گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:24:09

ئۇيغۇر شىۋىلىرى توغرىسىدا

شىۋىلەر بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان مىللىي تىلنىڭ ئۇلى. بەزى مىللىي تىللار بىر قانچە شىۋىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز- ئارا ئايرىملىقلارنى ئازايتىپ ئورتاقلىقلارنى كۆپەيتىپ، بىر-بىرىگە يېقىنلىشىش ئارقىسىدا، ئۇلاردىن مەلۇم بىر شىۋىنى ئاساس قىلغان ھالدا شەكىللىنىدۇ.

ئەمسە مۇنبەردىكى يۇرت- يۇرتتىن كىرىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىدىن بىر قانچىنى دەپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى دەپ بېقىشىنى سورايمەن.

شادىمان يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 15:11:16

ئەپپىي، مەن بىرىنچى بوپ باشلايمەنمۇ-نىمە؟ ئۆزىڭىز بېشىدا نەچچە ئېغىز گە قىلىپ باشلابەمەي گۈلسەنەم  ساخو  قىزنى  قىۋاتقان  قىلىقىنى :lol

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 19:14:45

بىزنىڭ تۇرپان تەرەپنىڭ يەرلىك شىۋىسى قۇمۇل يۇرتلىرى بىلەن بىر قەدەر يېقىنلىشىپ كېتىدۇ.
ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققان قېرىنداشلىرىمىزنى چاقىرىشتىكى ئاتالغۇلىرىمىزدىن باشلاپ باقايلى.

باشقا يۇرتلاردا كۆپ ئىشلىتىدىغان بوۋا، موما ئاتالغۇلىرىنى بىزنىڭ تۇرپان تەرەپلەردە كۆپ ئىشلەتمەيدۇ.
بوۋا ، موما  بىزدىن ئالدىنقى بىر ئەۋلاد يەنى ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئالدىدىكى بىر ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە ئاتالغۇنى بىزدىن ئالدىنقى ئەۋلادلارنى چاقىرىشتىن باشلايلى:
ئاتا : بىزنىڭ تۇرپان تەرەپلەردە بىزدىن ئەۋۋالىقى بىر ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. يەنى باشقا يۇرتلاردىكى « دادا» ئاتالغۇسى بىلەن ئوخشاش.
ئاپا: بىزنى تۇغقان كىشىنى يەنە باشقا يۇرتلاردىكى « ئانا» ئاتالغۇسى بىلەن ئوخشاش.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە دادا ، ئانا  ئاتالغۇسىنى بىزنىڭ تۇرپان دىيارىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلايمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ بېرىدىغان مەناسى باشقا يۇرتلار بىلەن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
دادا: بۇ بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ ياكى ئاتىمىزنىڭ ئاتىسىنى كۆرسىتىدۇ، باشقا يۇرتلاردىكى « بوۋا»  ياكى « چوڭ دادا» ئاتالغۇسى بىلەن ئوخشاش.
ئانا:  بىزنىڭ ئاتىمىزنىڭ ياكى ئاتىمىزنىڭ ئاپىسىنى كۆرسىتىدۇ، باشقا يۇرتلاردىكى « موما »  ياكى « چوڭ ئاپا» ئاتالغۇسى بىلەن ئوخشاش.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى يەنە شۇكى، بىزنىڭ يۇرتلاردا « ھامما» ،« يەڭگە» ، « يېزنە» دىگەندەك يانداش قېرىنداش ئاتالغۇلارنىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ.
چوڭ ئاتا : بۇ بىزنىڭ ئاپىمىز ياكى ئاتىمىزنىڭ ئاكىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
چوڭ ئاپا: بۇ بىزنىڭ ئاپىمىز ياكى ئاتىمىزنىڭ ئاچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاتىمىز ياكى ئاپىمىزدىن كىچىك ئىنىلىرى ، سىڭىللىرىنى بىز « كىچىك ئاپا، كىچىك ئاتا» ياكى ئىسمىنى قوشۇپ «ئاتا،ئاپا» دەپ ئاتايمىز، يەنە بەزىدە ئىسمىنى قوشۇپ « ئاكا، ئايلا (ئاچا دىگەن مەنىدە)» دەپ چاقىرىمىز ھەم ناتونۇش كىشلەرگە تونۇشتۇرغاندا ئەسكەرتىپ قويىمىز، مەسىلەن: ئالىم ئاكام، ئاتامنىڭ بىر قۇرساق ئىنىسى بولىدۇ دەپ ئەسكەرتكەندەك.
تۇرپان دىيارىدا  يەرلىك شىۋىدە چاقىرىدىغان ئاتالغۇلاردىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار:
ئايلا- ھەدە، ئاچا
ئۈكەم- ئۇكام، سىڭلىم، ئىنىم
ئۇيۇق- ئۆينىڭ ئىچىدىكى تامدىن چىقىرىلغان بوشلۇق، ئادەتتە يېزا تەرەپلەردە ھازىرغىچە ساقلانغان، يوتقان، كۆرپىلەرنى يىغىپ تامدىكى ئۇيۇققا سېلىپ قويىدۇ.
تۈنۈك - تۈڭلۈك ، ئۆينىڭ تورىسىدىن ئۆگزىگە ئېچىلغان چاسا شەكىللىك تۆشۈك. ئادەتتە ئۆيگە يورۇق چۈشۈرۈش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش رولىدە ئىشلىتىدۇ.
مۆگە - مېۋە
ھايگان- ھايۋان
گاھ بوپ كەتتى- ۋاقىت بەك ئۆتۈپ كەتتى، كېچىكىپ كەتتى دىگەن مەنىلەردە
تىزا- پۇل،
جەندەن - چىۋەر، كەمتەر . ئەمما بۇ سۆزنى بىر قەدەر تونۇش بولغان، ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ياكى ئۆزىدىن كىچىك كىشلەرگە ئىشلىتىدۇ، ئەركىلىتىش ياكى ئامراقلىقنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە كەينىگە «گۇي» دىگەن سۆزنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: جەندەن گۇي بۇ . يامان گۇي بۇ  دىگەندەك .
كېپىش- ئاياق
چامچا- تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە تەۋەسىدە كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، كۆڭلەك دىگەن مەنىدە.
ئەپەندى - مۇئەللىم دىگەن مەنىدە، ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك يېرى شۇدۇركى، «ئەپەندى» سۆزى مۇئەللىم مەنىسىدە كۆپرەك قوللىنىدۇ، شۇڭا ئادەتتە جىنىس ئايرىمىسىغا ئانچە ئېتبار بەرمەي ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. مەسىلەن: ئۇ قىز ئەپەندىچىلىك قىلىدۇ ياكى ئۇ قىز مەكتەپتە ئەپەندىكەن ... دىگەندەك.
غالۇر- ئەلگەكتىن چوڭراق، قۇناق ۋە چوڭ شېغىل تاشلارنى تاسقايدىغان بۇيۇم.
پەنجىر- دەرىزە ياكى دەرىزىنىڭ رۇجەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
دالان- پەلەمپەي
كىلىت- ئاچقۇچ ، بىلىشىمچە قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاقلارمۇ ئاچقۇچنى كىلىت دەيدىكەن .
ياياق- پىيادە
تەك ۋە شۇڭ - تەك ئۈزۈم كۆچىتىنى، شۇڭ ئۈزۈمنىڭ ئىنچىكە شاخلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
پوخۋاش- ناتونۇش كىشلەرگە قارىتا كەمسىتكەندەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن، ئەمما يەرلىكلەر ئىچىدە بۇ ئادەت تىلى بولۇپ، ئادەم تىللاش مەنىسىدە ئەمەس. مەسىلەن : ھەي پوخۋاش، قاچان كەلدىڭ؟ . بۇ يەردە يېقىنلىرىغا دىسە بولىۋېرىدۇ. بۇ خۇددى ئاداش ياكى ئاغىينە دىگەندەك مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما تونىمايدىغان كىشلەرگە ئالدىراپ دىمەڭ، خۇددى كەمسىتكەندەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن. بۇمۇ قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ كەڭ، ئوچۇق يورۇق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يۈچۈن- باشقىچىلا، بۆلەكچىلا، غەلىتىلا دىگەندەك مەنىلەردە. مەسىلەن: يۈچۈنلا بالاڭزىكەنغۇ بۇ . مىجەزى غەلىتىلا ياكى بۆلەكچىلا بالىكەنغۇ بۇ دىگەن مەنىدە.
ماي- بۇ يەردە بەزىدە باتارىيىنى، بەزىدە ماشىنىغا قۇيىدىغان بېنزىن، ئەسۋاپلارغا قۇيىدىغان ماي ۋە تاماققا ئىشلىتىدىغان ياغ قاتارلىقلارغا بىۋاستە « ماي » دەپ ئىشلىتىدۇ. ( مۇنبىرىمىزدىكى باغرىم بىر قېتىم يانفۇننىڭ «يېغى» تۈگەپ كەتكەن دەپمۇ ئىشلەتكەن)
ھازىرچە كاللامغا كەلگىنى مۇشۇلار ئىكەن. داۋاملىق ئىنكاس يوسۇندا تولۇقلاپ ماڭايلى.

قاغانلارمۇ قاراپ ئولتاماي بىلگىنىڭىزلەرچە يېزىپ بېقىڭىزلار سىزلەرمۇ؟ :lol

پاراسەت يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:52:18

ما تېمىدا قايدا پاراڭلار بولىۋاتىدىكى دەپ چىسەم،ئودا ئالدىدەك قىزىپ كېتىپتۇ ئەمەسما:
-تىژلىقما،تىژ-تۇلىما؟
. . . . . . .
-ئا قايلا،شادىمان خېنىمنىڭ گەپلىرىنىڭ ئوماقلىقىنى.
. . . . . . .
-سايە غوجووووووم ،ئۆزلىرى تۇرپانلىق ئوخشىماملا؟
. . . . . . .
-ئاران ئىككى ئېدەم ئىنكاس يازسا،قاغانلار قايلاپ ئوتتادۇقما؟سىلىمۇ بىژ -ئىككى ئېغىز  گەپ قىپ قوياڭلىيە.(قەشقەردە)

قالايسىزغۇ،مېنى چىمىكى دەپ قاپتىكەنسىز ھە؟سىزنى مىشەدە با دەپتىكەن،شۇڭا چىدىم.بىللە بېرىپ راڭپىزا ئىچىپ كېلەمدۇق؟(بىزنىڭ مارالبېشىدا)

:handshake :handshake :lol

[ پاراسەت بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:54  دە تەھرىرلىگەن. ]

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:57:29

ۋۇيييۇۇ، ھەجەپ  قىزىق  پاراڭ  لار  بۇ  يەردىكەنغۇ ;P ;P ;P

مەن  ئاڭلاپ  شىۋىلەرنى  جىقراق  تونۇش  تەرەپتەرى  بولاي ~:P :P :P  قېنى مەرھەمەت~~~

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 13:17:25

خوتەن شىۋىلىرىدىن:
ھۆددەس؛ پەقەت دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدۇ. تۈنۈگۈن سىز دېگەن ئىش ھۆددەس يادىمدا قالماپتۇ؟
ئەمبەن؛ تاماق ئەتكەندە ئىشلىتىدىغان تاختا سۆزىگە ئىشلىتىمىز. ئەمبەننى تەييارلىغىنە قىزىم، لەغمەننى سالىمىز.:lol
گوللاش؛ ئالداش، مېنى كىچىك كۆرۈپ گوللاي دەۋاتامدۇ ما ئاداش:lol
ئېسىمگە كەلگەندە يەنە يازاي.

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:20:50

ئەمبەننى بىزنىڭ تۇرپاندا ئەمبەل دەپ ئالىمىز.
گوللاش ، گولداش دىگەن سۆزلەر بىزنىڭ بۇ يەردە كۆپ قوللىنىلىدۇ.
خوتەن شىۋىسىدىكى «ر» بىلەن تۇرپان شىۋىسىدىكى « ر » نىڭ ئوقۇلىشى ئازراق ئوخشىشىپ قالىدۇ ھە . يەنە قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسى تەرەپتىكىلەرنىڭ « ر » ھەرىپىنى ئىشلىتىلىشىمۇ خوتەن، تۇرپان تەرەپتىكىلەر بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:33:56

ئەمسە شۇ <ر> نى تۇرپانچە تەلەپپۇز قىلىپ بېقىڭە سايە ئەڭلاپ باقايلى :lol :lol

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:36:42

" ر " ھەرىپىنى " ئەڭلاپ" باققىلى بولماس ئەمدى.
بىزنىڭ يۇرتلارغا كەلگەندە، "ئەڭلىتىمىز" .:lol

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:18:52

ۋاي ھاھاھا.......... ما ئىككەيلەننىڭ ئىنكاسنى ئۇقۇپ قاقاقلاپ كۈلىۋەتتىمغۇ.
بىر چاغدا مۇنداق بىر تېپىشماقنى يوللىغان.
"ڭ" ھەرپىنى باش قىلىپ سۆز تۈزۈپ بېقىڭ دەپ، بىرسى "ڭا گاچا' دەپ يوللاپتىكەن سەت كۈلىۋەتكەنىدىم.:lol
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇر شىۋىلىرى توغرىسىدا