچمۇ ئىنكاس بولمىغان ھەم قوزغالمىغان .
مانا بۇ 10 ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرىشىنىڭ سەۋەبى.
كېلىش مەنبەسى: كارتون مۇنبىرى. مېنىڭ ئالدى مېڭە ياپراقچام ھازىرغىچە جىددى قوزغىلىش باسقۇچىدا.
كارتۇن فىلىمدىكى ئوبرازلار ھەقىقى تۇرمۇشتىكى كىشلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ھەجۋىيلەشكەن كۆرىنىدۇ. ھەمدە يۈگۈرۈپ چىقاپلا تالادا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلار راست ئادەملەرگە قارىغاندا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئوبيكىت.
ئەمما ئوخشاش بىر كارتون فىلىمنى 10 ياشلىق ئۆسمۈرگە 1 قېتىم قويۇپ بەرسە مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ كۆرىدۇ. 2-قېتىم قويۇپ بەرگەندە قىزىقىپ تۇرۇپ كۆرىدۇ (چۈنكى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئاقساقاللىق قىلىپ دەپ ئولتۇرىدۇ)، 3-قېتىم كۆرگەندە ئازراق زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ. 4-قېتىم قويۇپ بەرگەندە مېنىڭچە كۆرگىسى كەلمەيدۇ.
بۇ يەردىكى مىڭە ئالدى ياپراقچىسىنىڭ قوزغىلىشى پەقەت كارتون فىلىمغىلا قوزغىلىدۇ دىگەن نەزىرىيىسىگە يەنە ئازراق ماسلاشتۇرۇپ، يىڭى بولغان كارتون فىلىملەرگە قوزغىلىدۇ دەپ ئەسكەرتىش كېرەكتەك قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق ئويلىدىم. مەن ھېلىلا تېخى كارتۇن فىلىمدىن بىرنى كۆرۈپ تۈگەتتىم :) :) ئالدى مىڭە ياپراقچىلىرىڭىز تولا تىترەپ چارچاپ كەتكەندۇ ھە :lol مەنمۇ كارتون فىلىملا كۆرىمەن سەۋەبى پەقەت كارتون قىلىملا يازغۇچىنىڭ پىكىرىنى چەكسىز ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ منىڭ بالاممۇ كارتون فىلمگە شۇنداق بەك ئامراق ،كارتون فىلمنى ئەتتىگەندىن كەچكىچە كۆرسمۇ زىرىكىپ قالمايدۇ،يەسلگە بارىدغان چاغدا ئەتتگەندە كارتون فىلم قۇيۇپ بەرسەم چاچراپلا ئورنىدىن تۇرىدۇ.
بەت:
[1]