بىز ئەجىلىمىز بىلەن ئۆلۈپ كېتەلەمدۇق؟
http://news.okyan.com/admin/upload/20101225041448.jpgبىز ئۆز ئەجىلىمىز بىلەن ئۆلۈپ كېتەلەمدۇق؟ بۇ سوئال ناھايىتى كۈلكىلىك بولىشى مۇمكىن،ئەمما ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر بىزگە بۇنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بەردى. سەن ھېس قىلىپ يېتەلىدىڭمۇ؟ ئەتراپىمىزدىكى تونۇش كىشىلەر جىممىدىلا كېتىپ قالدى.
بايرامدا، 5-6 ساۋاقدىشىم بىلەن ئولتۇردۇم، 10 نەچچە يىل كۆرۈشمىگەچكە، سېغىنغانلىقىمىز سۆزلىرىمىزدىن چىقىپ تۇراتتى. بىز ئەلۋەتتە ئولتۇرۇشقا كېلەلمىگە.، يەنە مەڭگۈ كېلەلمەيدىغان ساۋاقداشلار توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. بىزنىڭ سىنىپتا 3 ساۋاقدىشىمىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى، بىز بىلەن قايتا كۆرۈشەلمەيتتى. ئەمدى 30 نەچچە ياشقا كىرىپلا نېمىشقا قېرى ئاتا-ئانىسى، ئايالى، بالا-چاقىسىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ؟ ئۆلۈپ كەتكەن بىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى دوست ئىدىم.
ئۇ چاغلاردا، دوستۇم ناھىمىزدىكى دېھقانچىلىق دورىسى زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى، خىزمىتىنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق كېتىۋاتاتتى. كېيىن ئۇ ماشىنا سېتىۋالدى، خىزمىتىدىن سىرت ئۆزى دېھقانچىلىق دورىسى ماگىزىنى ئاچتى. دېھقانچىلىق دورىسى سېتىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ سىچۈەندىكى بىر دېھقانچىلىق دورىسى زاۋۇتىنى كۆتۈرەگە ئالدى، ئەمما ئەمدىلا توختامغا ئىمزا قويۇپ بولىشىغا، ماشىنا ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى.
ئۇ كۈنى كەچتە، دوستۇمنىڭ قىزى كېسەل بولۇپ قالغان ئىدى، ۋاقىتنى تېجەپ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن، قىزىغا دورا ئاپىرىپ بەرگۈچە ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدىگەن ئىدى. ئۇ ماڭغان يول رېمونت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئۇ خىيالىدا سودا ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كەتكەچكە، ئالدىدىكى توساقنى كۆرمىگەن ئىدى. بايقىغان چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى. ۋاپادار ئوغۇل، ياخشى ئەر، كۆيۈمچان ئاتا بولۇپ، ئاتا-ئانىسى، ئايالىنى ۋە بالىسىنى ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان ئىدى.
كەچتە دادام بىلەن مۇڭداشتىم، دادام قايغۇرغان ھالدا كەنتىمىزدىكى 2-ئەترەت جايلاشقان خالتا كوچىدا 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مەن چۆچۈپ كەتتىم، ئىككى ئاي ئۆيگە قايتمىسام نېمىشقا مۇنداق بولۇپ كەتتى؟
دادامنىڭ دېيىشىچە، 3 ئادەم راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە بىرى دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ ئۆلىۋالغان.
بىر خالتا كوچىدا 3 ئادەمنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشى ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بالىسى بار 30 نەچچە ياشلىق ئايالمۇ بار ئىدى. نېمىشقا مۇنچە كۆپ ئادەم راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، يېزىلىقلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ دېگەن ئىدىغۇ؟
يېزىلىقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشى كىشىلەرنىڭ يېزا ھاۋاسى ساپ، باققان توخۇ، ئۆردەك، غازلىرى تەبىئىي يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، يەيدىغان يېمەكلىكلىرىگە دېھقانچىلىق دورىسى بېرىلمىگەن، بۇلغانمىغان دەپ قارىغانلىقىدا بولىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنلا ئۇنداق ئەمەس بولۇپ كەتتى.
ئالدى بىلەن يېزىلاردا تېرىلىدىغان كۆكتات، ئاشلىقنى ئېلىپ ئېيتساق، ھەممىسى دېھقانچىلىق دورىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەممىسىنى دېھقانچىلىق دورىسىغا تايىنىپ تېرىپ ئۆستۈرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ: كۈدىگە كۈندە دورا ئۇرۇشى كېرەك، خاسىڭ، كۆممە قوناق ئۇرۇقىنى دېھقانچىلىق دورىسىغا چىلايدۇ؛ پۇرچاق، تەرخەمەككە نەچچە كۈندە بىر قېتىم دورا ئۇرۇشى كېرەك......
يەنە دېھقانلار باققان توخو، ئۆردەك، غازلارنى ئېلىپ ئېيتساق، قايسى بىرى يەم-خەشەك بىلەن بېقىلمىغان؟ تۇخۇملاندۇرۇش ساندۇقىغا سالغاندىن باشلاپ، تۇخۇملار ئەجدادلىرى ئەزەلدىن سۆمۈرۈپ باقمىغان « يۇقىرى تېخنىكىلىق » ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىدۇ.
كۆكتات، زىرائەتلەرگە دېھقانچىلىق دورىسى بېرىلىدۇ، توخو، ئۆردەك، بېلىقلار يەم-خەشەك بىلەن بېقىلىدۇ، بۇ بىزنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىچكىنىمىز بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ؟ كېسەل بولۇپ قالمىساق ئاندىن ئەجەبلىنەرلىك ھېس قىلساق بولىدۇ!
دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ ئۆلگەن بىرسىنى بىئەجەل ئۆلدى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما بىئەجەل ئۆلۈمنىڭ ئارقىسىدا زۆرۈر ئامىللار بار. ئۇ كۈنى، بۇ ئايالنىڭ ئېرى مەست بولۇپ قېلىپ قوشنىسى بىلەن جېدەللەشكەن، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يۇۋاش، تىرىشچان ئايال ئېرىنى ئەيىبلىگەن، ئىسپىرت تەسىرى تېخى كەتمىگەن ئەر ئايالىنى قاتتىق دۇمبالىغان.
ئۇ ئەر ناھايىتى نامرات بولۇپ، ئايالى يېڭى كەلگەندە ئۆيىمۇ يوق ئىكەن، ئايالى نەچچە يىل تېجەشچانلىق بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا كاھىش بىلەن چوڭ ئۆي سېلىۋالغان، ئەمما ھويلىسى يوق ئىكەن. ئايالى ئەسلىدە يەنە تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، خىش سېتىۋېلىپ ھويلىنى سېلىۋالماقچى بولغان. بىراق، ئېرى زەھەرخەندىلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئايال دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىپ ئۆلىۋالغان.
تۇرمۇش بېسىمى ئەرنىڭ مىجەزىنى چۇس قىلىپ قويغان ئىدى، تۇرمۇش بېسىمى چىرايلىق ئايالنى ئۇۋالچىلىقلارغا چىدىيالماس قىلىپ قويدى. بۇ دەل بىئەجەل ئۆلۈمدىكى مۇقەررەر ئامىل ئىدى. بۇ ئامىللار كۆپ قىسىم يېزىلىقلارنى ۋە شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرنى چارچاتتى، ئازابلىدى!
كېسەللىك، بېسىم، ئارزۇ-ئىستەك ۋە كۈتۈلمىگەن بالا-قازا ھازىرقى ئۆلۈم بابىدىكى ھەل قىلغۇچ سۆزلەر، بۇلارنى بىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە، ھاياتنىڭ ئىچكى ماسلىشىشچانلىقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تەبىئەتكە قايتىپ، ھاياتنى نورمال يولغا سېلىش، زىرائەتلەرنى تەبىئىي ئۆستۈرۈش، توخۇ، ئۆردەكلەرنى ئاستا-ئاستا چوڭ قىلىش بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئەجىلىمىز بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىمىزگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
مەنبە: ياڭ فۇچېڭ(杨福成) قەلىمىدىكى بۇ ماقالىنى «فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى.
كېلىش مەنبەسى: ئوكيان تورى. ئاللاھ ئىگەم بىرىمىزگە بىر خىل ئەجەلنى بېرىدىكەن ، ئەرزائىل ئالدىدا شۇ ئەجەللىرىمىز بىلەن جان بېرىمىز ، بۇ ئاللاھنىڭ قولىدىكى مۇتلەقلىق . مەن شۇنداق ئۆز قولىدا ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلغانلارغا قاراپ ھەيران قالىمەن، يېقىندا مېنىڭ چوڭ ئوغۇل قېرىندىشىمنىڭ يېقىن دوستى ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ياش يىگىت قىمارغا كىرىشىپ قېلىپ ئىدارىنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى ئىشلىتىپ قويغان، شۇ سەۋەپلىك ئوماق قىزىنى ۋە ۋاپادار ئايالىنى، ئۇرۇق- تۇغقان، قېرىنداشلىرىنى ھەسىرەتتە قالدۇرۇپ ئۆلىۋالغان. ھەي.... ئۇلۇغ خۇدا، ھايات دېگەن شۇنچە گۈزەل، ئۇنىڭ مىلودىيىسى شۇنچە يارقىن تۇرسا نېمىشقا ئۆلىۋالىمىز؟ ئۇنداق قىلغانلار ئاللاھقا يۈز كېلەلمەيدۇ. بىزگە شۇنداق بىر ياشاش پۇرسىتىنى بەرگەن تۇرسا.
ئۇلۇغ ئاللاھ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلىسۇن! خۇدا، ئىمانىمىز بىلەن كىتىشكە نىسىپ قىلغايسەن، ئاسان ئۈلۈم، ئاسان ئاغرىق بەرگەيسەن، ئۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا ھەج قىلالىغۇدەك پۇرسەت بەرگەيسەن. بىر پال سېلىش ئويۇنى باركەن. تۇغۇلغان كۈنۈمنى كىرگۈزۈپ بەرسەم، مېنىڭ ئىلگىركى ھاياتىم ۋە ئۆلۈم سەۋەبىمنى قىياس قىلىپ بېقىپتۇ.
جاۋابى : 你前世是个将军的侍从,将军死了之后,没脸见军中弟兄拔剑自刎
( سىزنىڭ ئەۋۋالقى ھاياتىڭىز بىر سانغۇننىڭ خاس نۆۋكىرى، سانغۇن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قوشۇنغا قايتىشقا يۈزىڭىز چىدىماي خەنجەر بىلەن ئۆزىڭىزنى قەتلى قىلىۋالغان).
دىمىگەن بىلەن ۋاپادارلىقىمغۇ بار مېنىڭ .
بۇ ئويۇننىڭ قىزىق يېرى، بۇ ئۆمرىدە قانداق سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ قىياس قىلىدىكەن. ئۇھ، ھەممە نەرسىگە قىزىقىدىغان بۇ خارەكتىرىم بىلەن بۇنى داۋاملىق سىناب باقماسلىقىم مۇمكىنمۇ.
جاۋابى : 你因为减肥而吞下一条蛔虫,结果受不了蛔虫在肚里爬来爬去,痒痒死。
(سىز ئورۇقلاش ئۈچۈن بىر مەددە قۇرۇتنىڭ يۇتىۋالىسىز، ئەمما قۇرۇتنىڭ ئىچىڭىزدە ئۆمىلەپ يۈرىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، قىچىشقاق بولۇپ ئۆلىسىز... ئاغزىڭغا تاش ئەبلەخ!!!).
بۇلارغۇ بەرىبىر ئويۇن خالاس، ئەمدىكىسى قانداق ئۆلۈپ كېتىش ئەمەس، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋال قىلىشقا تىگىشلىك قانداق ئىشلار قالغان، قانداق شارائىتتا قانداق بىر سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈش قاتارلىقلار بەلكىم بىزگە تېخىمۇ نەپ بېرىدىغان تەپەككۈر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۆزىمىزنىڭ ئەجىلى بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلغاي ~~ جان خۇدانىڭ تەن مۇستاپانىڭ...ئگسگەلازىم بولغاندا قايسى ئۇسۇلدا ئالمەن دىسە بىرمىز دە ...
شۇڭا ھاياتنى ھەرسائەت ھەر مىنۇت قەدرلشمىز لازمدۇر...
بەت:
[1]