شادىمان يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:21:54

شادىمان؛ ئەپچىل رېتسىپلار

ئەپچىل رېتسىپلار
            __  زىيادە ئسسىق ، سوغۇق يېمەك _ ئىچمەكلەر چىشنى ئاغرىتىدۇ . بۇ چاغدا زەنجىۋىل ياكى سامساق سۈيى قاتارلىقلارنى ئاغرىغان ئورۇنغا قويسا ئاغرىق توختايدۇ .
            __   باش قاتتىق ئاغرىغاندا دورا تېپىلمىسا ، تۇز سېلىنغان بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە باش ئاغرىقى ئاستا - ئاستا توختايدۇ .
            __  ئېغىز قۇرۇپ كېكىردەك ئىشىسا ، يېشىل چاينى قېنىق دەملەپ ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە ياخشى بولۇپ قالىدۇ .
            __  قان تۇكۈرۈش ، تۇغۇتتىن كېيىنكى قانسىراش ، زەخىملىنىشلەر ۋە مەقىتىدىن قان كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، قوي قېنىنى پۇشۇرۇپ ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
            __  پۇتى تارتىشىدىغانلار دەرھال باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۈستۈنكى كالپۈكنىڭ ئوتتۇرىسىنى قىسىپ تۇرسا پۇت تارتىشىش ياخشى بولۇپ قالىدۇ .
            __  تېرە قىزىق ياغ ياكى قايناقسۇدا كۈيۈپ قالسا ، جاڭيۇ بىلەن ئۆسۈملۈك يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ .

                          مەنبە- ماتىرىيالدىن ئېلىندى.

جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:28:43

تۆت كۈن بولدى چىشىم ئاغرىپ، دوختۇرنىڭ يېنىدىن بېرى كېلەلمەيۋاتىمەن. بىر سىناپ باقاي شادىمانغا رھەمەت.

Jilwe يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:01:58

__  پۇتى تارتىشىدىغانلار دەرھال باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۈستۈنكى كالپۈكنىڭ ئوتتۇرىسىنى قىسىپ تۇرسا پۇت تارتىشىش ياخشى بولۇپ قالىدۇ .
بۇ دىگەنلىك پەي تارتىشقا كىرەمۇ؟ بىر سىناپ باقاي ، رەھمەت شادىمان .:lol
بەت: [1]
: شادىمان؛ ئەپچىل رېتسىپلار